باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كېلەر يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزدا سۇ بايلىقى ھەققى ئۆلچىمى تەڭشىلىدۇ

2015.10.19 14:06         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىزنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 2016 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يېڭىدىن سۇ بايلىقى ھەققى ئۆلچىمىنى يولغا قويىدىكەن. 2005 - يىلىدىكى سۇ بايلىقى ھەققى ئۆلچىمى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى سۇ بايلىقى ھەققى ئۆلچىمىنى تەڭشەشتە ھەق ئېلىش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ئۆلچەم سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ سۇ بايلىقى ھەققى ئۆلچىمى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر (بازار)لاردىكى تۇرۇبا سۈيى ۋە سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا يېزا ئىگىلىكىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۆلچىمى ئازراق ئۆستۈرۈلگەن، سانائەت، سودا، مۇلازىمەت كەسپى، نېفىت، تەبىئىي گازنى ئېچىش قاتارلىق ساھەلەردە سۇ بايلىقى ھەققى ئۆلچىمى كۆپرەك ئۆستۈرۈلگەن، 30 يىللىق ھۆددە بېرىلگەن يەردىن باشقا يەرلەرنىڭ سۇ بايلىقى ھەققى ئۆلچىمى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلگەن.

  يېڭى سۇ بايلىقى ھەققى ئېلىش ئۆلچىمى، ئاساسلىقى، شەھەر ئاممىۋى تۇرۇبا سۈيى، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلمەيدىغان سۇ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ، نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىشتا ئىشلىتىلىدىغان سۇ ۋە يېزا تۇرمۇشى، باقمىچىلىق، جامائەت ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان سۇدىن ئىبارەت بەش تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇ بايلىقى ھەققى ئۆلچىمى رايونلارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىككى رايونغا بۆلۈنگەن: 1 - رايون ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، شىخەنزە شەھىرى، قاراماي شەھىرى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قۇمۇل ۋىلايىتى، تۇرپان ۋىلايىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۇيتۈڭ شەھىرى، تارغاباتاي ۋىلايىتىنىڭ شىخو شەھىرى، ساۋەن ناھىيەسىنى كۆرسىتىدۇ؛ 2 - رايون ئىلى ئوبلاستى (كۈيتۈن شەھىرىدىن باشقا)، ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى (شىخو شەھىرى، ساۋەن ناھىيەسىدىن باشقا)، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتىنى كۆرسىتىدۇ.

  يېڭى سۇ بايلىقى ھەققى ئېلىش ئۆلچىمىدە، ئاھالىلەر تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان شەھەر (بازار)لاردىكى ئاممىۋى تۇرۇبا سۈيى، 1 - رايون ۋە 2 - رايون يەر ئاستى سۈيىنىڭ سۇ بايلىقى ھەققى ئۆلچىمى 0.12 يۈەن/كۇب مېتىر ۋە 0.09يۈەن/كۇب مېتىر، يەر ئۈستى سۈيىنىڭ سۇ بايلىقى ھەققى ئۆلچىمى ئايرىم - ئايرىم 0.06 يۈەن/كۇب مېتىر ۋە 0.05 يۈەن/كۇب مېتىر بولدى.

   تەڭشەلگەندىن كېيىنكى يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلمەيدىغان سۇ بايلىقى ھەققى، شەھەر (بازار)لاردىكى تۇرمۇش، كۆكەرتىش ۋە ئاممىۋى ئىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىدىغان زاپاس سۇ بايلىقى ھەققى ئۆلچىمى شەھەر (بازار)لاردىكى ئاممىۋى تۇرۇبا سۈيى بايلىقى ھەققىنىڭ ئىككى ھەسسىسىچىلىك قىلىپ بېكىتىلدى؛ سانائەت، سودا، مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىق ساھەلەردىكى زاپاس سۇ بايلىقى 1 - رايون ۋە 2 - رايوندا ئىشلىتىلىدىغان يەر ئاستى سۈيىنىڭ سۇ بايلىقى ھەققى ئۆلچىمى ئايرىم - ئايرىم 1.2 يۈەن/كۇب مېتىر، 1.0 يۈەن/كۇب مېتىرغا ئۆستۈرۈلدى، يەر ئۈستى سۈيىنىڭ سۇ بايلىقى ھەققى ئۆلچىمى يەر ئاستى سۈيى ئۆلچىمىنىڭ %50چىلىك قىلىپ بېكىتىلدى؛ ماشىنا يۇيۇش، مىنېرال سۇ ئىشلەش، ساپ سۇ ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ساھەلەردىكى زاپاس سۇ بايلىقى مەنبەسى ئۆلچىمىدە شەھەر (بازار) دائىرىسىدىكى سانائەت، سودا، مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ تۆت ھەسسىسىچىلىك قىلىپ بېكىتىلدى؛ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدىكى يېزا ئىگىلىكىنى سۇ بىلەن تەمىنلەشكە ئىشلىتىدىغانلىرىدىن باشقىلىرى 1 - رايون ۋە 2 - رايوندا يەر ئاستى سۈيىنىڭ سۇ بايلىقى ھەققى ئۆلچىمى 0.5 يۈەن/كۇب مېتىر، 0.4 يۈەن/كۇب مېتىر بويىچە، يەر ئۈستى سۈيى ئۆلچىمى يەر ئاستى سۈيىنىڭ %50ى بويىچە بېكىتىلدى.

   نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىشقا ئىشلىتىدىغان سۇ بايلىقى ھەققى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە بىر تۇتاش ئۆلچەم يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، يەر ئاستى سۈيى سۇ بايلىقى ھەققى ئۆلچىمى 3.6 يۈەن/كۇب مېتىر، يەر ئۈستى سۈيى ئۆلچىمى يەر ئاستى سۈيى ئۆلچىمىنىڭ %50ى بويىچە بېكىتىلدى.

  يېزا تۇرمۇشى، باقمىچىلىق ۋە ئاممىۋى ئىشلاردا ئىشلىتىلىدىغان سۇلار 1 - رايون ۋە 2 - رايوندىكى يەر ئاستى سۈيىنىڭ سۇ بايلىقى ئۆلچىمى 0.05 يۈەن/كۇب مېتىر، 0.03 يۈەن/كۇب مېتىر، يەر ئۈستى سۈيىنىڭ سۇ بايلىقى ھەققى ئۆلچىمى 0.03 يۈەن/كۇب مېتىر، 0.02 يۈەن/كۇب مېتىر بولدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھازىرقى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغانلىرىدا سۇ باھاسى سۇ بايلىقى ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن؛ سۇ بايلىقى ھەققىنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى باشقۇرىدىغان ئورۇنلار تاپشۇرىدىكەن؛ زاپاس سۇ بايلىقى ھەققىنى سۇ ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىۋاسىتە تاپشۇرىدىكەن؛ يەر ئاستى سۈيىدىن باشقا ئېچىش رايونى دائىرىسىدىكى دېھقانلار 30 يىل ھۆددىگە ئالغان يەرلەرنى سۇغىرىشتا بىۋاسىتە يەر ئاستى سۈيىنى ئىشلەتكەندە، ئەگەر بەلگىلەنگەن نورما ئىچىدە سۇ ئىشلەتسە سۇ بايلىقى ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن، بەلگىلەنگەن نورمىدىن ئېشىپ كەتسە ياكى يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىش دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتسە سۇ بايلىقى ھەققى ئېلىنىدىكەن؛ 30 يىللىق ھۆددىگە ئېلىش دائىرىسىدە بولمىغان يەرلەرنى سۇغىرىشتا يەر ئاستى سۈيى، يەر ئۈستى سۈيىنى ئىشلەتكەنلەردىن ئومۇميۈزلۈك سۇ بايلىقى ھەققى ئېلىنىدىكەن؛ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدىن ۋاقتىنچە سۇ بايلىقى ھەققى ئېلىنمايدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر