باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە مۇناسىۋەتلىك 20 تۈرلۈك سىياسەت يولغا قويۇلىدۇ

2015.10.16 17:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا تۇتاش كەتكەن نامرات رايونلار جايلاشقان ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئومۇملاشتۇرۇشنى باشلاش مۇراسىمىنى تەڭلا ئۆتكۈزدى، بۇنىڭدىن كېيىن يەسلى مائارىپى، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى، كەسپىي مائارىپ، ئالىي مائارىپ، داۋاملاشما مائارىپ، نامرات ئائىلىلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئىبارەت يەتتە قاتلام بويىچە پۈتۈن ساھەلىك جۈپلىشىپ نامراتلارنى يۆلەش مۇناسىۋىتى ئورنىتىلىدۇ.

  18-قۇرۇلتايدىن بۇيان، مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئومۇملاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك 20 تۈرلۈك سىياسەتنى ئىلگىرى-كېيىن يولغا قويۇپ، ھەم نامرات رايونلارنىڭ مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇردى، ھەم كونكىرت قوللاش تۈرلىرىنى يولغا قويدى. بۇ سىايسەتلەر ھەم ئادەتتىكى مائارىپقا، ھەم كەسپىي تېخنىكا مائارىپىغا، ھەم ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنى ياخشىلاشقا، ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىش، بىرگە تولۇقلىما بېرىش، «2015-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوللاش پىلانى» قاتارلىق مەزمۇنلارنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر