باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئۆزۈمدىن چىقىش (پوۋىست)(2)

ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان

2015.03.31 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


ناخشا ئېيت، كۆڭلۈڭ شاد بولىدۇ.
ناخشا ئېيت، تېنىڭ ساق بولىدۇ.
ناخشا ئېيت!
ئېيتالمىساڭ، ئاڭلىساڭمۇ بولىدۇ.
ئادەملەر ناخشا ئېيتقانسېرى ئاۋازى يۇقىرىلاپ كېتىۋاتاتتى.
كىشىلەر ناخشا ئاڭلىغانسېرى پەيلاسوپلۇققا يېقىنلىشىپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى.
ئەينەك ھەققىدىكى ناخشا داۋاملاشماقتا ئىدى.
پەلكۈچۈم رەڭلەر دولقۇنىدا يەلكەنلىك كېمىدەك يەڭگىل ئەمەس، قۇتقۇزۇش كاتېردەك ئۇچقۇرمۇ ئەمەس، جەڭ كېمىسىدەك دەبدەبە بىلەنمۇ ئەمەس، كونا، ئويچان ۋە سوغاققان بېلىقچى كېمىسىدەك ۋەزمىن ئۈزەتتى......
پۈتۈن دۇنيانىڭ قارىسىنى ئۆزىگە سۈركىۋالغاندەك قاپقارا بىر ئېيىق ئەينەك ئالدىدا پەرداز قىلىپ ئولتۇراتتى. ئۇ يېنىغا توختىتىپ قۇيغان يوغان بىر خالتا ئاپئاق ئۇننى كىلەڭسىز ئالىقانلىرى بىلەن سىقىمداپ ئېلىپ يۈزىگە تېنىمسىز سۈركەيتتى. ئۈستى – باشلىرىغا چاچاتتى. تۈكلىرى چۈشۈپ كەتكەن پىشانىسىگە، ساڭگىلاپ ۋە ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن قاپاقلىرىغا، تۈشۈكلىرى كەرىلىپ كەتكەن پاناق بۇرنىغا يېنىشلاپ – يېنىشلاپ چاپلايتتى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قارا ئېيىقنىڭ يۈزى ئۇندەك، قاردەك، سۈتتەك، ياق، نۇردەك ئاقىرىپ كېتەتتى. ئۆزىنىڭ ئاپئاق يۈزىنى ئەينەكتە كۆرگەن ئېيىق ئىپتىخار بىلەن تەبەسسۇم قىلاتتى. بارا – بارا ھاياجانلىنىپ، بارغانسېرى ئۆزىنى قۇيۇۋېتىپ، ھەرياققا سىلكىنىپ ۋە قاھ – قاھلاپ كۈلۈپ كېتەتتى. ئاقلىق دېگەن گۈزەللىك. ئاقلىق دېگەن پاكلىق، ساقلىق ۋە ساداقەتمەنلىك. مەندىن گۈزەل يەنە كىم بار. مەندىنمۇ ئاق، مەندىنمۇ بېجىرىم يەنە كىم بار؟.... ئېنىقكى، ئۇ شۇنداق دەپ چوقان سالاتتى. كۆز ئالدىغا ئۆزىنى ئەگىپ يۈرگەن ساناقسىز ئېيىقلار كېلەتتى. ياش چىشى ئېيىقلار ئازدۇرۇپ يۈرگەن ساغلام، كۈچلۈك، جاسارەتلىك ئاشۇ تاغىل ئېيىقمۇ يېڭىباشتىن ئۆزىگە قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ كېلىۋاتقاندەك بىلىنەتتى.... ئەمما قىسىلغان كۆزلىرىنى قايتىدىن ئېچىپ، ئەينەككە يېڭىباشتىن قارىغاندا، شېرىن چۈشتىن ئۇيغىنىپ كەتكەندەك مەيۈسلۈك ئىچىدە قالاتتى. ئۆزىنى ۋە يۈزىنى بۇرۇنقىدەكلا قارا، ياق، قاپ – قارا ھالەتتە كۆرەتتى. ئاقارتىلغان ئۆزىدىن ئەسەرمۇ قالمايتتى. پەردازلانغان يۈزىمۇ نەگىدۇر غايىپ بولاتتى. ھېلىلا كۆرگەن ئاقلىقى، ئاقلىق تۇغقان لەتاپىتىمۇ ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغاندەك نەگىدۇر توزۇپ كېتەتتى. ئۇنىڭ پەردازلىرى تەكرارلىناتتى. ئاق بىلەن قارىنىڭ ئالمىشىش جېڭىمۇ ئۈزۈكسىز داۋام قىلاتتى.....
« ئاجايىپ قالتىس نېمە ئەينەك دېگەن....»
..................................
ئاناڭنىڭ قېشىدا قالتىس بولامدۇ؟!
يۈزلىرىدە پەرداز توختىتالماي جىلە بولغان ئېيىق جەزمەن مۇشۇنداق دەپ ۋارقىرايتتى. ئۇ يەنە، ئۆزىنى قارا كۆرسەتكەن، نۇردەك پارقىراپ تۇرىدىغان ئاپئاق يۈزىنىمۇ كۈيىدەك قاپ - قارا قىلىپ كۆرسىتىۋاتقان ھەسەتخور ئەينەكنى غەزەب ۋە ئۆچمەنلىك بىلەن قولىغا ئالاتتى. كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە ساپساق ئەينەك پارە – پارە بولغان ھالدا يەردە چېچىلىپ ياتقان بولاتتى.
ئەمدىغۇ مېنى قارا كۆرسەتكەنگە تويغانسەن؟!....
ئېيىق كېلەڭسىز بەستىنى ئېگىپ يەردىكى ئەينەك پارچىلىرىغا بىر – بىرلەپ قاراپ چىقاتتى.
ھەممىلا ياقتا قارا ئېيىق.
ھەممىلا پارچىدە قاپ – قارا ئېيىق.
چەكسىز ئېيىق...
ساناقسىز ئېيىق....
« نەقەدەر ئىپلاس نېمە ئەينەك دېگەن....»
ئەپسۇسكى، ئېيىقنىڭ بۇ ناخشىسى مەڭگۈ « ئۆڭكۈر ناخشىسى » بولۇپ قېلىۋېرەتتى.
تونۇش مىسرالار ئاۋۋالقىدەكلا داۋام قىلاتتى.
ئەينەك ھەققىدىكى ناخشىنى ئاڭلىغاچ ساڭا قارايتتىم.
ئەينەك ھەققىدىكى ناخشىنى ئاڭلىغاچ ماڭا قارايتتىڭ.
ئىككىمىزنى ئەينەك باغلاپ تۇرغاندەكمۇ، ھەم يەنە مۇشۇ ئەينەك ئايرىپ تۇرغاندەكمۇ بىلىنەتتى. ئەينەككە قارىغىنىمدىلا ئاندىن سېنى كۆرەلەيتتىم. شۇندىلا دۇنيادا مەۋجۇد ئىكەنلىكىمنى ھىس قىلغاندەك بولاتتىم. كۆزۈمگە سەن كۆرۈنگەن دەقىقىلەردىن باشلاپ يالغۇزلۇقۇم ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتەتتى. ئەمما ئىككىمىز ھامان ئەينەكنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىدۇق. بىر – بىرىمىزگە قوشۇلۇشىمىزنى مۇشۇ ئەينەك توسۇپ تۇرغاندەكمۇ تۇيىلاتتى. ھەممىنى بىلىپ تۇرساممۇ، يەنە نېمىشقىدۇر ئەينەك ئىچىدە تۇرغان سېنىڭ ئەھۋالىڭ ئەينەك سىرتىدا تۇرغان مېنىڭ ئەھۋالىمدىن ياخشىدەك بىلىنەتتى. بەزىدە ئوتتۇرىمىزدىكى توسۇقنى بۇزۇپلا سەن تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكۈم، ساڭا سىڭىپ كەتكۈم كېلەتتى.
گۈل ئۇرۇققا قايتقاندەك،
دەرەخ يىلتىزغا قايتقاندەك،
چۆچە تۇخۇمغا قايتقاندەك،
بالا ئىسپىرمىغا قايتقاندەك.....
ئالدىغا داۋان ئۇچرىغاندەك ئېغىرلىشىپ ۋە بەزىدە كۈنلەپ قىمىرلىماي تۇرىۋالىدىغان پەلكۈچۈمنىڭ مانا ئەمدى تۇيۇقسىزلا غىلدىرلاپ مېڭىپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلدىم. ئۇنىڭ رەڭلەر قېتىدا قاناتلانغان قەدەملىرى ناخشىنىڭ سېھرى ئىزنالىرى يەتكەن بارچە كەڭلىك ۋە ئۇزاقلىقلارغىچە ئۇلىشىپ بارماقتا ئىدى.
« نېمە ئۈچۈن ھەر كۈنى ئەينەككە قارايدىغاندىمەن؟ »
ئېغىزىڭنى مىدىرلاتقانلىقىڭنى كۆردۈم.
بەلكىم مەنمۇ ئېغىزىمنى مىدىرلاتقاندىمەن.
ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ جىسمى مۇشۇ ئەينەككە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ سىرتىدا تاشقىي ئۆزى بولىدۇ. جىسمىنى ۋاستە قىلىپ تۇرغان ئىچكىي قىسمىدا بولسا يەنە بىر كۆرۈنمەس ئۆزى بولىدۇ. بەلكىم بىرقانچە ئۆزى بولۇشىمۇ مۈمكىن.....
ساناقسىز غول تومۇر ۋە قىلدام تومۇرلار بىلەن تولۇپ كەتكەن غايەت زور ئىلاستىكىلىق قانال بىر باشتىن تارىيىپ كېلەتتى. گويا زاسۈيپەز ئانا سۇ بېرىپ سىيرىگەن ئۈچەيدەك ھەر تەرەپتىن قىسىلىپ ۋەيىغىلىپ، قانال يۈزىدە ئېقىۋاتقان ھەم ئۇنىڭ دېۋارىغا چاپلىشىپ تۇرغان بارچە ئېقىنلارنى ھەيدەپ كېلەتتى. تۈرلۈك تارام ۋە ئويمان – چوڭقۇرلاردىن يىغىلىپ كەلگەن شىددەتلىك ئېقىم بوشلۇققا ئەڭ يېقىن بولغان ئېغىزنى بويلاپ يوپۇرۇلۇپ كېلەتتى. دولقۇنلايتتى، قاينام بولاتتى، نەرە تارتاتتى. قانال گويا زەمبىرەكنىڭ سىتىۋولىغا، تېپىچەكلەپ تۇرغان ئېقىم بەجايىكى زەمبىرەكنىڭ قۇدرەتلىك بىر تال ئوقىغا ئايلىناتتى. ئوق زەمبىرەكنىڭ ئوتلۇق توچكىسىغا قەدەم بېسىشى بىلەن تەڭلا بوشلۇققا ئېتىلىپ چىقاتتى. غايەت زور پارتلاش ئاۋازى ئەتراپنى بىر ئالاتتى.
« ئۆھۆ!... »
« ئۆھۆ!.... ئۆھۆ!....»
« ھۆ.... ئۆھۆ!...... »
ھېمىشە ھالقىلىق پەيتتە مۇشۇنداق بولاتتى.
ئازابلىق بولسىمۇ، بىردەملىك ئارامنى چىللاپ كېلەتتى.
رەسسام ھاياجانلىنىپ بارماقتا ئىدى.
پۇتسىز ئەينەك تىترەپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ داغلاشقان يۈزىدە پۈتۈن بىر ئۆيمۇ ئوخشاشلا تەۋرىنەتتى.
ئۇنىڭ تومۇرلىرى كۆرۈنۈپ تۇرغان ئورۇق قولىدىكى كونا پەلكۈچ ھەريان يورغىلايتتى. ئۇنىڭدىن دەريانىڭ ئېقىشىغا، تومۇرنىڭ سوقۇشىغا ئوخشايدىغان ئاجايىپ تونۇش ۋە جۇشقۇن بىر ئاۋاز ئاڭلىناتتى. ئۇنىڭ گېلى بۇغۇلماقتا ئىدى. گۈرەن تومۇرلىرى كۆپۈشكەنسېرى، قولىدىكى پەلكۈچ ياڭراق بىر رېتىمدا، شاش ۋە ئويناق ھەرىكەتلەر بىلەن كۈۋەجەيتتى، تولغىناتتى، يۇلقىناتتى. قاراڭغۇ ئۆينىڭ تۆر تېمىغا ئېسىلغان داپ، دۇتتار، تەمبۇرلارمۇ ئاۋاز تەسىرىدە ھەريان تەۋرىنەتتى. يەنە شۇ تامدىكى يۈزلىرىنى قاراڭغۇلۇق توسۇپ تۇرغان ئەجدادلارنىڭ سۈرەتلىرىمۇ پەلكۈچ شاۋقۇنىدا قىمىرلىشاتتى. تامدىكى يېرىقلار، خەرىتىدىكى سىزىقلار، قازان، چۆمۈچ، چىنە، تەخسە، داس، چىلەك.... ھەممە – ھەممىسى ئۆز ئورنىدا تىپىرلاۋاتقاندەك قىلاتتى.
يەنە رەڭمۇ بارىدى. ئاق رەڭ، كۆك رەڭ، قىزىل رەڭ، يېشىل رەڭ.... ياق، ئۇ بۇنداق ئاتىمايتتى. ئادەتتە ئۇ، ئىسسىق رەڭ، سۇغۇق رەڭ دەپ ئايرىشقا ئامراق ئىدى. تەڭشەش قاچىسىدا ئونلىغان رەڭلەر جىلۋە قىلىپ تۇرىۋاتسىمۇ، ئۇنىڭ پەلكۈچى ھامان ئىسسىق رەڭنى قېنىپ – قېنىپ سۈمۈرەتتى. رەڭلەر قاينىمىدىن تېزراق ئۈزۈپ چىقىشنى، ئاداققىي ئېگىزلىكتە تۇرۇپ ئۆز قەدەملىرىگە نەزەر سېلىشنى ئىستەيتتى.
ئاڭلاڭلار، بىر بۈيۈك نەپەس دۇنياغا كۆز ئاچاي دېدى!
كۆرۈڭلار، رەڭلەردىن يېڭى بىر دۇنيا يارىلاي دېدى!
پەلكۈچ ھاياجان بىلەن چوقان سالماقتا ئىدى.
ئۇ ئالدىرايتتى.
تۇيۇقسىزلا گېلىمنىڭ يەنە بۇغۇلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم. بوغۇلىدىغانلىقىنى ھېمىشە ئەستىن چىقىرىپ قوياتتىم. بوغۇش بوغۇلىدىغانلىقىمنى ئەسكە سالغىنىدا، بۇ كۆڭۈلسىز جەريانغا ئۇزاق بولغانلىقىنى بىردىنلا ھىس قىلىپ قالاتتىم. بەلكىم شۇ تاپتا سۆزلىمەكچى بولسام كېرەك. سۆزى تۇرۇپ سۆزلىيەلمەسلىك ئاجايىپ قورقۇنچلۇق ئىش ئىدى. گېلىمنىڭ بۇغۇلىشى تىلىمنى قىسقىنىغا ئوخشاش، تىلىمنىڭ بۇغۇلۇشىمۇ زېھنىمنى چۈشەپ قويىۋاتقاندەك تۇيىلاتتى. تىلسىزلىق _ گاچىلىق، ئەمما زېھىنسىزلىق ساراڭلىققۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ساراڭ بولۇپمۇ قالارمەنمۇ. ساراڭلار سۆزلەيدۇ. لېكىن مەن گېلى بۇغۇلغان _ سۆزلىيەلمەيدىغان ساراڭ بولىمەن – دە. سۆزلىيەلمەيدىغان ساراڭ بولۇشتىنمۇ ئارتۇق پاجىئە يوقتۇر دۇنيادا. ئېست، گېلىمنىڭ بوغۇلۇشى مېنى ھەر كويغا سالىدىغان ئوخشايدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن بوغۇلۇپ، سىقىلىپ ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن. مەن پات – پاتلا شۇنداق ئويلاپ قالاتتىم. تېنىم جۇغۇلدايتتى. كۆزۈمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلاتتى. ئۆلۈم ھەربىر جاننىڭ بېشىدا بار مۇقەررەرلىك بولسىمۇ، كېسەكتەك ياشاپ، ئېشەكتەك ئۆلۈپ كېتىش ياشىمىغاندىنمۇ ئېغىر ئازاب ئىدى. تالاي سىر – مەخپىيەتلىكلەرنى ئۆزى بىلەن قوشۇپلا باقىيغا ئېلىپ كەتكەن كىشىلەر كۆز ئالدىمغا كېلەتتى. سىرىم بولمىسىمۇ، سۆزۈم بارىدى. شۇئان مېنى تىترەك باساتتى. تەرلەپ ھۆل بولۇپ كېتەتتىم. گالنىڭ بۇغۇلۇشى ئاجايىپ سىرلىق كېسەللىك ئىكەنلىكىنى ئۆزۈمدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيتتى. تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە بىئارام بولاتتىم. كۆكرىكىم ئېغىرلىشاتتى. نەپسىم سىقىلاتتى. كانىيىم قىچىشاتتى. ئىچىمدىن قانداقتۇر بىر نەرسە سىرتقا چىقىشقا ئۈمتۈلەتتى، ئەمما چىقىرالمايتتىم. بەلغەمگە ئوخشاشراق بىلىنىدىغان، لېكىن يەنە ئۇنىڭغا تازا ئوخشاپمۇ كەتمەيدىغان بىر نەرسە بوغۇزۇمدىلا تۇرىۋالاتتى. تۇرىۋالسىلا مەيلى ئىدىغۇ، كۇمۇتىدەك مىدىرلايتتى، قۇرتتەك قىمىرلايتتى، يەلدەك پۈۋلەيتتى، نەيدەك ئىسقىرتاتتى. مېنى كۈچەشكە، يەنە چىڭقىلىشقا قىستايتتى. جەزمەن سىرتقا چىقىپ كېتىشى كىرەك بولغان بىر نەرسە باردەك، مەن ئۇنى چىقىرالمايۋاتقاندەك، قەتئىي چىقىرىۋېتىشىم كېرەكتەك كەسكىنلىك ھالىتىگە كېرەتتىم. ئۇنى چىقىرىش كويىدا يۆتىلەتتىم، يۆتىلەتتىم..... قۇرۇقلا يۆتىلەتتىم. ھېلىلا باردەك بىلىنگەن نەرسە تۇرۇپلا يوقتەك سېزىلەتتى. قۇرۇق قېقىلىشتىن كانىيىم قۇرۇپ، يىرتىلىپ كەتكۈدەك بولاتتى. بۇرنۇم ئېچىشىپ، بېشىم چىڭقىلىپ، كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كېتەتتى. بۇ كېسەل مۇشۇنداق بولامدىغاندۇر، دەيتتىم. يېنىمدا ھېچكىم بولمىسىمۇ، گېلىمنى كۈچلۈك بىر قول سىقىۋالغاندەك بىلىنەتتى. كۆزۈمگە قانداقتۇر بىر يېڭى نەمۇنە چېلىققان ھامان، مېڭەمدە قانداقتۇر بىر يېڭى پىكىر چاقنىغان ھامان، بوغۇزۇمغا قانداقتۇر بىر يېڭى سۆز يۇپۇشقان ھامان گېلىم دەرھاللا بۇغۇلاتتى. قانداقتۇر بىر مۇلاھىزە، قانداقتۇر بىر ھاياجان، قانداقتۇر بىر ئىلھامىي پىكىر، قانداقتۇر بىر ئىچكىي كۈچ كۆكرىكىمگە ئۆركەشلەپ كەلگەن ھامان نەس باسقان گېلىم يەنە بوغۇلۇپ قالاتتى.....
« دەم سىقىلىش! »
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر