باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىككى ئۇچقۇچىلار ئىنىستىتۇتى شىنجاڭدىن ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىدۇ

2015.10.16 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-چېسلا، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاۋىئاتسىيە ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچقۇچىلار ئىنىستىتۇتى ۋە جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىئاتسىيەسى ئۇچقۇچىلار ئىنىستىتۇتى تولۇق كورس باسقۇچىدىكى ئۇچۇش ماھارەت تېخنىكىسى كەسپىگە شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچى سانى ئايرىم ـ ئايرىم 15 ۋە 35 ئىكەن، تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى 20-ئۆكتەبىردىن 20-دېكابىرغىچە.

  ئىككى ئالىي مەكتەپنىڭ شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئوبيكتى 2016-يىلى مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتناشقان ھەمدە خەنزۇتىلى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا تىزىملاتقان، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەن سىنىپىدا ئوقۇغان ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار.

  ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچى شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇر تورى (http://www.xjzk.gov.cn)غا چىقىپ ئەھۋال ئىگىلىسە ياكى جەنۇپ ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ شىنجاڭ تارماق شىركىتى ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ. تېلېفون نومۇرى: 15199166952 (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر