باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزى ئېلان قىلىندى

2015.10.15 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 2014- يىلى 10- ئاينىڭ 15- كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە ئەدەبىيات- سەنئەت ۋە ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ رولى ۋە بۇرچىنى چوڭقۇر شەرھىلىدى،ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ گۈللىنىشىگە ئالاقىدار نېگىزلىك، يۆنىلىشلىك زور مەسىلىلەرگە ئىجابىي جاۋاب بەردى، يېڭى تارىخى شارائىتتا ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، جۇڭگو روھى سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ روھى، دەۋرگە مۇناسىپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يارىتىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. بۇ سۆز سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات- سەنئەتنى راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ سۆزنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرىدىغان ئاساسىي ھۆججەت بولۇپ قالىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر