باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ ئاسىيادىكى پارتىيەلەر«يىپەك يولى» مەخسۇس يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن چەت ئەلنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2015.10.16 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئاسىيادىكى پارتىيەلەر «يىپەك يولى» مەخسۇس يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، جۇڭگوغا كەلگەن چەت ئەلنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.(شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى) خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئاسىيادىكى پارتىيەلەر «يىپەك يولى» مەخسۇس يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن چەت ئەلنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يىغىن «يىپەك يولىنى قايتا قۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» نى باش تېما، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدىگەن ئىنتايىن مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىن. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش يىپەك يولى لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى ۋە رايون ئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماستىن يەنە ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشىنى كۈچەيتىش، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، يىپەك يولى لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ خەلقىگە بەخت يارىتىدىغان ئۇلۇغ ئىش. بۇ قېتىملىق مەخسۇس يىغىننىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر