باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ناھىيەلەردىن ئۈچتە قاتتىق، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇش تەربىيەسىنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىندى

2015.10.16 17:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى يېقىندا «ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئۈچتە قاتتىق، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇش مەخسۇس تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قىلىدىغان ئىشنى قالايمىقان قىلىش قاتارلىق ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقىرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئۈچتە قاتتىق، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇش مەخسۇس تەربىيەسىدە، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قىلىدىغان ئىشنى قالايمىقان قىلىش قاتارلىق ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ناھىيە دەرىجىلىك پارتكوملار تۆۋەندىكى تۆت ئىشنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشكە ياخشى تەشكىللىشى كېرەك: قىلىدىغاننى قىلماسلىق مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش، بۇنىڭدا ئىش بېجىرگەندە ئاممىغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىش، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار ئورۇنلاشتۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئالداپ-سالداپ ئورۇنلىغان بولۇۋېلىش، خىزمەتتە جانلىق بولماسلىق، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتا دادىل بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر مۇھىم نۇقتا قىلىنىشى لازىم؛ قىلىدىغان ئىشنى قالايمىقان قىلىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش، بۇنىڭدا قائىدە، تەرتىپكە ئەھمىيەت بەرمەي ئىش بېجىرىش، ئاممىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ياخشى ئاڭلىماسلىق، قالايمىقان ھەق يىغىش، قالايمىقان جەرىمانە قويۇش، قالايمىقان سېلىق سېلىش، ئىشنى ئادىل بېجىرمەسلىك، مەجبۇرىي ئىگىلىۋېلىش، مەجبۇرىي چېقىش قاتارلىق ئىشلار مۇھىم نۇقتا قىلىنىشى كېرەك؛ خىيانەتچىلىك، چىرىكلىك، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش، بۇنىڭدا كوللېكتىپنىڭ مۈلۈكىنى خىيانەت بىلەن ئىگىلىۋېلىش، باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىۋېلىش، خالىغانچە بۇزۇپ چېچىش، دۆلەتنىڭ تولۇقلىما، ياردەم پۇللىرىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش مەبلىغىنى تۇتۇپ قېلىش، قىسىۋېلىش، كۆز بوياپ ئېلىۋېلىش، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، ئوتتۇرىدىن نەپ ئېلىش، ئۆز يانچۇقىنى تولدۇرۇش قاتارلىقلار مۇھىم نۇقتا قىلىنىشى لازىم؛ قانۇن ئىجراسىدا ئادىل بولماسلىق مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش، بۇنىڭدا قانۇننى زورلۇق بىلەن ئىجرا قىلىش، قانۇننى تاللىما ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئۆز مەيلىچە ئىجرا قىلىش، دېلونى مۇناسىۋەت، ئادەمگەرچىلىك، پۇل ئۈچۈن بېجىرىش قاتارلىقلار مۇھىم نۇقتا قىلىنىشى كېرەك، تۈرگە بۆلۈپ، مەسىلە تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، ئىش، ئورۇن، ئادەملەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. ئۈچتە قاتتىق، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇشنى مەخسۇس ئۆگىنىپ مۇھاكىمە قىلغاندا، ساقلانغان مەسىلىلەرنى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ، مەنبەسىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، تۈزەش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. بۇ يىل 10-ئايدىن 12-ئايغىچە بىر قېتىم مەخسۇس تۈزەپ، دۇرۇس ئىستىل، قاتتىق ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قىلىدىغان ئىشنى قالايمىقان قىلىش قاتارلىق ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىلىرىگە كەسكىن مۇئامىلە قىلىپ، بىرى بايقالسا بىرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، ئاشكارىلاش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر