باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئۆزۈمدىن چىقىش (پوۋىست)(5)

ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان

2015.03.31 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


چىرايى قورقۇنچلۇق تۈسكە كىرگەن مۇدىر شۇنداق دەپ ۋارقىرىغىنىچە، رامكىلارنى بىر – بىرلەپ دەسسەپ ۋە يەرگە ئۇرۇپ سۇندۇرۇپ، سۈرەتلەرنى كۆز ئالدىڭدىلا يىرتماقتا ئىدى.
_ ئۆتۈنۈپ قالاي مۇدىر، ماۋۇ بىرى ماڭا قالسۇن.... _ كىمدۇر بىرىگە ھاياتلىق تىلىگەندەك، مۇدىرنىڭ پېشىگە ئېسىلىپ تۇرۇپ يېلىندىڭ سەن.
_ نېرى تۇرۇڭ، ئاداش!.... بۇنداق زەھەرلىك چۆپنىڭ بىرىنىمۇ ساق قالدۇرۇشقا بولمايدۇ!..... _ ئۇ سېنى قوپاللىق بىلەن سىلكىۋېتىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇردى، _ بۇ ئىشنى بۆگۈنلا يۇقىرىغا دوكلات قىلىمەن. بۇ رەسىملەرنى نېمە مەقسەدتە، قانداق ئىدىيەنىڭ قوماندانلىقىدا سىزدىڭىز.... بۇنىمۇ دېيىشىمىز تېخى!....
مۇدىر سۈرەتلەرنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي يىرتىپ تاشلىدى ۋە بۇنىڭغىمۇ قانائەت قىلمىغاندەك، چاقمىقىنى چىقىرىپ، يەردە چېچىلىپ ياتقان قەغەز پارچىلىرىغا ئوت يېقىۋەتتى.......
يۈرىكى قارا بولغىنى ئۈچۈن قارا يارىتىلغان ئوغرىكەن بۇ.
دۇنياغا بىر كۆزىدە قارىغىنى ئۈچۈن ئەلەس بولغان ئوغرىكەن بۇ!....
نالە قىلدىڭ. زېمىن كۆتۈرگۈسىز، يۈرىكىڭ كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئازاب بىلەن نالە قىلدىڭ. شۇئان تۇيۇقسىزلا گېلىڭ بۇغۇلغاندەك بولدى. ئاۋازىڭمۇ خىرقىراپ قالدى. كۆكرىكىڭ ئېغىرلىشىپ، نەپەسلىرىڭ ئۆز يولىغا سىغمايۋاتقاندەك تۇيۇلدى. سۆزلىشىڭمۇ، نەپەس ئېلىشىڭمۇ قىيىنلاشتى. ھېچقاچان بۇنداق بولۇپ باقمىغانىدىڭ. بىر كۆرۈپ كۆيۈپ قالغاننى ئاڭلىغان، لېكىن بىر ئاڭلاپ ئۆلۈپ قالغاننى ئاڭلىمىغانىدىڭ. شۇنداقتىمۇ ئەھۋالىڭ چاتاقتەك قىلاتتى. ھېچقاچان ئاڭلىمىغان ئىش سەندە يۈز بېرىپ قالىدىغاندەك، تىنىقىڭ ھازىرلا توختاپ قالىدىغاندەك بىلىنەتتى. كۆيۈۋاتقان رەسىملەرگە قاراپ يۈرىكىڭ ئېچىشىپ كەتتى. سانجىق تولغان يۈرىكىڭگە چىداپ بولماس ئېچىشىشمۇ قوشۇلدى. ۋۇجۇدۇڭ قەغەزلەر بىلەن تەڭ كۆيدى. تومۇرلىرىڭ كۆپۈشتى. قېنىڭ قاينىدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ گېلىڭنىڭ بۇغۇلۇشىمۇ ئەدىدى. نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلەلمىدىڭ. لېكىن چاناقلىرىڭغا ئىختىيارسىز ھالدا ياش تولىۋاتقانلىقىنى سېزىپ تۇردۇڭ. يېڭى ئىرادا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئىشقا، يېڭى ئەسىردە ياشاۋاتقان بىر ئادەمنىڭ قىلىۋاتقىنىغا ھېچ ئىشەنگۈڭ كەلمەيتتى. ئۇنىڭ قانداقلارچە مۇدىر بولۇپ قالغىنىغا ئەقلىڭ تېخىمۇ يەتمەيتتى. ھەيران ئىدىڭ. ھەسرەتلىك ئىدىڭ. نەپرەتلىك ئىدىڭ.....
كۆزلىرىڭ كۆزلىرىمگە تىكىلگەنىدى. مۇڭلۇق بېقىشلىرىڭ بوران ھۇۋلاپ تۇرغان دىل خانەمدىن ئۈمىد ۋە ئۆتمۈش ئىزنالىرىنى قېدىراتتى. شۇ تاپتا، ئىشلارنىڭ سەن ھېچ كۈتمىگەن بىر يولدا كېتىۋاتقانلىقىنى ئازاب ئىچىدە ئەسلەيتتىڭ.
ئەمەلىيەتتە، سېنىڭ زىل – زىلەڭ شۇنداق باشلانغانىدى.
ئەمدى بىلسەم، بۇ، مەندىكى دەم سىقىلىشنىڭمۇ باشلانغان كۈنى ئىكەن.
_ سېنى سىزمايدىغان سۈرەتلەرنى سىزىپتۇ، مەكتەپ مۇدىرى بىلەن تاكاللىشىپتۇ، دەپ ئاڭلايمەنغۇ، ئەزىمەت؟
چوڭقۇر خىياللاردىن چۆچۈپ بېشىڭنى كۆتۈردۈڭ. گۈلگىنەنىڭ ئۆيگە كىرگىنىنىمۇ تۇيىمىغانىدىڭ. ئۇ قولىدىكى سومكىسىنى جايلاشتۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەيلا شۇنداق دەۋاتاتتى. ئۇنىڭ كەيپىياتى سېنىڭكىدىنمۇ ناچاردەك قىلاتتى.
_ شۇنداق بولدى، _ دېدىڭ سەن يىغلىۋېتىشتىن ئۆزۈڭنى ئارانلا تۇتۇپ. يېڭى قەدەم باسقان بۇ يۇرتقا تېخى مېھرىڭ چۈشۈپ بولالمىغانىدى. ھە دېگەندىلا يىغا تۇتاتتى. يۇرتۇڭ، يالغۇز قالغان ئاناڭ ئېسىڭگە كېلەتتى،_ مىڭ تەستە سىزغان رەسىملىرىمنىڭ بىرىنىمۇ قويماي يىرتىۋەتتى. ھەممىسىنى كۆيدۈرۈۋەتتى....
ئەھۋالىڭ خۇددى رەسىمىڭ كۆيدۈرۈلگەن چاغدىكىگە ئوخشاپ قېلىۋاتاتتى. نەپسىڭ بۇغۇلۇپ، ئاۋازىڭنىڭ تىترەپ چىقىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ تۇرىۋاتاتتىڭ. ئۇ كۆڭۈلسىزلىكنىڭ ئۇنىڭ قۇلىقىغا شۇنچە تېز يەتكىنىگە ھەيران بولىۋاتساڭمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئازراق مەمنۇنمۇ ئىدىڭ. ھامان بىلەتتى، بىلمىگىنىدىن بىلىپ قالغىنى ياخشى، دەپ ئويلايتتىڭ. گۈلگىنە ماڭا تەسەللىي بېرىدۇ، چىرايلىق كۆزلىرى، يېقىملىق ئاۋازى، تاتلىق سۆيۈشلىرى بىلەن مېنى بەزلەيدۇ دەپمۇ ئويلايتتىڭ. ھەر قېتىم كۆڭلۈڭ يېرىم بولغاندا، غېرىپلىق ھىس قىلغىنىڭدا شۇنداق قىلاتتى. سەندىكى كۆنەلمەسلىك، سىڭىشىپ بولالماسلىقلار تۇغقان دىل غەشلىكلىرىڭنى شۇنداق يوللار بىلەن بېسىپ كېلىۋاتاتتى.
_ دېمىسىمۇ، ئۇنداق رەسىملەرنى نېمىشقا سىزىسەن؟ _ دېدى ئۇ، ھېچ كۈتمىگەندە، سوراق تەلەپپۇزىدا ساڭا ھۈرپىيىپ، _ سىنىپلارغا داھىيلارنىڭلا رەسىملىرىنى ئاسىدىغانلىقىنى بىلمەمتىڭ؟!
كۆزۈڭگە ئىشەنمەيلا قالدىڭ. بۆگۈن ئۇ باشقىچە بىر ئادەمگە، سەن زادىلا كۆرۈپ باقمىغان باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغانىدى.
_ سە... سەن؟... _ نەپسىڭ قىسىلىپ گەپ قىلالمايلا قالدىڭ.
_ ھە، مەن نېمە بوپتىمەن؟
_ رەسىم سىزماسلىقىم كېرەكمىدى، سەنچە؟
_ مائاشىڭ بولغاندىكىن، بولسا سىزمىغىن. بەك قولۇڭ قىچىشىپ كەتسە، مەنزىرە سىزغىن، ھايۋانلارنى سىزغىن.... ئىش قىلىپ، ئادەملەرنى سىزما. يىراقتىكىنى سىزساڭمۇ، يېقىندىكىنى سىزساڭمۇ، ئادەملا سىزدىڭمۇ ئۇ ھامان مۆرەيدۇ يا باشقىلارنى مۆرىتىدۇ. ئوخشاتساڭمۇ گەپ چىقىدۇ، ئوخشىتالمىساڭمۇ ئوخشاشلا يەنە گەپ چىقىدۇ. شۇنداق قىلساڭ بولماسمىدى. نېمە قىلىسەن، مەكتەپ مۇدىرى بىلەن ئېتىشىپ. ساڭا نەچچە دېدىمغۇ، پېنسىيەگە چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ دادامنىڭ يۈزى چوڭ كەلدى، دەپ. دادامنىڭ يۈزىنى قىلىپلا سېنى مەكتەپكە ئالدى ئۇ ئادەم. بولمىسا، يېزىلارغا كېتىپ قالاتتىڭ. ۋىلايەتكە بىۋاستە قارايدىغان، مەن – مەن دېگەن ئادەملەر كىرەلمەيدىغان مەكتەپ تۇرسا ئۇ. شەھەر باشلىقلىرى، ۋالىيلار بىلەن باردى – كەلدى قىلىپ يۈرىدىغان ئادەم ئۇ مۇدىر دېگەن. ئۇنىڭ چىشىغا تەگسەڭ بولمايتتى. زادىلا بولمايتتى، ئەزىمەت.
_ چىشىغا تەگمىدىم، رەسىم سىزدىم.
_ ھەممىىنى ئاڭلىدىم. سىزغان رەسىمىڭنى باھانە قىلىپ ئۇ ئادەم بىلەن گەپ تالىشىپسەن. خەقنىڭ ئالدىدا ئۇنى سۇندۇرۇپسەن، يۈزىنى تۆكۈپسەن. يەنە تېخى، سىنىپلاردا رەسىم دەرسىڭنى ئۆتمەي، ئۆزۈڭگە مۇناسىۋەتسىز گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈپسەن. مەكتەپنىڭ مەسئۇلىيىتى، ئوقۇتقۇچىنىڭ مەجبۇرىيىتى ھەققىدە ۋەز ئېيتىپ، مەكتەپكە، مەكتەپ مۇدىرىغا دارىتمىلاپسەن. مۇدىرنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن، يازغۇچى – شائىرلار، ئالىم – ئۆلىمالار، ئەخلاق، ۋىجدان، ئۆرپ – ئادەت ھەققىدە قەستەن گەپ سېتىپ يۈرۈپسەن. دەپ باقە، بۇلارنى سۆزلەش سېنىڭ ئىشىڭمىدى؟....
_ ئەخلاق، ۋىجدان ھەققىدە سۆزلەش مېنىڭدەك بىر مۇئەللىمنىڭ ئىشى بولمىسا، ئەمىسە كىمنىڭ ئىشى؟
_ كىمنىڭ ئىشى بولسا بولمامدۇ. بىلىپ قوي، بۇ يەر شاڭخەي ياكى ئۈرۈمچى ئەمەس. ئىلىم ھەققىدىكى رومانتىك دەۋەتلىرىڭ بۇ يەردە ئاقمايدۇ. كۆرگەنسەن، بۇ يەردە رەسىم كۆرگەزمىسى دېگەن گەپ يوق. سېنىڭ سىزغان رەسىملىرىڭ بىلەن ئادەتتە ھېچكىمنىڭ ئىشىمۇ يوق. لېكىن ئاشۇ كۈندىكىدەك زۆرۈرىيەت تۇغۇلغاندا، رەسىمگە قىزىقمايدىغان بىرمۇ ئادەم يوق. ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە، دېگەن گەپنى بىلمەمتىڭ. بۇ، پۇلى، ئەمەل – مەنسىپى بار ئادەملەر قەدىرلىنىدىغان يۇرت ئىكەنلىكىنى تېخىچە ھىس قىلمىدىڭما. پۇل تېپىش، ئەمەل تۇتۇش قولۇڭدىن كەلمىگەندىكىن، ئېلىۋاتقان مائاشىڭغا شۈكرى دەپ جىم يۈرسەڭ بولمامدۇ دەيمەن. يۇرتىنى تاشلاپ كەلدى، غېرىپسىنىپ قالمىسۇن دەپ تونۇشلىرىمنىڭ قاتار چېيىغا قوشۇپ قويسام، ئىلىم – ئىرپان ھەققىدە گەپ بولمايدىكەن، غەيۋەتلا قىلىدىكەن، تۇخۇ قوردىقى يەپ، ھاراق ئىچىپ، ناخشا ئېيتىشتىن باشقىنى بىلمەيدىكەن، دەپ ئۇ يەردىن چىقىۋالساڭ. مەكتىپىڭدىكىلەرنى كىتاب ئوقۇمايدىكەن، سەنئەتنى چۈشەنمەيدىكەن دەپ ئەسلى ياراتمىساڭ. تۇزىنى يەپ تۇرۇپمۇ يەنە، خوراز چىللىغىنىنى ئاڭلىغىلى بولمايدىغان شەھەر ئىكەن دەپ، بۇ يۇرتنى تېخى تىللاپ يۈرسەڭ. زادى قانداق قىلىپ بەرسەم بولىدۇ ساڭا. مېنى بۇنداق تويغازمىساڭ بولمامدۇ. مېنىڭ ئىستىقبالىمغا تەسىر يەتكۈزمىسەڭ بولمامدۇ. قابىلىيەت دېسە بار، چىراي دېسىمۇ مەندە بار. ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىدىكى ھېچكىمدىن قالغۇچىلىكىم يوق مېنىڭ. ماڭا ئىش تېپىپ بەرمىسەڭ، بۇ يۇرتتا مەن بولساممۇ باش كۆتۈرۈپ قالسام بولمامدۇ، ئەزىمەت.
_ مۇشۇ گەپلىرىڭنى بۇرۇنراق دېسەڭ بولماسمىدى – ھە؟!....
چىشلىرىڭ ئارىسىدىن شۇنداق دېگىنىڭ ئاڭلاندى. پەقەت شۇنداقلا دېدىڭ. قەلبىڭدە بولسا ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئۆكۈنۈش ۋە ھەسرەت غەلىيان قىلاتتى. يۈرەك - باغرىڭغا تىكەن بولۇپ سانجىلاتتى. تىرنا بولۇپ تىلغايتتى، مۈشۈك بولۇپ تاتىلايتتى، ئاچ بۆرىدەك قاسايتتى.
_ شۇنداقمۇ؟!
گۈلگىنە يۈزىنى ئىككى ئالىقىنىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ بۇقۇلداپ يىغلىدى.
سېنىڭ يىغاڭ بولسا تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز بىر ئاچچىق ئېقىمغا ئۆزگىرىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭغا شىددەت بىلەن يېيىلماقتا ئىدى.
« بۆگۈن قويغان ئويۇنىمىزدا، مېنىڭ ئۇسسۇلۇم ئالاھىدە ئالقىشقا ئېرىشتى. ئويۇن ئاخىرلاشقاندا، ۋالىي مېنى قوبۇل قىلدى. سىزنى نۇقتىلىق تەربىيەلەش كېرەككەن، دېدى. »
« ئۆمەك باشلىقى: سىزنىڭ گېپىڭىزنى چىقىرىپ تۇرۇپ ۋالىيدىن پۇل ھەل قىلدۇق. سىزگە رەھمەت، دەپ، مېنى توخۇ قوردىقى بىلەن مېھمان قىلدى. »
....................
گۈلگىنەنىڭ بىر چاغلاردا ھاياجان بىلەن دېگەن گەپلىرى قۇلىقىڭ تۈۋىدە قايتىدىن جاراڭلىماقتا ئىدى.
« ئۇلار سېنى < نۇقتىلىق > تەربىيەلەۋاتقان ئىكەن- دە؟! »
ئېغىر نەپەس ئالدىڭ. ئېزىق چىشلىرىڭ ئارىسىدىن سۈركۈلۈشكە ئوخشاپ كېتىدىغان، چاينىغانغىمۇ ئوخشاپ قالىدىغان غەلىتە بىر ئاۋاز چىقىپ كەتتى.
ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا، دېگەنلىرى مۇشۇمىدۇر. ئالدى گۈل، كەينى تىكەن دېگىنى مۇشۇمىدۇر. شۇنچە يىل مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈپ كىمنى چۈشەنگەندىمەن. كېلىشتىن بۇرۇن مۇشۇنداق ئېھتىماللىقنى نېمىشقىمۇ كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ باقمىغاندىمەن. ئادەم نېمانداق مۇرەككەپ نەرسىدۇر. ئىنساننى چۈشۈنۈش نەقەدەر قىيىن ئىش - ھە؟!....
سەن يەنە نۇرغۇن ئىشلار ھەققىدە ئويلىغان بولۇشۇڭ مۈمكىنىدى. تۇنجى بولۇپ، يۇرتتا يالغۇز قالغان ئاناڭ كۆز ئالدىڭغا كېلەتتى. مەھەللەڭدىكى، يەتتە بالىغا ئاتا - ئانا بولۇشقان مەمەت مەسۇم بىلەن ئايتىللاخاننىڭ ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى، قىرىق يەتتە يىل ئۆي تۇتقان خوتۇنىنى ھەيدەپ چىقىرىپ، نەۋرىسىدەك بىر قىزغا ئۆيلىنىۋالغان ۋە ئۇنىڭدىن پەرزەندلىك بولغان چاۋار سىيىتنى.... كۆز ئالدىڭغا كەلتۈرگەن، شۇندىلا ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ، دېگەن ھېكمەتنىڭ تېگىگە يەتكەن بولۇشۇڭمۇ مۈمكىنىدى. يەنىچۇ؟ ئويلىغانلىرىڭ كۆپ، بەك كۆپ. بۇ چۈشۈممىدۇر؟ بەلكىم ئۆزۈڭدىن سورىغانسەن. ئەزىمەت ۋاللەي ئويناپ يۈرگەن چاغلىرىدا ئۈرۈمچىدە ئوقۇشىنى، گۈلگىنە ئاتلىق قىزغا كۆڭلى چۈشۈپ قېلىشىنى، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چۈشىدىمۇ كۆرمىگەن بىر يۇرتقا كېلىپ قېلىشىنى خىيالىغا كەلتۈرگەن بولغىيمىتتى؟!....
موخۇركاڭنى كۈچەپ شورىغىنىڭچە كۆككە باققانلىقىڭنى ئەسلىدىڭ. ھاۋا تۇمانلىق ئىدى. نە ئاي، نە يۇلتۇز كۆرۈنمەيتتى. ھاۋانىڭ ئەلپازىنى مانا ئەمدىلا ھىس قىلىۋاتقاندەك ئېغىر ئۇھسىنىپ قويدۇڭ. كۆزلىرىڭ باغلانغان بولسىمۇ، نەزەرىڭ ئۇزاقلارغا تىكىلگەنىدى. ھەر ياققا تولغىناتتىڭ. نەگىدۇر ئۈمتۈلەتتىڭ. كۆز ئالدىڭدىكى مۇزدەك دۇنيا ئوتلۇق ۋۇجۇدۇڭدا ئېرىپ باراتتى. يىراقتا قالغان بالىلىقىڭنى، بالىلىقىڭنى ئەسكە سالىدىغان سەھرا ناخشىلىرىنى سېغىنغانىدىڭ.
تاڭ ئاتتى.
كەچ بولدى.
قىش كەتتى.
ياز بولدى.
شۇ كۈنىدىن باشلاپ ھاۋانىڭ زادىلا ئېچىلمىغانلىقىنى ئەسكە ئالدىڭ. سېنى بىئارام قىلىدىغان دەم سىقىلىشمۇ شۇنىڭغا قوشۇلۇپ كەتكەنىدى.
قاتتىق ۋە ئۇلاپ- ئۇلاپ يۆتىلىپ كەتكەنلىكىمنى ھىس قىلدىم.
ياش چىقىپ كەتكەن كۆزلىرىمنى كۈچەپ ئاچتىم. چۈشۈم ئەمەسىدى. يەنە يۆتىلىۋاتاتتىم. گېلىم قاتتىق بوغۇلۇپ، دېمىم سىقىلىۋاتاتتى. پەلكۈچۈم نېمىدىندۇر قورقۇپ كەتكەندەك، سوغۇقتا قالغاندەك، بەزگەك بولغاندەك دىر-دىر تىترەيتتى.
نۇرسىز كۆزلىرىڭگە قارىدىم.
پەلكۈچكە ئايلىنىپ قالغۇدەكسەن. سىياھدەك قاراڭغۇ كېچىدە كىشىلەر سېنى قوغلاپ يۈرگۇدەك. ناخشىمىزدىن ئازدۇردى، دېگۈدەك. پەلكۈچ بولۇپ ناخشا يازغۇدەكسەن. چىرايىمىزنى بۇزۇۋەتتى، دېگۈدەك. ھەربىر جانغا چىراي سىزغۇدەكسەن. ئۇيقۇمىزنى ھارام قىلدى، دېگۈدەك. ئىسسىق رەڭدە كۆزلەرنى قاماشتۇرغۇدەكسەن. ئىشلىرىڭ تولىمىش. گۇناھلىرىڭمۇ ئېغىر ئىمىش. رەڭلەر سېنىڭ قالقىنىڭ ئىمىش، يوشۇرۇنىدىغان تونۇڭ ئىمىش، كىرىۋالىدىغان قېپىڭ ئىمىش. كىشىلەر شۇنداق دېگۈدەكمىش: رەڭلەر قېتىغا يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ بارچە رەزىللىكلەرنى قىلدىڭ. سۈرەتتە جان ۋە سېھىر بارلىقىنى باشقىلار بىلمەيدۇ دېدىڭ. تولغان بەدەننى سىزىمەن دەپ، سىزماڭدىكى گۈزەل قىزلارنىڭ چىرايلىق ئەمچەكلىرىنى سىيلاپ يۈردۈڭ. يالىڭاچ بەدەن سىزىمەن دەپ، سىزماڭدىكى قىزلارنىڭ پىنھان يەرلىرىنى قاماللاپ، ئەركىلىتىپ ۋە ئويناپ يۈردۈڭ. يەنە تېخى، ئايدەك گۈزەل قىزلارنى سىزىپ، تالاي ئەرلەرنى ئەقلىدىن ئازدۇردۇڭ. ئاياللارنى كۈندەشلىك، ئەرلەرنى كۆيۈك ئوتىغا گىرىپدار قىلدىڭ. ئىناق ئائىلىلەرنى بۇزدۇڭ. تېنچ كۆڭۈللەرنى ساراسىمىگە سالدىڭ!....
ئەجىلىڭ توشقانىمىش. كىشىلەر سېنى سۇندۇرۇپ، ئوتقا تاشلىماقچى بولغانىمىش. كۈلۈڭنى كۆككە سورىماقچى بولغانىمىش. سېنى يولدىن چىقارغان رەڭ-بۇياقلىرىڭنى ئەۋرەز كۆلچىكىگە تۆكۈۋەتمەكچى بولغانىمىش.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر