باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كانادا سايلىغۇچىلىرىنىڭ ئاۋاز بېرىش نىسبىتى نېمىشقا تۆۋەن؟

2015.10.16 17:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كانادادا تۆت يىلدا بىر ئۆتكۈزىلىدىغان پارلامېنت سايلىمى 19-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزىلىدۇ، سايلام رىقابىتى ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەن بولسىمۇ، سايلىغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى ئۇنچە يۇقىرى بولمىدى.

  كانادا سايلام كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، كانادا سايلىغۇچىلىرىنىڭ فېدىراتسىيە سايلىمىدىكى ئاۋاز بېرىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا، %80 سايلىغۇچى فېدىراتسىيە سايلىمىدا ئاۋاز بەرگەن، ئەمما 2011-يىلىدىكى سايلامدا ئاۋاز بېرىش نىسبىتى %60كە چۈشۈپ قالغان.

  سانلىق مەلۇماتلار تەھلىلىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاۋاز بېرىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن كىشىلەر توپى ياشلارغا مەركەزلەشكەن. 2011-يىلىدىكى سايلامدا، 18 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان سايلىغۇچىلاردىن ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەنلەر %40كىمۇ يەتمىگەن، 65 ياشتىن 74 ياشقىچە بولغان سايلىغۇچىلارنىڭ ئاۋاز بېرىش نىسبىتى %75كە يەتكەن.

  بەزى مۇتەخەسسىسلەر تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ياشلارنىڭ ئاۋاز بېرىش ئاكتىپلىقىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقىدا مۇنداق ئىككى سەۋەب بار. بىرى، ئىدىيەۋى ئاڭدىكى ئۆزگىرىش. كانادالىق ئىجتىمائىي ئوبزورچى مايكول ئادام مۇنداق دەپ قارىدى: جەمئىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك قىممەت قارىشى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەردى، پېشقەدەم كىشىلەر نوپۇزغا بويسۇنۇشقا ئادەتلەنگەن، ھالبۇكى ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ئۆزلۈك ئېڭى تېخىمۇ كۈچلۈك. 60 ياشتىن ئاشقان كانادالىقلارنىڭ %83ى ئاۋاز بېرىش پۇقرالارنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ قارايدۇ، ئەمما 18 ياشتىن 39 ياشقىچە بولغان كىشىلەر ئىچىدە بۇ قاراشنى ياقلايدىغانلار يېرىمغىمۇ يەتمەيدۇ.

  يەنە بىرى، ياشلارنىڭ ئاۋاز بېرىش نىسبىتى تۆۋەن بولغاچقا، نامزاتلار ئاۋاز توپلىغاندا تەبىئىيلا بۇ كىشىلەرگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. نامزاتلار ياشلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مائارىپ، ئوقۇش ھەققى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىغاندا، پېنسىيە پۇلى پىلانى ياكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزىمى قاتارلىقلارنى تېخىمۇ بەكرەك تەشۋىق قىلىپ، ئاۋاز بېرىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان ئوتتۇرا ياش، ياشانغان سايلىغۇچىلارنى جەلب قىلىشنى ئويلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ياشلار سايلامنىڭ ئۆز مەنپەئەتى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى يوق، دەپ قاراپ، ئاۋاز بېرىش قىزغىنلىقىمۇ تەبىئىيلا سۇسلىشىدۇ.

  بۇندىن باشقا، سايلام تەدرىجى ھالدا پۇل سورۇيدىغان سىياسىي ئويۇنغا ئايلىنىپ قېلىپ، سايلىغۇچىلارنىڭ ئىشەنمەسلىك تۇيغۇسى كۈچىيىپ قالدى. كانادادا بۇ يىل 23 پارتىيە-گۇرۇھ سايلامغا قاتنىشىش ئۈچۈن تىزىمغا ئالدۇردى، ئەمما ھەقىقىي رىقابەت يەنىلا قوشۇنى زور، مەبلەغ ئاساسى كۈچلۈك كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى، ھۆرلۈك پارتىيەسى ۋە يېڭى دېموكراتىيە پارتىيەسىدىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسلىق پارتىيە-گۇرۇھ ئارىسىدا بولىدۇ. نۇرغۇن سايلىغۇچىلار مالىيە كۈچىنىڭ ئاۋازدىنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئۆزى ئاۋاز بەرگەن تەقدىردىمۇ سىياسىنىڭ مالىيە تەرىپىدىن كونترول قىلىنىش رېئاللىقىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى تەدرىجى تونۇپ يەتتى. بۇندىن باشقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سايلام بارغانسېرى كۆڭۈل ئېچىشكە ئوخشاپ قالدى، بەزى تەشۋىقات ۋە ئاممىۋى مۇناسىۋەت ھالقىلىرىدا نامزاتلار مۇنتىزىم سىياسىيونلارغا ئەمەس بەلكى، كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى چولپانلارغا ئوخشاپ قالدى، بۇمۇ نامزاتلارنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، كىشىلەرنىڭ ئىشەنمەسلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىۋەتتى.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، سايلامدا ئاۋاز بېرىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى كىشىلەرنىڭ سىياسىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بارغانسېرى كۆپلىگەن كانادالىقلار مۇراجىئەتنامىگە قول قويۇش ياكى نامايىشقا قاتنىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق سىياسىي تۇرمۇشقا قاتناشتى. كىشىلەرنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئۇسۇللىرى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، قانداق قىلىپ سايلىغۇچىلارنىڭ قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرۈش، كىشىلەرنىڭ سىياسى ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىسىنى قايتا تۇرغۇزۇش – كانادا جەمئىيىتى قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان بىر كەسكىن مەسىلىگە ئايلاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر