- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچىدە 23 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئەمالار كۈنى خاتىرىلەندى
2015.10.21 16:29 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
15 - ئۆكتەبىر 32 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئەمالار كۈنىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاۋات كوچىسىدىن بىرى بولغان بۇلاقبېشىدىكى «نازنا» رېستورانىدا «ئىللىق قەلب» ئىللىقلىق يەتكۈزۈش خەير - ساخاۋەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتنى «ئىللىق قەلب» ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى قېيۇم مۇھەممەت ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى «مېھرىبان ئانىلار»، «ساخاۋەتچى ئاتىلار» ۋەكىللىرى ۋە ئۈرۈمچى خەير - ساخاۋەتچىلەر ئەترىتىدىكىلەر، شۇنىڭدەك جەمئىيەتتىكى قىسمەن ساخاۋەتچىلەر، كارخانىچىلار ۋەكىللىرى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامداۋاتقان 26 ئەماغا بايراملىق سوۋغا تەقدىم قىلدى، ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىمقى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش خەير - ساخاۋەت پائالىيىتى ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئەمالار كۈنىنى خاتىرىلەش، خەير - ساخاۋەت پائالىيىتى بولۇپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامداۋاتقان ئىرادىلىك ئەمالارنىڭ تۇرمۇش، ئۆگىنىش، ئىگىلىك تىكلەش توغرىسىدا ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشىدىكى كاتتا سورۇن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پائالىيەتكە قاتناشقان ئەمالارنىڭ قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي، ھاياتقا كۈلۈپ باقىدىغان روھى ھەممەيلەننى قايىل قىلدى. پائالىيەت جەريانىدا ئەمالار يېقىملىق ناخشىلارنى ئېيتىپ، قىزىقارلىق يۇمۇرلارنى سۆزلەپ، پائالىيەتنى ئەۋجىگە كۆتۈردى.
نۇرگۈل «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» ئۇۋۇلاش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى نۇرگۈل مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىن ئىنتايىن خۇش بولدۇم، مەن يېقىندىن بۇيان ئەمالارنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ كېلىۋاتقان بارلىق مېھرىبان كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن. گەرچە بىزنىڭ كۆزىمىز كۆرمىسىمۇ، لېكىن قەلبىمىزدە بارچە گۈزەللىكنى كۆرەلەيدىغان بىر جۈپ نۇرلۇق كۆزىمىز بار. بىز ئۆزىمىزگە ئىشەنسەك، ئۈمىدۋار بولۇپ تىرىشساقلا، جەمئىيەتتە بىز قىلالايدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ، ئەمالىقىمىز ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزگە ھەرگىز توسالغۇ بولالمايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر