باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە چەتئەلگە سېلىنغان مەبلەغ %16.5 ئاشتى

2015.10.16 17:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سودا مىنىستىرلىقى چەتئەلگە مەبلەغ سېلىش ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جۇ ليۇجۈن تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، ئېلىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلىدىن باشقا تۈرلەردە چەتئەللەرگە بىۋاسىتە سالغان مەبلىغى 87 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.5 ئېشىپ، ئېلىمىزنىڭ چەتئەللەرگە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىدا داۋاملىق بىر قەدەر تېز ئېشىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، چەتئەللەرگە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىدا، مەبلەغ سېلىش بىلەن بىرىكتۈرۈپ سېتىۋېلىش جانلىق بولۇپ، يارقىن نۇقتىلار گەۋدىلەنگەن. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئېلىمىز كارخانىلىرى چەتئەللەردە بىرىكتۈرۈپ سېتىۋالغان تۈر 324 بولۇپ، 50 دۆلەت ۋە رايونغا ئالاقىدار بولغان، ئەمەلىي سودا ئومۇمىي سوممىسى 20 مىليارد 180 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. بىرىكتۈرۈپ سېتىۋېلىش تۈرلىرى ياسىمىچىلىق، يۇمتال، ئۇچۇر تېخنىكا مۇلازىمىتى قاتارلىق 18 ساھەگە ئالاقىدار بولغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر