باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 17-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى

ئاساسىي قاتلامنى ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىپ، دادىل ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىيلىشىپ خەلققە بەخت يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

2015.10.14 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 13-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 16 - قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەز ماقۇللىغان ئىسلاھات لايىھەلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چوقۇم ئوخشىمىغان جايلارنىڭ پەرقلىق ئىزدىنىشىنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئۇنى قوللاش كېرەك. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ۋەزىپىسى قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى ئاساسىي قاتلامدا ئىزدىنىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە شۇنچە ئېتىبار بېرىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىپ، دادىل ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈشنى ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى قىلىپ، مەسىلە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات لايىھەسىنى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈش مەسىلىسى، مەنپەئەتنى تەڭشەشتىكى توسالغۇ مەسىلىسى، ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مەسئۇلىيەت مەسىلىسىنى زور كۈچ بىلەن ياخشى ھەل قىلىپ، ئىسلاھاتنى توغرا، تەپسىلىي ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئارزۇسى، خەلقنىڭ يۈزلىنىشى قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، خەلققە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىش كېرەك.ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا «مەمۇرىي ئەرزگە جاۋاب بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»، «دۆلەت بېجى، يەر بېجى ئېلىش ۋە باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى»، «بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «زىددىيەت، تالاش-تارتىشنى كۆپ مەنبەلىك پەسەيتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەمۇرىي دەۋا بولسا مەمۇرىي تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىدىغان، خەلق، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزگەنلىكىنى نازارەت قىلىدىغان مۇھىم قانۇن تۈزۈم. مەمۇرىي ئەرزگە جاۋاب بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى بولۇپ، مەمۇرىي سوت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى توسالغۇلارنى، مەمۇرىي دەۋا تۈزۈمى فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپلا قالماستىن يەنە مەمۇرىي باشقۇرۇش ئەمەلىيىتىنى ئويلىشىپ، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشنى قاتتىق تەلەپ قىلىدۇ. مەمۇرىي ئورگانلار خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەمۇرىي دېلولارنى قوبۇل قىلىشى ۋە سوت قىلىشىنى قوللاپ، خەلق، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئەرز قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاقلاپ ئىسپات كۆرسىتىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، سوتقا چىقىپ ئەرزگە جاۋاب بېرىش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتنى ياخشى ئېچىشىغا ماسلىشىشى كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي تارماقلارنىڭ ئەرزگە جاۋاب بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مەمۇرىي ئەرزگە جاۋاب بېرىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باھالاش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي ئەرزگە جاۋاب بېرىش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر