باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئۆزۈمدىن چىقىش (پوۋىست)(7)

ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان

2015.03.31 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

« دورا شىركەتتىكى دېمى سىقىلىدىغان بىرى قاتتىق بىرنى يۆتىلىپلا، نەپەس ئالالماي ئۆلۈپ قاپتۇ. »
دەم سىقىلىش ھەققىدىكى پاراڭلار قۇلىقىمغا كىرىپ تۇراتتى.
ساڭا قارىدىم.
ماڭا قارىدىڭ.
لېكىن پەلكۈچ توختىمىغانىدى. مەڭگۈ توختىمايدىغاندەك قىلاتتى.
_ سىزدىكىسى دەم سىقىلىش كېسىلى ئىكەنلىكى راست. لېكىن توغرىسىنى دېگەندە، بۇ دېگەن بىر كۈندىلا پەيدا بولىدىغان كېسەللىك ئەمەس، _ دېگەنىدى يېقىندا بىر پېشقەدەم دوختۇر، _ ئۇ، ئورگانىزىمغا قاتتىق تەسىر قىلىدىغان، ئۇزاققا سوزۇلغان ئىچكىي ۋە تاشقىي بېسىمنىڭ نەتىجىسى. ئىچكىي بېسىم، ئۇزاققا سوزۇلغان چارچاش، بۇرۇختۇرمىلىق، نارازىلىق، جىددىيلىشىش، ئازاب، ئەندىشە... قاتارلىق قانائەتسىز ۋە تەڭپۇڭسىز روھىي ھالەتنى كۆرسىتىدۇ. تاشقىي بېسىم بولسا، ئۇزاققا سوزۇلغان ئىس – تۈتەك، چاڭ – توزان، بوران – چاپقۇن، غىدىقلىنىش، بەدبۇيلۇق.... قاتارلىق دائىملىق تاشقىي مۇھىتنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىچكىي – تاشقىي ئىككى ئامىل ئورگانىزىمغا ئۇزاق مۇددەت بىرىكىپ تەسىر كۆرسەتسە، چوقۇم دېگىلى بولمىغاندىمۇ، ئاساسەن سىزدىكىدەك كېسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ.
_ ئەمىسە، ئاۋازىمنىڭ پۈتۈپ قالغىنىچۇ؟ _ ئالدىراپ – تېنەپلا يازمىچە سورىغانىدىم دوختۇردىن.
_ ئىككى كېسەلنىڭ مەنبىئى بىر بولىشىمۇ مۈمكىن، بىرى يەنە بىرىنىڭ مەنبىئى بولىشىمۇ مۈمكىن، بەلكىم ئۇنداق بولماسلىقىمۇ ھەم مۈمكىن....
ئۇنىڭ ئوچۇق تەلەپپۇزدا باشلانغان گەپلىرى نېمىشقىدۇر بارغانسېرى مۈجىمەللىشىپ كېتىۋاتاتتى.
_ ئۇنداقتا، قانداق قىلىش كېرەك؟
_ باشتىلا دىققەت قىلىش كېرەك!
..........................
ئەپسۇسكى، باشتا قانداق دىققەت قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلمەيتتىم. باشقا قايتالىشىممۇ مۈمكىن ئەمەسىدى.
كىشىلەرنىڭ بۇ نۇقتىنى خېلى بۇرۇنلا بىلىپ يەتكەنلىكىنىمۇ ئەمدىراق ھىس قىلىۋاتاتتىم.
قانداق يۇرتتۇر بۇ. قانداق ئادەملەر باردۇر بۇ يەردە؟!
سىزمام سەۋەبلىك ئازار يېيىشتىن كېيىن، ئۇزاققىچە شۇنداق ئويلىغان بولىشىم مۈمكىن. ئەمما، دوختۇرنىڭ دېگەنلىرى راست بولسا، سوزۇلما خاراكتېرلىك « دەم سىقىلىش » نىڭ تۇنجى قەدىمىنى شۇ چاغدىلا بېسىپ بولغانىدىم. يەنە دوختۇرنىڭ دېگەنلىرى راست بولىدىغان بولسا، « ئۇزاق جەريان » ئارقىلىق پەيدا بولىدىغان دەم سىقىلىش كېسىلىنىڭ بىر كۈندىلا مەندە پەيدا بولۇپ قالغىنى مۇشۇ كېسەللىك تارىخىدىكى بىر مۆجىزە ئىدى.
« دۇنياغا كۆز ئېچىشى بىلەنلا بۆرىكىدە تاش پەيدا بولۇپ قالغان بالىلار بار. كۆزى بىر، ئېغىزى ئىككى تۇغۇلىۋاتقان بوۋاقلارمۇ بار. بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا نېمە دېگۈلۈك.»
دوختۇر سۆزىنى شۇنداق يەكۈنلىگەنىدى.
پەلكۈچ تۇتقان قولۇم بىلەن، بەزىدە پەلكۈچ بىلەن قوشۇپلا چىڭقالغان كۆكرىكىمنى بېسىپ قۇيىۋاتقانلىقىمنى سېزىپ تۇراتتىم. توختىماي، قاتتىق ۋە ئۇلاپ – ئۇلاپ يۆتىلىپ كېتىۋاتقانلىقىمنىمۇ بىلەتتىم. يۆتەلگەندە چىققان ئاۋازنىڭ گەپ قىلغاندا تۇتۇلۇپ قالىدىغانلىقىغا ھەيران ئىدىم.
_ سەن، مەكتەپ مۇدىرىنى يۇقىرىغا ئەرز قىلىمەن. ئەرزىم ئاقمىسا، ئۇنى ئۇرۇپ قوپالماس قىلىۋېتىمەن، دېگەنمىدىڭ ئەزىمەت؟
ئايالىڭ ئىشتىن كېلىپلا يەنە چېچىلدى.
_ بۇ... بۇ گەپ نەدىن چىقتى ئەمدى؟ _ سەن ئورنۇڭدا تۇرۇپ پىرقىرىدىڭ. ئۆز مۇشتۇمۇڭ بىلەن ئالىقانلىرىڭغا كۈچ بىلەن ئۇردۇڭ، _ ئەستاغپۇرۇللا، قانداق ئادەملەر باردۇر بۇ يەردە، ئەستاغپۇرۇللا!....
ئاكاردېيون ۋە ناغرا - سۇنەيلەر قېتىدا بىر توپ يىگىتلەر چۇقۇرىشىپ كېلەتتى. ئۇلار تويى بولغان يىگىتنى ئارىغا ئېلىشىپ، ئىپتىخار بىلەن ئىلگىرىلەيتتى. قىز تەرەپكە يېقىنلاشقانسېرى ھەر خىل قىلىقلارنى چىقىرىشاتتى. چاقچاقلىشاتتى، چوقان سالاتتى، مەرىشەتتى، ھاڭرىشاتتى. قولداشلار قوغدىغۇچى، ئەتراپتىكىلەر ھىمايىچى، يىگىت بولسا گويا بىر ئۇرۇش قەھرىمانى ئىدى. ئۇلار غالىپ قوشۇندەك كەرىلىپ، كېڭىيىپ قەدەم ئالاتتى. قىز تەرەپنىڭ ۋەكىللىرى ئېھتىرام بىلەن ئالدىغا چىققان مىنۇتلاردا بولسا، بۇ قوشۇن تېرىسىگە سىغماي قالاتتى. ئېھتىرامغا ئېھتىرام بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ ئورنىغا، ئۆز قەھرىمانىنى بىردەك بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرەتتى – دە، ئارقىدىنلا « ھۇررا! » توۋلىشىپ ئاسمانغا ئاتاتتى. يىگىت قىز ئالماي، شەھەر ئالغان پەھلىۋاندەك غۇرۇرلىنىپ كۈلەتتى. ئۇ يەنە ئېتىلاتتى، تەكرار ئېتىلاتتى. ئەجەبلىنەرلىكى، يىگىتنى ئاسمانغا ئاتقاندا ھەممە بىردەك توۋلاپ كېلەتتى – يۇ، ئۇ پەسكە چۈشكەندە، تۇتىۋالىدىغاندا بىر نەچچىلا ئادەم قالاتتى. ئېتىش ئۇزاققا سوزۇلغانسېرى، تۇتىۋالىدىغان ئادەم ئازىيىپ باراتتى. ناۋادا ئېتىش يەنە داۋاملاشسا، ئېتىلغان يىگىتنى تۇتىدىغان ئادەم قالمايدىغاندەكلا كۆرۈنەتتى.....
« مەن كۆرگەن بىر تويدا، ئاسمانغا ئېتىلغان يىگىتنى تۇتىۋالالماي، ئۇ داق يەرگىلا يىقىلىپ چۈشكەن »
كىمدۇر بىرى شۇنداق دەپ بەرگەنىدى.
« مەن قاتناشقان بىر تويدا، ئاسمانغا ئېتىلغان يىگىتنى تۇتقىلى ئادەم يوق، ئۇ قاتتىق يەرگە بېشىچىلاپلا چۈشۈپ، قوپالماي يېتىپ قالغان. مېڭىسىگە قان چۈشۈپ، توي ماتەمگە ئايلىنىپ كەتكەن. »
يەنە بىرۆيلەنمۇ ئۆز ئېغىزى بىلەن شۇنداق دېگەنىدى.
« ئاسمانغا ئۇچۇرتۇپ، تۇتىۋالىدىغاندا ئادەمنىڭ يوقلىقى مىجەزىمىزگە ئەجەپ ئوخشايدىكەن – ھە. مەن ئاشۇ يىگىتكە ئوخشاپ قالدىممۇ - نېمە؟ »
سەن چاقماق تېزلىكىدە شۇلارنى خىيالىڭدىن ئۆتكۈزدىڭ.
_ مېنى بىلمەيدۇ دەپ قالما. ھەممىنى كۆرۈپ، ئاڭلاپ تۇرىمەن مەن، _ دېدى گۈلگىنە يەنە بارغانچە ئەزۋەيلەپ. ئاخىرىغا بېرىپ ئۆز كاچىتىغا ئۇرۇشقا باشلىدى. چېچىنى يۇلۇپ چوقان كۆتۈردى، _ ئىش قىلىپ، مېنى بۇ يۇرتتا باش كۆتۈرگىلى قويمىغۇدەكسەن. بۇ يەرگە بىللە ئېلىپ كەلگىنىمگە، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغىنىمغا تويغازغۇدەكسەن. شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى چىداپ كەلدىم. ئەمدى چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى. يا رەسىمغا تۇر، يا ماڭا. بولمىسا، مېنى ساراڭ قىلىپ قويغۇدەكسەن. ئاڭلىغانسەن، مەكتەپ مۇدىرى: بۇنداق تۇزىنى يەپ، تۇزلۇقىنى چاقىدىغان نان ئەھلىنى ئىشلەتمەيمەن، دەپتۇ. سەن توغرىلىق مائارىپ ئىدارىسىغا، شەھەر باشلىقىغا بىرمۇنچە يامان گەپلەرنى قىپتۇ. ئايرىم سورۇنلاردا ۋالىيغىمۇ دېگەن ئوخشايدۇ. يەنە: ئۇنداق تۇزكورىغا بەرگەن ناننى ئىتقا بېرىمەن. ئۇزاققا قالماي ئۇنىڭ زۇۋانىنى ئۆچۈرىمەن. ئۈنى چىقماس قىلىۋېتىمەن، دەپتۇ. بىلىپ قوي، ھېلىغىچە دېگىنىنى قىلىپ كەلگەن، دېگەنلىرى بولۇپ كەلگەن ئادەم ئۇ. سېنىڭ دەم سىقىلىشىڭ ئېغىرلاپ، زۇۋانىڭ تۇتۇلۇپ كەتسىغۇ مەيلى. مەنچۇ؟ ئۆمۈر بويى سېنىڭ پۇقۇڭغا تېيىلىپلا ئۆتۈمەنما. ھەممىدىن يامىنى، ۋالىينىڭ بىلىپ قالغىنى. ئەمدى ۋالىي ماڭا قانداق قارايدۇ. ئۆمەك باشلىقلىرى قانداق قارايدۇ. مەن شۇنچە تىرىشىپ، ئەمدىلا بىر ئەترەتنىڭ باشلىقى بولغان تۇرسام دەيمەن؟!.......
چۈشەندۈرەلمىدىڭ. ئىشەندۈرەلمىدىڭ. بېشىڭنى قاماللاپ ئولتۇرۇشتىن باشقا ئامالىڭ بولمىدى. چىداپ ئولتۇرۇپ ئاڭلاشتىن ئۆزگە چارەڭمۇ قالمىدى. يېڭى بىر ئادەمگە، يېپ – يېڭى بىر مىجەزگە يۈزلەنمەكتە ئىدىڭ. ئۇنى ئەمەل - ئابروي كويىدا نېرۋا كېسەل بولۇپ قالغانمىدۇر دەپمۇ ئەنسىرەيتتىڭ. سەن سۆزلىسەڭ، ئۇ ئەزۋەيلەيتتى. سەن ئىزاھات بەرسەڭ، ئۇ چۈشەندۈرەتتى. سەن چۈشەندۈرسەڭ، ئۇ تېرىكەتتى. سەن تېرىكسەڭ، ئۇ يىغلايتتى. سەنمۇ قوشۇلۇپ يىغلىساڭ، ئەھۋالنىڭ قانداق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتىڭ. بىراق، ئىچىڭدە يىغىلىپ قالغان مىڭ تاغارلاپ يىغاڭ بار ئىدى. ئاپام يېنىمدا بولغان بولسا بىر يىغلىۋالسام، مېنى چۈشۈنىدىغان ئادىمىم بولسا، ئىچ – قارنىمنى بىر تۆكۈۋالسام، دەيتتىڭ. ئىككىمىزنىڭ ئۇدۇل بېقىشىپ ئولتۇرۇپ سىرداشقان چاغلىرىمىزمۇ بولغان بولغىيمىتتى. گۈلگىنەنىڭ ئېچىلىپ كۈلگەن ۋاقىتلىرىنىمۇ كۆرگەن بولغىيمىتتىم. سەن كۈن – كۈنلەپ شۇنداق ئويلاپ كېتەتتىڭ. ئۆتكەن كۈنلەر چۈشتەك بىلىنەتتى.
« گۈلگىنە ئاجايىپ تەبەسسۇملۇق ئۇسسۇلچى »
« گۈلگىنە بەك چىرايلىق ئارتىست. »
كىشىلەرنىڭ ئۇ ھەقتىكى باھالىرىنى ۋاستىلىق ئاڭلىغىنىڭدا، قۇلىقىڭغا ئىشەنمەي قالاتتىڭ. ئايالىڭنىڭ گۈلگىنە ئىكەنلىكىگە تېخىمۇ ئىشەنمەيتىڭ. ئۆيدىكى گۈلگىنە بىلەن سەھنىدىكى ئاشۇ تەبەسسۇملۇق گۈلگىنەنى تېگىشىۋالغۇڭ كېلەتتى.
ئارىدىن خېلى يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇ ئىككى گۈلگىنەنى تېگىشىۋالغىلى بولمىدى. بىر بالىغا ئانا بولغاندىن كېيىنمۇ، ئۆيدىكى گۈلگىنە يەنە شۇ پېتىچە ياشاۋەردى. ئۇنىڭ ئاۋۋالقى بىر خىلدىكى گەپلىرىنىڭ قۇيرۇقىمۇ ئەسلا ئۈزۈلمىدى.
_ رەسىم كۇرسىسىدىكى بالىلارغا نېمە دەپ سۆزلىگەنىدىڭ؟
_ خىزمەتداشلىرىڭغا: مائارىپ قېلىپىدىن چىقىپ كەتتى، دېگەنمىدىڭ؟
_ خورازلارنى يەۋەرسەڭ، چىللايدىغان نېمە قالىدۇ، دېگەن گەپنىمۇ قىپتىكەنسەنغۇ باشقىلارغا.
_ يەنە بار، ئادەملىرى توخۇ قوردىقى يىيىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان شەھەردە مەڭگۈ توخۇ چىللىمايدۇ، دەپسەنغۇ قاتار چايدىكىلەرگە؟
_ ................
كۈندە داۋاملىشىدىغان سوئال - سوراق، ۋارقىراش، جارقىراشلارغا سۈكۈتۈڭ بىلەن جاۋاب بېرەتتىڭ. سەن توختىمىساڭ، ئۇ زادىلا توختىمايتتى. ئۆلگۈچە توختىمايدىغاندەك سۆزلەيتتى. ئائىلىدە يەنە جىدەل قوزغىلىشىدىن ئەنسىرەيتتىڭ. شۇ تۈپەيلى ئايالىڭنى ئۇنتۇپ، ئۆزۈڭ بىلەن مۇنازىرە قىلىشنى ئۆگۈنىۋالغانىدىڭ. ئۆزۈڭ سۆزلەيتتىڭ، ئۆزۈڭگىلا سۆزلەيتتىڭ. ئۆزۈڭ ئاڭلايتتىڭ، ئۆزۈڭگىلا ئاڭلىتاتتىڭ. ئۆزۈڭنى رېئال دۇنيادىن روھىي دۇنياغا كۆچۈپ كەتكەندەكمۇ ھىس قىلاتتىڭ. جىسمىڭنى قاپ قىلىپ، ئۇنىڭغا قۇلۇلىدەك يوشۇرۇنىۋالغىنىڭنى سېزەتتىڭ. ئېغىر تىناتتىڭ. بېشىڭ ۋە كۆكرىكىڭمۇ ئېغىر ئىدى. دەم سىقىلىشىڭ ئېغىرلاشقاندەك قىلاتتى. نەپسىڭ ئۇدا سىقىلاتتى. گېلىڭ توختىماي بۇغۇلاتتى. يۆتىلىڭ تېنىمسىز كۈچىيەتتى. پۈتۈن بەدەنلىرىڭ غەزەپ ۋە بىئاراملىقتىن جالاقلايتتى. ئاۋازىڭمۇ خۇددى ئۆزۈڭدەكلا بارا – بارا ئىچىڭگە كۆچۈپ باراتتى. كۈنلەر ئۆتمەكتە ئىدى. مۇشۇ ھالدا، ئۇزاققا سوزۇلغان ئىچكىي زىل – زىلىدىن كېيىن تۇيۇقسىزلا ئۈنۈڭ پۈتۈپ قالغانلىقىنى سەزدىڭ. چۆچۈپ كەتتىڭ. سۈكۈتكە ھېرىس بولساڭمۇ، سۈكۈتنىڭ ئۈن پۈتۈشكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئويلىمىغانىدىڭ. يەنە ئويلىمىغانىدىڭكى، ئاۋازىڭ پۈتۈپ قالغاندىن كېيىنمۇ ئايالىڭنىڭ دوقلىرى زىنھار تۈگىمىدى. جاۋاب بېرىشكە ئامالسىز بولساڭمۇ، ئاڭلاپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر ئىدىڭ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر