باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پېنسىيەگە چىقىش ۋاقىتىنى كېچىكتۈرۈشنى خاتا چۈشىنىشكە بولمايدۇ

خەلق گېزىتى

2015.10.16 17:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت قاتلىمىدىن قارىغاندا، پېنسىيەگە چىقىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئەمگەك كۈچى تەمىناتىنى ئاشۇرىدۇ؛ جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئېيتقاندا، كەلگۈسىدىكى كۈتۈنۈشنىڭ چىقىم ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.

  يېقىندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرى يىن ۋېيمىن: دۆلىتىمىز ھازىر دۇنيا بويىچە پېنسىيەگە چىقىش ۋاقتى ئەڭ بۇرۇن دۆلەت ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا، تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈلىدىغان پېنسىيەگە چىقىش ۋاقىتىنى كېچىكتۈرۈش سىياسىتىنى تۈزۈشكە توغرا كېرەك، دېدى.

  بۇ سۆزنىڭ ئېيتىلىشى بىلەن، جامائەت پىكىرى قوزغىلىپ كەتتى. نۇرغۇن كىشى قارشى تۇردى. ئەمەلىيەتتە، ئوبيېكتىپ تەھلىل قىلغاندا، بۇنىڭدا كۆپچىلىكنىڭ تۈپ مەنپەئەتى ئويلىشىلغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ. قانداقسىگە بۇنداق دەيمىز؟

  دۆلىتىمىزدە ياشانغانلار كۆپىيىشكە باشلىدى، كۈتۈنۈش مەسىلىسى بارغانسىرى ئېغىرلاشماقتا. ياشلارنىڭ ئازلاۋاتقانلىقى، ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى؛ پۇل تاپىدىغانلارنىڭ ئازلاۋاتقانلىقى، پۇل خەجلەيدىغانلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بۇ پاكىت ھەممىگە ئايان. شۇڭا، كۈتۈنۈش پۇلى چىقىمىنىڭ بېسىمىمۇ بارغانسىرى ئېغىرلاشماقتا.

  كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىىنى ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ياشانغانلار بىلن ياشلار ئارىسىدىكى «لىڭگىرتاقتاق» دېيشكە بولىدۇ، بۇ تەرىپى كۆتۈرۈلسە، يەنە بىر تەرىپى پەسلەيدۇ، ئۆزىمىزدىن چىقىش قىلىپ ئويلاشساق، ھەممەيلەن بالدۇر پېنسىيەگە چىقساق، كىمنىڭكىنى يەيمىز؟ دېگەن بۇ قائىدىنى چۈشىنەلەيمىز.

  ئۇنىڭ ئۈستىگە، ياشانغانلار دېگەن بۇ ئۇقۇم ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ. ئىلگىرى، كىشى 50 ياشقا بارغاندىلا چاچلىرى ئاقىرىپ، چىشلىرى بوشاپ كېتەتتى. ھازىر، داۋالىنىش شارائىتى ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۆستى، 70 ياشلىق كىشىمۇ شوپۇرلۇق مەكتەپتە ئوقىسا بولىدۇ. شۇڭا، دۆلەتنىڭ پېنسىيەگە چىقىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشنى ئويلاشقانلىقى، تۇيۇقسىزلا چىقارغان قارار ئەمەس.

  پېنسىيەگە چىقىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە پايدىسى−ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇسنىڭ كۆلىمى كېڭىيىپ، ھەر بىر ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇس بېقىشقا تېگىشلىك پېنسىيەچىلەر ئازىيىدۇ. دۆلەت قاتلىمىدىن قارىغاندا، پېنسىيەگە چىقىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئەمگەك كۈچى تەمىناتىنى ئاشۇرىدۇ؛ جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئېيتقاندا، كەلگۈسىدىكى كۈتۈنۈشنىڭ چىقىم ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ؛ شەخسلەر قاتلىمىدىن قارىغاندا، چوڭ دەريادا سۇ بولسا، كىچىك دەريادىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر