باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ كۆمۈر گازىنى سىرتقا يەتكۈزۈش تۈرى تەستىقلاندى

2015.10.16 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو نىفىتلىكىنىڭ شىنجاڭنىڭ كۆمۈر گازىنى سىرتقا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى تەستىقلاندى، شىنجاڭدىن گۇاڭدۇڭغا توشۇلىدىغان گازنىڭ مىقدارى 30 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدۇ.

  بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تورىدا ئاشكارىلىنىشىچە، جۇڭگو نىفىتلىكىنىڭ شىنجاڭنىڭ كۆمۈر گازىنى سىرتقا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى تەستىقلانغان بولۇپ، بۇ مەزكۇر تۈرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلىنىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭنىڭ گازىنى سىرتقا يەتكۈزۈش مەملىكىتىمىزنىڭ غول لىنىيەدە تەبىئىي گازنى يۆتكەش ئىقتىدارنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئوتتۇرا شەرقىي قىسىم رايونلىرىنىڭ تەبىئىي گازغا بولغان ئېھتىياخنى قاندۇرۇشتا، شىنجاڭ ۋە دېڭىز رايونىدىكى جايلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  دۆلىتىمىزنىڭ «12.5» يىللىق پىلانىنىڭ چوڭ تىپتىكى ئېنىرگىيە تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ تۈرگە سىلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ 132 مىليارد 217 مىليۇن يۈەن بولۇپ، ئاساسلىقى بىر تال غول لىنىيە ۋە ئالتە تال تارماق لىنىيە قۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 8400 كىلومېتىر. تورۇبا شىنجاڭ، گەنسۇ، نىڭشيا، شەنشى، خېنەن، شەنسۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، جياڭشى، جېجياڭ ۋە فۇجيەن قاتارلىق 13 ئۆلكە (رايون)دىن ئۆتىدۇ. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر