- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيورۇسىنىڭ 27 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:
دۇنيانى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋەدۇنياتىنچلىقى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىش كېرەك
2015.10.19 14:11 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 21 - ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن دۇنيانى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى ۋە تۈزۈلمىسى توغرىسىدا 27 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنيانى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشتىكى تۈپ مەقسىتىمىز «قوش 100 يىل»كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت. ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، تىرىشىپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسقا مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى - تاشقى ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق شارائىت يارىتىشىمىز كېرەك.
دىپلوماتىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى چىن ياچىڭ بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بەردى ھەم پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى.
شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنياۋى خىرىسلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن، دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ئومۇمىي يۈزلىنىش بولۇپ قالدى. بۇ دۇنياۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە خەلقئارا تەرتىپ ۋە خەلقئارا سىستېمىنىڭ قائىدىسى، نىشانىنى بېكىتىشكە مۇناسىۋەتلىك؛ تەرەققىياتتا ئۈستۈنلۈكنى تالىشىشقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا تەرتىپ ۋە خەلقئارا سىستېمىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك، تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئورنى ۋە رولىغا مۇناسىۋەتلىك. بىزنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يادرو قىلىنغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش، توغرا مەنپەئەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇش، ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش قاتارلىق ئىدىيە ۋە تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز دەۋر ئېقىمى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر دۇنيادا تۈرلۈك تىركىشىش ۋە ئادالەتسىزلىكلەرنىڭ يۈز بېرىشى ب د ت نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى بۇ ئاساسىي مەقسەت ۋە پىرىنسىپلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئادا قىلىنمىغانلىقىدىن بولدى. ب د ت نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپى يادرو قىلىنغان خەلقئارا تەرتىپ ۋە خەلقئارا سىستېمىنى قەتئىي قوغدىشىمىز، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە مېۋىسىنى مۇستەھكەملەپ، ئوچۇق دۇنياۋى ئىقتىساد تۈزۈلمىسىنى پائال قوغداپ، سودا ۋە سېلىنما قورۇقچىلىقىغا بايرىقىمىز روشەن قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئاساس قىلىشتا، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلىك ئورنىمىزدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھوقۇق بىلەن مەجبۇرىيەتنىڭ ئۆزئارا تەڭپۇڭلۇقىدا چىڭ تۇرۇشىمىز، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ دۇنياغا بولغان تەلىپىنىلا ئەمەس، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دۆلىتىمىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنيانى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىدىكى ئادىل، مۇۋاپىق بولمىغان ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئىسلاھ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، دۇنيا بانكىسى قاتارلىق خەلقئارا ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە تەشكىلاتلىرىنىڭ خەلقئارا ئەندىزىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ئىنكاس قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، بولۇپمۇ گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتىكى ھوقۇق، پۇرسەت، قائىدىدە باراۋەر بولۇشىنى، دۇنيانى ئىدارە قىلىش قائىدىسىنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنىڭ كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئارزۇسى ۋە مەنپەئىتىنى تېخىمۇ تەڭپۇڭ ئەكس ئەتتۈرۈشىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. خەلقئارا ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە ساھەسى، گۈللەنمە ساھەلەر، رايونلار ھەمكارلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى مېخانىزم ۋە يېڭى قائىدە ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ھەمكارلىق مېخانىزمى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بايلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، تور ئۇچۇر بىخەتەرلىكى، كىلىمات ئۆزگىرىشى بىخەتەرلىكى، تېررورلۇققا زەربە بېرىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: دۇنيانى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ئىدىيە جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش قائىدىسىدە تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولۇش تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئىنسانىيەتنىڭ تۈرلۈك ئېسىل مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ. دۇنيانى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىكى ئاكتىپ بولغان جاھاندارچىلىق ۋە باشقۇرۇش ئىدىيەسىدىن ھازىرقى زاماننىڭ ئەكس ساداسىنى ئاكتىپ قېزىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەشەببۇسلارنى داۋاملىق بېيىتىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتەك دۇنيانى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر