باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

20 تۈرلۈك مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى نامرات رايونلارنى ئومۇميۈزلۈك قاپلايدۇ

2015.10.16 17:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 15-ئۆكتەبىر مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە: 20 تۈرلۈك مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئومۇميۈزلۈك قاپلاش سىياسىتى ماقۇللىنىپ يولغا قويۇلغان، ئېلىمىز نامرات رايونلاردىكى ھەر بىر مەكتەپنى ياخشى باشقۇرۇش، ھەر بىر ئوقۇتقۇچىغا كېڭەيتىش، ھەر بىر بالىنى ياخشى تەربىيىلەشكە تىرىشىۋېتىپتۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 20 تۈرلۈك سىياسەت تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن:

  1. ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى.

  2. نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي ئوقۇتۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش.

  3. يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشىنى ياخشىلاش پىلانى.

  4. ئوقۇغ يېشىغا توشمىغانلار پائارىپىغا ياردەم بېرىش سىياسىتى.

  5. مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى «ئىككى كەچۈرۈم، بىر ياردەم» (پارچە ئوقۇش خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلىش، دەرسلىك كىتاب خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلىش، ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش).

  6. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش سىياسىتى.

  7. ئوتتۇرا تېخنىكوم مائارىپىدا ئوقۇش خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلىش، تۇرمۇش خىراجىتى ياردەم بېرىش سىياسىتى.

  8. ئالىي مائارىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش سىياسىتى.

  9. شىزاڭدىكى 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ ۋە شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 14 يىللىق ھەقسىز مائارىپ.

  10. مائارىپ ئارقىلىق شىزاڭ ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سىياسىتى.

  11. شىنجاڭ بىلەن ئىچكى ئۆلكە، شەھەرلەردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئارىسىدىكى «مىڭ مەكتەپ قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىش» پائالىيىتى.

  12. سىچۈەننىڭ زاڭزۇ رايونىدىكى «3+9» ھەقسىز مائارىپ پىلانى.

  13. ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئاز سانلىق مىللەت سىنىپى سىياسىتى.

  14. ئاز سانلىق مىللەت تەييارلىق سىنىپى ۋە ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى قاتلام تايانچ ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيىلەش پىلانى.

  15. كەسپىي مائارىپتىكى كوللىكتىپ نىشانلىق ياردەم.

  16. نامرات رايونلارغا يۈزلەنگەن نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەخسۇس پىلانى.

  17. شىنجاڭ ۋە شىزاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە كوللىكتىپ نىشانلىق ياردەمنى قانات يايدۇرۇش.

  18. بىۋاسىتە قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەردە نۇقتىلىق نامراتلارنى يۆلەش.

  19. «دۆلەت نامرات رايونلاردىكى بالىلار تەرەققىياتى يىرىك پىلانى (2014-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە)». «يىرىك پىلان»دا 680 تۇتىتىش كەتكەن ئالاھىدە نامرات ناھىيەدىكى تۇغۇلغاندىن باشلاپ مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاخىرلاشقىچە بولغان يېزا بالىلىرى يولغا قويۇش دائىرىسى قىلىنىپ، نامرات رايونلاردىكى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان بىخەتەر تور بەرپا قىلىنىدۇ.

  20. «يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوللاش پىلانى (2015-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە)». يېزا-كەنتلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تولۇقلاش يولىنى كېڭەيتىش، يېزا كەنتلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇرمۇش تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ساپالىق، ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئىگە، يېزا-كەنتلەردە يىلتىز تارتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىنىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر