باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار ۋە كارخانىلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ PPP ئەندىزىسىنىڭ كەڭ كۆلەملىك تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرىمىز

2015.10.21 16:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون 19 - ئۆكتەبىر PPP تۈرى بويىچە كېلىشىم ئىمزالاش يىغىنى ئاچتى. يىغىنغا قاتناشقان تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى تىرىشىپ شارائىت يارىتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ PPP ئەندىزىسىنىڭ كەڭ كۆلەملىك تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرىمىز، دېيىشتى.

  19 - ئۆكتەبىر ئىمزالانغان تۈرلەرنىڭ ھەممىسى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، جامائەت مۇلازىمىتى ۋە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى تۈرلەر بولدى. ئۇنىڭ ئىچىدە، ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى تۈرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى تۈرى − كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش تۇرالغۇ كاپالىتى مۇلازىمەت تۈرى بولۇپ، بۇ تۈر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۇنجى PPP ئەندىزىسى بويىچە كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شيې مىڭ مۇنداق دېدى: بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ PPP ئەندىزىسىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش ھەم بىر يۈرۈش قوللاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، PPP ئەندىزىسىنى كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىگە پائال كىرگۈزدۇق، ھازىر ئالدىنقى قارارلىق خىزمەتلەر باشلاندى. PPP ئەندىزىسى بىلەن كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھۆكۈمەتكە نىسبەتەن ناھايىتى پايدىلىق بولۇپ، بۇنىڭدا ھەم مەبلەغ مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى، ھەم ئىلغار باشقۇرۇش ئۇسۇلى قاتارلىق بايلىقلارنى كىرگۈزگىلى بولىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي - زېمىنچىلىق (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى سۈن شۇجېن بۇ تۈردىكى ئىجتىمائىي كاپىتال تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇنداق دەپ قارىدى: PPP ئەندىزىسىنى يولغا قويۇشتا ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا مەنپەئەتتىن تەڭ بەھرلىنىپ، خەۋپ - خەتەرنى تەڭ ئۈستىگە ئالىدۇ، كارخانىغا نىسبەتەن خەۋپ - خەتەر ئازىيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن خاتىرجەم، دادىل مەبلەغ سالىمىز. PPP ئەندىزىسى تېخىمۇ كۆپ ئۆي - زېمىنچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ كاپالەتلىك تۇرالغۇ تۈرىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كېلىشىم ئىمزالاش يىغىنىدىكى نەتىجىلەرنى مەركەزلىك نامايان قىلىش ۋە ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ PPP ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچى تېخىمۇ كۈچەيدى.

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق مالىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جۇ خېڭ PPP ئەندىزىسىنىڭ «تەمىنى» تېتىپ بولدى. سانجى ئوبلاستىدىكى تۇدۇڭخابا دەرياسى بويىنى تۈزەش تۈرىگە PPP ئەندىزىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزۈلۈپ، خىزمەت سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك تېزلەشكەنىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئەسلىدە بىز بۇ تۈرنى سەككىز يىلدا تاماملاشنى پىلانلىغانىدۇق، ھازىر PPP ئەندىزىسىنىڭ كىرگۈزۈلۈشى بىلەن، ئۈچ يىلدا بۇ تۈرنى ئورۇنداپ بولۇشتىن ئۈمىد بار.

  19 - ئۆكتەبىر شىنجاڭ مەدەنىيەت كەسپى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى باۋ بىن كېلىشىم ئىمزالاش يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سانجىغا بېرىپ PPP تۈرىنى كۆزدىن كەچۈردى. باۋ بىن كارخانىچى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىنجاڭدا PPP ئەندىزىسىگە قاتنىشىش پەيتى پىشىپ يېتىلىپتۇ، دەپ قارىدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى PPP ئەندىزىسىنى قوللاپلا قالماي، ئىجتىمائىي كاپىتال تەرەپنى PPP ئەندىزىسىدە نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەكلىكىنى ئېنىق بىلدۈردى. بۇ كارخانىلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. مەركەز PPP ئەندىزىسىنى يولغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، نۇرغۇن ئىجتىمائىي كاپىتال تەرەپ كۆزىتىش پوزىتسىيەسىدە بولغانىدى. لېكىن يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ سىياسىتى ۋە ئەمەلىيىتى كارخانىلارنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، ئۇلارنىڭ مەبلەغ سېلىش ئىشەنچىنى ئۇرغۇتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر