باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شانلىق«12- بەش يىل»دىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە نەزەر

2015.10.16 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «شانلىق 12- بەش يىل»غا ئالاقىدار دوكلات يىغىنىنىڭ 10- قېتىملىق دوكلات يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

  پەن-تېخنىكغا تايىنىش ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم كۆرسەتتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەزگە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى، مەركەز دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۇسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم 15- ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن «شانلىق 12- بەش يىل»ئالاقىدار دوكلات يىغىنىنىڭ 10- قېتىملىق دوكلات يىغىنى ئۆتكۈزدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋەن گاڭ تەكلىپ بىلەن «12- بەش يىل»دىن بۇيانقى، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى دۆلىتىمىز پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر توغرىسىدا دوكلات بەردى.

  مىنىستىر ۋەن گاڭ دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:«12- بەش يىل»دىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە ئىجادىيەت ئىشلىرى تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش پارتىيە ۋە دۆلەت ئومۇمىيىتىدە بارغانسېرى مۇھىم ئورۇندا تۇردى. بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىشتەك تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىپ، ئومۇمىي سەۋىيەسىنى تېزلىتىپ مىقدارنى ئاشۇرۇشتىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈش باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ، پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ ئىقتىساد، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. ئاساسىي تەتقىقات ساھەسىدە، كۋانتلىق تەڭشەش، نيېترىنولۇق تەۋرىنىش، 90α رامۇق ئاقسىلى، ciPS غۇل ھۆجەيرىسى قاتارلىق ساھەلەردە ئىجادىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى،دۆلىتىمىزنىڭ ئىلىم پەن تەتقىقاتى جەھەتتە خەلقئارادا تەسىرى زورايدى. ئىستىراتېگىيەلىك يۇقىرى تېخنىكا ساھەسى، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى، ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى، دېڭىز تىگىنى تەكشۈرگۈچ، دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش، چۆمۈچ يۇلتۇز يول باشلاش سىستېمىسى قاتارلىق ساھەلەردە زور بۆسۈش قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى مۇھىم قورالغا ئايلاندى. پەن-تېخنىكىنى ئاساس قىلغان كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى جەھەتتە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۈمۈريول، 4G كۆچمە ئالاقىچىلىكى، يادرو ئېلېكتىر، ئېلېكتىروموبىل، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئالاھىدە تىرانسىفورماتور، شالغۇت شال قاتارلىق ساھەلەردە يارىتىلغان يېڭى نەتىجىلەر تېز قوللىنىلدى، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىسادىي تىپنى ئۆزگەرتىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. پەن- تېخنىكا تۈزۈلمىسىنى باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىش جەھەتتە، دۆلەت پەن-تېخنىكا پىلانى ئىسلاھاتىدا مۇھىم بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈلۈپ، كارخانىنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى سوبيېكتىپ ئورنى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى، دۆلەت مۇستەقىل ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ۋە يۇقىرى يېڭى پەن- تېخنىكا رايونى رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تىپنى ئۆزگەرتىش دەرىجىسنى ئۆستۈرۈش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىياتتىكى يادرولۇق ۋاستە بولۇپ قالدى، پۇقرالار ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى .(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر