سۈرەتتە: 2014-يىللىق جۇڭگو خۇش ئاۋازى ناخشا مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن پەرھات ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015-يىلى جۇڭگو-تۇرپان 10-نۆۋەتلىك ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش موتوسىكلىت راللى مۇسابىقىسى 17-ئۆكتەبىر تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىدا باشلاندى. مەملىكەت بويىچە 131نەپەر موتوسىكلىت ماھىرى مۇسابىقىغا قاتناشتى. قاتناشقۇچىلار سانى ئۆتكەن ھەر نۆۋەتتىكىدىن 1 ھەسسە كۆپەيدى.
10-نۆۋەتلىك ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش موتوسىكلىت راللى مۇسابىقىسى 2015-يىلى 17-ئۆكتەبىردىن 23-ئۆكتەبىرغىچە ئايدىڭكۆلنىڭ ئەتراپىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. 2006-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك دالا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش موتوسىكلىت راللى مۇسابىقىسى دۆلەت ئچىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن دۆلەت موتسىكلىت تەنھەرىكىتىنىڭ A دەرىجىلىك مۇسابىقىسى بولۇپ قالدى. (مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى