- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونىمىزدا 82 خىل خەلقئارالىق ئۆلچەمدىكى مەھسۇلات كۆپەيدى
2015.10.16 14:42 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14- ئۆكتەبىر بولسا 46-قېتىملىق «دۇنيا ئۆلچەم كۈنى»، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت - تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى ئېچىلغان 2015 - يىلى دۇنيا ئۆلچەم كۈنىنى خاتىرىلەش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 45 كارخانىنىڭ 82 خىل مەھسۇلاتى خەلقئارالىق ئۆلچەم بەلگىسىنى ئىشلىتىش گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلقئارا ئۆلچەمنى قوللىنىش خىزمىتى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كارخانىلار پائال قاتناشتى. ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى «خەلقئارالىق ئۆلچەملىك مەھسۇلات بەلگىسىنى ئىشلىتىش گۇۋاھنامىسى» سانى 332 گە يەتكەن بۇلۇپ،كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلارنىڭ كوزىر مەھسۇلاتلىرىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش نىسبىتى مۇقىم ئاشتى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر