باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك GDPسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9 ئاشتى

2015.10.20 13:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى شېڭ لەييۈن گوۋۇيۈەننىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىم ئاساستا ئىلگىرىلەپ، ياخشىلانغانلىقىدەك تەرەققىيات ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. دەسلەپكى ھېسابلاشقا قارىغاندا، ئېلىمىزنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 48 تىرىليون 777 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9 ئاشقان. پەسىلگە ئايرىپ ھېسابلىغاندا، 1-پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7، 2-پەسىلدە %7، 3-پەسىلدە %6.9 ئاشقان. ھالقىما ئېشىش نىسبىتىدىن قارىغاندا 3-پەسىلدە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %1.8 ئاشقان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر