باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خەلقنى مەدھىيەلەيلى، خەلقنى كۈيلەيلى

- ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەدەنىيەت تارماقلىرىنىڭ ‹‹تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش›› باش تېمىسىدىكى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرغانلىقى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

2015.10.20 15:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەدەبىيات – سەنئەت دەۋرنى ئالغا ئىلگىرىلىتىدىغان چاقىرىق، ئەدەبىيات – سەنئەت خەلقنىڭ قەلب ماكانى. جۇڭگو ھېكايىسىنى يېزىش، جۇڭگو روھىنى مۇجەسسەملەش ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىن ئايرىلالمايدۇ.

  2014 – يىل 10 – ئاينىڭ 14 – كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بېيجىڭدا ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. بۇ، يەنئەن ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان 72 يىلدىن كېيىن، ئىككىنچى قېتىم ئېچىلغان ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى. سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىغا بىر يىل بولغان پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ تولۇق تېكىستىنىڭ ئېلان قىلىنىشى كەڭ ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ تۈپ يۆنىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەپ، ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ تارىخىي بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىدا يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق.

  ئۆتكەن بىر يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى قوللانما قىلىپ، ‹‹تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش›› باش تېمىسىدىكى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئەمەلىيىتىنى مەۋقە قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلىش ئىجادىيەت يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ئەڭ ياخشى مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلدى.

  خەلقنى مەركەز قىلىش ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش

  باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: ئېلىمىزدىكى يازغۇچىلار، سەنئەتكارلار دەۋر كەيپىياتىنىڭ ئالدىن سەزگۈچىلىرى، باشلامچىلىرى، تەشەببۇسچىلىرىغا ئايلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ جانلىق، ئەخلاققا تويۇنغان، قىزغىن ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى ۋە دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىنى يېزىپ ۋە خاتىرىلەپ، ئېتىقاد گۈزەللىكى، ئالىيجانابلىقنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن كەلگۈسىگە قەدەم تاشلاشقا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بويىچە ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش پىلانىنى تۈزۈشنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە شىنجاڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيانقى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر تۈركۈم ئەدەبىيات – سەنئەت جەۋھەرلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى: ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى تېما قىلغان ‹‹ئارزۇ قاناتلانغان جاي›› ناملىق كىنو، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە تۈرلۈك ئىشلىرىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ‹‹بۇ يەر شىنجاڭ›› ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسى تۇمشۇق بازىرىدىكى دېھقان خۇدابەردى ئىمىن ياسىغان دۆلەت بايرىقى، 20 يىلدىن بۇيان ھەر كۈنى دۆلەت بايرىقى چىقىرىشنى داۋاملاشتۇرغان ھەقىقىي ھېكايە ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن ‹‹مېنىڭ بايرىقىم››، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنىڭ تىرىشىپ ئالغا بېسىش، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەش روھىي قىياپىتى نامايان قىلىنغان ‹‹ئۆرۈك ئامەت ئېلىپ كەلدى››، زامانىمىزدىكى لېي فېڭ جۇاڭ شىخۇانىڭ ھەقىقىي ھېكايىسى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن ‹‹سۈكۈتتىكى مۇھەببەت››، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ قەد كۆتۈرۈپ ئازاد بولغانلىقى، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغانلىقىدەك ئىنقىلابىي تارىخى ئاساسىي تېما قىلىنغان ‹‹قەد كۆتۈرۈش›› قاتارلىق ئالتە كىنو؛ ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەن ۋارىسىنىڭ يېڭى جۇڭگودىكى بىرىنچى ئەۋلاد توقۇمىچىلىق مۇتەخەسسىسىگە ئايلانغانلىقىنى ئاساسىي لىنىيە قىلغان ‹‹يىپەك يولىدىكى رىۋايەت›› ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى، رەيھانگۈل ئىمىرنىڭ ھەقىقىي ئىش – پائالىيەتلىرى ئاساسىدا يېزىلغان ياشلارنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ‹‹شۇنداق بىر گۈل بار›› قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى. بۇ كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە قويۇلۇپ، ياخشى ئىجتىمائىي ئىنكاس قوزغىدى.

  ئىدىيەۋىلىكى كۈچلۈك، بەدىئىي سەۋىيەسى يۇقىرى، ئوقۇرمەنلەر ياقتۇرىدىغان كۆپلىگەن ئەسەرلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت مۇنبىرى جانلىنىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى. جۇ تاۋنىڭ ‹‹بىر ئادەم ۋە شىنجاڭ››، شېن ۋېينىڭ ‹‹شىنجاڭ لۇغىتى›› ناملىق نەسىرى، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ‹‹سەرسان يىللار››، ئېركېش قۇرمانبېكنىڭ ‹‹تۇلپار قايتىپ كەلدى›› ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى، غەيرەت ئاسىمنىڭ ‹‹ۋاقىتنىڭ سىرلىق قىياپىتى›› ناملىق رومانى، لى جيەننىڭ ‹‹مورى دەرياسى›› ناملىق رومانى، لى جۈەننىڭ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ‹‹پادا يولى›› ‹‹ئوتلاق كۆچۈش›› ناملىق يۈرۈشلۈك نەسىرلىرى قاتارلىقلار، ۋاڭ زۇنىڭ ياۋايى ھايۋاناتلار توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك نەسىرلىرى ۋە ‹‹بۈركۈت››، ‹‹تۆگە›› ناملىق ھېكايىسى قاتارلىقلار ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىز ئەدەبىياتىنىڭ يېڭى يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بۇ ئىجادىيەتلەردە باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك: ‹‹سەنئەتتە تەسەۋۋۇرغا باي بولۇش، بىراق يەرگە چىڭ دەسسەپ تۇرۇش›› ئاساس قىلىنغان.

  مەدەنىيەت پائالىيىتىنى ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىرغىچە يەتكۈزۈش

  شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر سەمەت ئاساسىي قاتلامدا ئويۇن قويغان ئەھۋالىنى ھاياجانلانغان ھالدا سۆزلەپ: بىز دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا ئويۇن قويغاندا يەرلىكتىكى پۇقرالار بىزگە گۈل سوۋغا قىلماي، ئالما، تۇخۇم، نان، قېتىق قاتارلىق ئۆزلىرىدە بار بولغان نەرسىسىنى سوۋغا قىلدى، ئۇلار ناھايىتى ئاق كۆڭۈل بولۇپ، بىز ئۇلاردىن ناھايىتى تەسىرلەندۇق، دېدى.

  شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سەنئەت يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جيەنشىن مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامدا ئويۇن قويۇپ، ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق يېزىلارغا زامانىۋى ئامىللارنى سىڭدۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى جانلاندۇردۇق. ئارتىسلار ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، ئامما بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىپ، چىن ھېسسىيات ئالماشتۇردى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ قىممىتىنى ھەقىقىي نامايان قىلدى...

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت سىستېمىسىدىكىلەر ‹‹ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش›› باش تېما قىلىنغان ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى ۋاسىتە قىلىپ، مەدەنىيەت پائالىيىتىنى ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر، ئەڭ ئاخىرقى بىر ئائىلە كىشىلىرىگىچە يەتكۈزدى. ئۇلار ئاساسىي قاتلامدا قەتئىي ھالدا ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››، ‹‹بەش ئاچقۇچ›› تىن جانلىق، ياخشى پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت مەسىلىسىنى مەدەنىيەت ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىپ، مول مەزمۇنلۇق ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. سەنئەتچىلەر زاۋۇت، كان، مەكتەپ، قىسىم، نۇقتىلىق قۇرۇلۇشنىڭ بىرىنچى سېپى، يېزا – بازار، مەھەللە، كوچا، پۇقرالار ئارىسىغا باردى. ھال سوراپ ئويۇن قويۇش، خەلق ناخشا – قوشاقلىرىنى توپلاش، ئىجاد قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش، تەربىيەلەش، ئەدەبىيات – سەنئەت ئارقىلىق مائارىپقا ياردەم بېرىش، كۆرگەزمە قىلىش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرى بىلەن يۈز تۇرا ئۇچرىشىپ، قولمۇ قول تۇتۇشۇپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى يېڭى ئەھۋال، يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنى كۆرسىتىپ، ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ مەقسىتىنى كۆرسىتىپ بەردى. ‹‹سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات – سەنئەت ماھىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خەلقنىڭ ئەدەبىيات – سەنئىتىدۇر››. خەلقنى مەركەز قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئەدەبىيات – سەنئەت ئەڭ چوڭ ئاكتىپ كۈچىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ‹‹تۆت بىر تۈركۈم›› مەدەنىيەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇردى، يەنى ‹‹ئۇلۇغ سۇدا ئاستا سۇغىرىش›› قا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مەدەنىيەت تۇپرىقىنى ياخشىلىدى، يەنە ‹‹ئاز سۇدا تېمىتىپ سۇغىرىش›› نى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنى سۇغاردى. 10 – ئاينىڭ بېشىغا قەدەر، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سېرىك ئۆمىكى، شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكى، شىنجاڭ مۇقام سەنئەت ئۆمىكى، شىنجاڭ مىللىي ئوركېستىرى، شىنجاڭ ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكى، شىنجاڭ دىراما ئۆمىكى قاتارلىقلار ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئاساسىي قاتلام يېزىلىرىغا بېرىپ 414 مەيدان ئويۇن قويۇپ، 320 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈپ، ئېسىل ئويۇنلارنى ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر، ئەڭ يىراق بىر ئائىلە كىشىلىرىگىچە يەتكۈزدى. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇلار يەنە سەنئەتچىلەرنى تەشكىللەپ، ھال سوراش ئويۇنى قويۇش، خەلق ناخشا – قوشاقلىرىنى توپلاش، ئىجاد قىلىش، نىشانلىق يۆلەش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، ‹‹جۇڭگو ئارزۇيىمىز مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش››، ‹‹نەپىس سەنئەتلەرنى مەكتەپلەرگە يەتكۈزۈش›› قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، چوڭ بايراملاردا مول مەزمۇنلۇق باش تېما مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، زامانىۋى مەدەنىيەت تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ھەر مىللەت خەلققە، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا يەتكۈزدى.

  سەنئەتنى خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش

  باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە: ئاممىۋى ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە دەۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، تولۇپ تاشقان ھېسسىيات، جانلىق يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى، نەپىس رىتىم، تەسىرلىك ئوبراز ئارقىلىق خەلق ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ ۋە ئىشلەپچىقىرىپ، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش كېرەك، دېدى. شۇڭا، بىز سەنئەتنى خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەرنىڭ ۋەزىپىسى قىلىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت سىستېمىسى ‹‹جۇڭگو ئارزۇيىمىز مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش›› بويىچە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. بۇ يىللىق چاغاندا 32 مەيدان ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى خۇشال قىلىش مەدەنىيەت مۇلازىمەت تۈرىنى تەقدىم قىلدى. دائىرىسى دىراما ۋە ئەلنەغمە كېچىلىكى، چاغانلىق كونسېرت، توردىكى چاغانلىق كېچىلىك، گۈزەل – سەنئەت، خەتتاتلىق، فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى، باھار بېغىشلىمىسى، چاغانلىق رەسىم يەتكۈزۈش قاتارلىق ھەر خىل تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ مۇھىم بايرام، مۇھىم كۈنلەردە مول مەزمۇنلۇق باش تېمىلىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئېجىل – ئىناق، خۇشال بايرام كەيپىياتىنى ياراتتى.

  ‹‹3 – نۆۋەتلىك جۇڭگو غەربىي رايون سىمفونىيە ھەپتىلىكى›› نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، غەربىي رايون سىمفونىيە سەنئىتىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىياتنى مەركەزلىك نامايان قىلىپ، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئىجادىي سىمفونىيە ئەسەرلىرىنى چىقىرىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇردى. ‹‹4 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى›› نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى ھەم ئۇسسۇل بايرىمىدا نومۇر ئورۇنلاشنى تۇنجى قېتىم ناھىيە، شەھەرلەرگىچە كېڭەيتىپ، ئەڭ زور چەكتە ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىشىكى ئالدىدىلا دۇنياۋى ئۇسسۇل سەنئىتىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى مەدەنىيەت تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بەھرىلەندۈردى.

  شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ‹‹گۈزەللىك سىزدە›› پىروگراممىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاياللىرىنى زامانىۋى تۇرمۇشقا يېتەكلەيدىغان نادىر پىروگراممىغا ئايلاندى. خىزمەت ئىزدەش تىپىدىكى ئۇيغۇرچە پىروگرامما ‹‹ئىستىقبال سەھنىسى›› ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتىنى چۈشەندۈرىدىغان مۇھىم سۇپىسىغا ھەم ئاز سانلىق مىللەت خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ مۇھىم پايدىلىنىش پىروگراممىسىغا ئايلاندى. ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىسى ‹‹يىپەك يولى ساداسى››، ‹‹شېرىن چۈش›› ۋە ‹‹تالانت سەھنىسى›› قاتارلىقلار ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان پىروگراممىغا ئايلاندى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئۈچ ئەل›› پائالىيىتىدە مەدەنىيەت تارماقلىرى خىل قوشۇنلىرىنى كەنتكە چۈشۈشكە تەشكىللەپ، مول مەزمۇنلۇق ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەت بىلەن ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تازىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق تەرەپلەردە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  ئېسىل ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقا – ئارقىدىن بارلىققا كەلدى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ سەنئەت ئىجادىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەلەپلىرى بويىچە ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى. شىنجاڭ مۇھەببىتى›› باش تېمىسىدىكى ئىجادىيەتنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلدى، سەنئەت خىزمەتچىلىرى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى››، ‹‹قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ›› قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بىر تۈركۈم پۇت تىرەپ تۇرغۇدەك، كېيىنگە قالدۇرۇپ قويغۇدەك، تارقاتقۇدەك، خەلققە ئۆزلەشكىدەك، ئامما كۆرۈشنى، ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئېسىل ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلدى.

  ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۇنىۋېرسال ئەدەبىيات – سەنئەت كېچىلىكى ‹‹شىنجاڭغا مەدھىيە›› دە، باش تېما روشەن، دەۋر روھى كۈچلۈك بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېسىل ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرى، بولۇپمۇ سەھنە سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسى مەركەزلىك نامايان قىلىندى.

  مۇزىكىلىق دىراما ‹‹ئالمىخان››، ناخشا – ئۇسسۇل كېچىلىكى ‹‹يىپەك يولىدىكى ئۇسسۇل روھى››، مەنزىرە شېئىرىي رەسىم ‹‹يىپەك يولىدىكى مۇزىكا روھى››، ئۆزگەرتىلگەن دىراما ‹‹ئالاھىدە تاپشۇرۇق››، زامانىۋى بېيجىڭ تىياتىرى ‹‹لاۋشا ئائىلىسىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى››، ئۇسسۇللۇق تىياتىر ‹‹ماناس››، ‹‹قەشقەر يېڭىشەھەرگە مۇھەببەت››، دىراما ‹‹بوۋاينىڭ يېڭى بۇرادىرى››، ناخشا – ئۇسسۇللۇق تىياتىر ‹‹تەڭرىتاغ ئارزۇسى›› قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر سەھنە سەنئەت ئەسەرلىرى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك بولۇپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە بازار ئۈنۈمىدىن ئىبارەت قوش ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن چوڭ تىپتىكى تېلېۋىزىيە فىلىمى ‹‹شىنجاڭ ياخشى جاي›› شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشى، مەدەنىيەت تومۇرى، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش قاتارلىق تەرەپلەردىن شىنجاڭدىكى يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 60 يىل، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيانقى شىنجاڭدىكى يېڭىلىقلار، يەنى ئىدىيەدىكى يېڭىلىق، ئۆزگىرىشتىكى يېڭىلىق، قەلبتىكى يېڭىلىق، روھتىكى يېڭىلىقلارنى ئەكس ئەتتۈردى.

  شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى چۆرىدەپ، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە، موڭغۇلچە، قىرغىزچە بەش تىلدا ‹‹يايلاقتىكى ئايال سودىيە››، ‹‹پادىچى ناخشىسى››، ‹‹دەۋر ئەركىسى›› قاتارلىق 60 بۆلۈم 200 قىسىملىق رادىيو دىرامىسى، 300 پارچە مىكرو رادىيو دىرامىسى ئىجاد قىلدى، ‹‹بىڭتۈەن ئوغۇل – قىزلىرى››، ‹‹باياۋاندىكى تەزىيە›› قاتارلىق 30 بۆلۈم 1300 قىسىملىق چوڭ ھەجىملىك ئۈنگە ئېلىش خىزمىتىنى تاماملىدى. ‹‹مالەن قوشىقى››، ‹‹ئالىمنىڭ ھېكايىسى›› قاتارلىق بىر تۈركۈم رادىيو دىرامىسى، رادىيو مىكرو دىرامىلىرى ۋە نۇرغۇن شېئىر، ناخشا، ئېتۇتلارنى ئاڭلاتتى. بۇ ئەسەرلەر ناخشا ئارقىلىق تەربىيەلەش ئۇسۇلى بىلەن يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى سەنئەتلىك ئەكس ئەتتۈرۈپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىغا جان كىرگۈزۈپ، خەلقنى ھېكايە، شېئىر، مۇزىكا ئىچىدە تەسىرلەندۈردى ۋە ئۇنى ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇردى.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاخبارات، نەشرىيات خىزمىتىدە گۈللىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە ئىدارىسى بۇ يىل تىرىشىش ئارقىلىق 4 – تۈركۈمدىكى ‹‹شىنجاڭ مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئىجادىي ئەسەرلىرى ۋە مىللىيچە – خەنزۇچە تەرجىمە ئەسەرلىرى قۇرۇلۇشى›› ۋە ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيەت ئامبىرى›› 2 – تۈركۈمدىكى كىتابلار مۇندەرىجىسىنى نەشر قىلدى؛ شاڭخەي كۇتۇپخانىسى بىلەن ‹‹شىنجاڭ كۈنى›› پائالىيىتىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى؛ 26 – نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىتاب كۆرگەزمىسىدە شىنجاڭ باش تېما قىلىنغان مەدەنىيەت پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ھەر مىللەت ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ناخشا – قوشاقلىرىنى توپلاش، ئىجاد قىلىش، يېڭى ۋە جانلىق خام ماتېرىياللارنى چوڭقۇر قېزىپ، شىنجاڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى نامايان قىلىدىغان ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىشقا يېتەكلىدى، جەمئىي 207 پارچە ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسىرى نەشر قىلىندى. 2015 – يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مىللىيچە – خەنزۇچە تەرجىمە ئەسەرلىرى قۇرۇلۇشى ۋە بەش پارچە ئۇيغۇرچە ئىجادىي ئەسەر، سەككىز پارچە خەنزۇچە ئىجادىي ئەسەر، ئالتە پارچە قازاقچە، قىرغىزچە، موڭغۇلچە ئىجادىي ئەسەرنىڭ، 15 پارچە تەرجىمە ئەسەرنىڭ ئاخىرقى تەھرىرلىكى تاماملاندى.

  بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش›› باش تېمىسىدىكى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى. سەنئەتچىلەر ئەمەلىيەت جەريانىدىن ئوزۇق ئېلىپ، ئىدىيە، سەنئەت پەزىلىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ زور تەرەققىيات – گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ياخشى كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر