باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئۆزۈمدىن چىقىش (پوۋىست)(6)

ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان

2015.03.31 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


ئېزىتقۇ.
شاللاق.
قارا نىيەت.
بۇزغۇنچى.
ئىبلىس!....
...............
كىشىلەر چوقان سېلىپ كەلگۈدەك.
ھەممە گۇناھنىڭ، بارچە رەزىللىكنىڭ سەۋەبكارى بولۇپ قالغۇدەكسەن.
« قاچ! »
قاياقتىندۇر شۇنداق بىر ئاۋاز ئاڭلانغۇدەك. ھېچنېمىگە قارىماي قاچقۇدەكسەن. بېشىڭچىلاپمۇ، پۇتۇڭچىلاپمۇ چاپقۇدەكسەن. تېيىلغۇدەكسەن، يىقىلغۇدەكسەن. ئۇزاق قېچىشلاردىن كېيىن ھىس قىلغۇدەكسەن: كىشىلەر ئارقاڭدىنلا قوغلىغۇدەك، يېنىڭدىن، ئالدىڭدىن يۈگۈرۈپ چىقمىغۇدەك. قېچىۋېتىپ ئارقاڭغا بۇرۇلساڭمۇ، كىشىلەر يەنە ئوخشاشلا ئالدىڭنى توسىماي، سەن ماڭغان يولنى تولۇق مېڭىپ بولۇپ، سەن بۇرۇلغان يەردىن بۇرۇلۇپ، ئاندىن ئارقاڭدىن قوغلاپ كېلىۋاتقۇدەك. كۈلگۈدەكسەن، ئەمما يەنە توختىماي قاچقۇدەكسەن. ئۆلۈم ئالدىدا كۈلگىنىڭگە ھەيرانمۇ قالغۇدەكسەن. قېچىۋېتىپ، يىراققا قېچىش بىلەن چۆرۈلۈپ قېچىشنىڭ ھېچ پەرقى يوقلىقىنى ھىس قىلغۇدەكسەن. شۇئان، كىچىكىڭدە خامان تەپكەندە موما ياغاچنى ئايلىنىپ چۆرۈلگەندەك بىر نۇقتىنى ئايلىنىپ چۆرۈلگۈدەكسەن. مەكتەپ مەيدانىدا ئۇزاققا يۈگۈرگەندەك بىر دائىرىنى ئايلىنىپ قاچقۇدەكسەن. بېرىپ-بېرىپ، بىردە چەمبەر شەكلىدە، بىردە تىك تۆت بولۇڭ شەكلىدە ۋە بىردە كۇنۇس شەكلىدە يۈگۈرگۈدەكسەن. ئاخىرىغا بېرىپ، نەشپۈت شەكلىدە، ۋە ھەتتا تۇخۇم شەكلىدە ئايلىنىپ قاچتىم دېگۈدەكسەن. قايسى شەكىلدە قاچساڭ، كىشىلەر شۇ شەكىلدە قوغلىغۇدەك. يۈگۈرۈشۈڭ ئارقىلىق خامان سىزغۇدەكسەن، مەيدان سىزغۇدەكسەن، چەمبەر سىزغۇدەكسەن، تۇخۇم سىزغۇدەكسەن. سىزمىلىرىڭ كىشىلەرنىڭ ئاياغ ئىزلىرى بىلەن تېخىمۇ قېنىقلىشىپ بارغۇدەك.
قوغلاش توختىمىغۇدەك.
قېچىشمۇ ئاخىرلاشمىغۇدەك.
......................
ئاجايىپ بىر چۈشنى، چۈشكە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتىڭ.
پەلكۈچنى تېخىمۇ چىڭ تۇتتۇم. ئۇ تىترىسىمۇ، تېيىشسىمۇ مېڭىشى كېرەك ئىدى. غىلدىرلىمىسا يورغىلىتىپ، سۆيۈنمىسە سۆيدۈرۈپ، قوپاللاشسا تاپقا سېلىپ، خالىمىسا مەجبۇرلاپ ماڭدۇراتتىم. پەلكۈچ ئايرىلماس ۋاستەم بولسىمۇ، ئىجاد جەڭگاھىدىكى قۇرالىم بولسىمۇ، تىلىم، سادايىم بولسىمۇ، ھەدېگەندىلا ئۇنىڭ رايىغا باقالمايتتىم. ئۇ ھېمىشە ئىلھام قىزىنىڭ تاپىنىنى ماراپ يۈرەتتى. ئىلھام قىزى بىلەن بىرگە بولۇش گۈزەل ۋە ئۆلمەس پەرزەنتلەرنى ئاتا قىلىدۇ. ئۇنىڭ دەستۇرى شۇنداق ئىدى. ئەمما مەن تاقەت قىلالمايتتىم. ئىلھام راستىنلا مۆجىزىۋىي ئىجادىيەت ھالىتى بولسىمۇ، ئۇنىڭ تەشرىبلىرى بىقارار ئىدى. بۇنداق لايغەزەللىك ئىچىمنى سىقاتتى. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك كۈندە پەلكۈچسىز ياشىيالمايتتىم. ساقلاپ تۇرىۋېرىش مېنى تېخىمۇ تۈگەشتۈرۈۋېتىشى، ھەتتا ھاياتىمنى نابۇت قىلىۋېتىشى مۈمكىنىدى. ھەرىكەت، ئۇرۇنۇش ماڭا تەسەللىي بېرەتتى. ماڭا يېڭى بىر ھاياتلىق ئاتا قىلاتتى. ئىلھامى كەلمىسىمۇ خوتۇن ئېلىش، ئىلھامى كەلمىسىمۇ بالا تېپىش، ئىلھامى كەلمىسىمۇ ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش، ھاراق ئىچىش.... لەر كۆز ئالدىمغا كېلىۋالاتتى. ئۇلار بىلەن زادىلا باغلىنىشى يوقلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ، رەسىم سىزىشلىرىمنى ئاشۇ ئىلھامسىز تاماملىنىشلارغا سېلىشتۇرغۇم كېلەتتى. ئىلھام قىزىنى ئىزدەپ، قوغلاپ تېپىش كېرەك. ئۇنى قېدىرىش ھەقىقىي ئاشىقنىڭ تەبىئىي تاللىشى. بەدەلسىز سۆيگۈ بولمايدۇ. دۇنيادا ھېچبىر سۆيۈلگۈچى سۆيگۈچىنى قوغلىغان ئەمەس. سۆيگۈچىنىڭ مېھىر بىلەن قوغلىشى سۆيۈلگۈچىدە ھامان بىر كۈنى قىزىقىش ۋە ھارارەت پەيدا قىلىدۇ. مانا بۇ _ مۇھەببەت، مانا بۇ _ ئىلھام ۋە مۆجىزە. پەلكۈچۈم شۇنداق دەيدىغانلىقىمنى بىلەتتى. ئۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن ئۆز يۈرۈشلىرىنى داۋام قىلاتتى. سوغۇق رەڭدىن ئىسسىق رەڭگە، ئىسسىق رەڭدىن يەنە ئىسسىق رەڭگە شۇڭغۇپ باراتتى....
« ئادەم سىزساڭ بولمايدۇ. »
خوتۇنۇم پات-پاتلا شۇنداق دەپ ئاگاھلاندۇراتتى.
« ئادەم سىزساڭ يامان بولىدۇ. »
ئۇزاق يىللار ئىلگىرى، مەرھۇم ئاپاممۇ بالىلىقىمدا سىزغان ئادەم سۈرىتىگە قاراپ شۇنداق دېگەنىدى.
ئاپام ئۆتمۈشنىڭ ئادىمى ئىدى.
گۈلگىنە بۆگۈن ياشاۋاتاتتى.
ئاپام ساۋادسىز ئىدى.
گۈلگىنە ھەممىنى بىلەتتى.
ئۈنئالغۇ توختاپ قالدىمۇ، يا قۇيۇلىۋاتامدۇ ئۇنتۇپ كەتكەنىدىم. ئەمما قۇلاق تۈۋۈمدە، تومۇرلىرىمدا، ۋۇجۇدۇمدا، قان-قېنىمدا بالىلىقىمدىكى ئاجايىپ گۈزەل ناخشىلار جاراڭلايتتى.
قەدىمىي، تەبىئىي، ئوتلۇق، مېھىرلىك مەھەللەم سۈرەتتەك جۇلالىنىپ تۇراتتى.
سەمىمىي، ساداقەتمەن، دىيانەتلىك، مۇھەببەتلىك قىزلار سۈرەتتەك جىلۋە قىلىپ تۇراتتى.
سەھرانىڭ تولۇنئايلىق، يۇلتۇزلۇق، لىرىكىلىق، ھارارەتلىك كېچىسى سۈرەتتەك جىلمىيىپ تۇراتتى.
شاپائەتلىك، شاراپەتلىك، ئىنايەتلىك، كارامەتلىك قۇياش سۈرەتتەك نۇرلىنىپ تۇراتتى.
قامەتلىك، ھەيۋەتلىك، شىجائەتلىك، سالاپەتلىك، مەتانەتلىك تەڭرىتېغى سۈرەتتەك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.
ئۇلار ھەممىسى سۈرەت ئىدى.
ھە – ئە، ئاسمانمۇ، زېمىنمۇ، ئادەممۇ، ئالەممۇ سۈرەت.
دۇنيا _ سۈرەت،
سۈرەت _ دۇنيا ئىدى.
« ئۈرۈكنى ماڭا ئەگىشىپ تەرگىن بالام. بۇياققا كەل، ئاۋۇسى ئاچچىق ئۆرۈك دەيمەن. ئۇنىڭدا قاق قورۇتقىلى بولمايدۇ. »
لېۋىمنى يالاپ قويدۇم دەپ ئويلىدىم. بەلكىم چىشلەپ قويغاندىمەن. شۇئان جاۋغايلىرىمغىچە سىرغىپ چۈشكەن مۇزدەك سۇيۇقلۇقنىڭ قىرتاق ۋە تۇزلۇق تەمى تىلىمغا ئۇرۇلغاندەك بولدى. پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ئاچچىق گەۋدىگە، تۇزلۇق بىر سۇيۇقلۇققا ئايلىنىپ كەتكەندەك تۇيۇلدى.
كۈچەپ تۇتۇلغان پەلكۈچ رەڭلەر دولقۇنىدا شىددەت بىلەن لەڭ ئۇراتتى. قوللىرىم رەڭدە. كۆزلىرىم رەڭدە. تىنىقىم رەڭدە. خىيالىم رەڭدە. ئەس – يادىم، تەسەۋۋۇرۇم، ئىدراك ۋە تەپەككۇرۇم چەكسىز رەڭلەر دۇنياسىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن. دۇنيا _ رەڭ، رەڭ _ دۇنيا ئىدى.
پەلكۈچ سول يېرىپ يۈرەتتى. يول ئېچىپ ماڭاتتى. قېنىق رەڭدىن باشلانغان قېلىن سىزىقلار گەۋدىسى ئاستا – ئاستا سۇسلىشىپ باراتتى. چەكسىز ئۇزاقلارغا سوزۇلغان سۇس يىراقلىق مەڭگۈلۈك بىر مەنزىلدىن بىشارەت بېرىپ تۇراتتى.....
پۈتۈن دۇنيا پەلكۈچۈمنىڭ ئۇچىدىن يېيىلىپ ئۆتمەكتە ئىدى.
قۇلىقم تۈۋىدە تونۇش كۈيلەر ياڭرايتتى.
ۋۇجۇدۇمدا گۈزەل ناخشىلار جاراڭلايتتى.
_ ئەزىمەت ئۇكام، سىز بوش كەلمەڭ. ياش ئادەم دېگەن ھېچكىمدىن، ھېچنېمىدىن قورقمىغۇلۇق. بۇ مەكتەپنى يىگىرمە يىلنىڭ مابەينىدە ئانىسىدىن مىراس قالغاندەك سوراپ كەلگەن گۇي ئۇ. ئاتتىن چۈشۈدىغىنىغىغۇ ئازمۇ قالدى. مەن سىزدەك ئالىي مەكتەپتە، يەنە كېلىپ ئۈرۈمچىدەك يەردە ئوقۇپ قالىدىغان بولسام......
_ مائاشنى ئۇ بەرمەيدۇ، ھۆكۈمەت بېرىدۇ. يېڭى كەلدىم دەپ، نېمە دېسە ھە دەپ تۇرماي، سىزمۇ گەپ ياندۇرۇڭ. سىز دېگەن بىر تالانت ئېگىسى، كەسپ ئەھلى. غۇرۇرىڭىزنى قوغداڭ. يامىنى كەلسە قۇلاقنىڭ تۈۋىگە سېلىڭ، ئاداش.
_ سىزدەك ماھىر رەسسام دېگەن مەكتەپنىڭ، يۇرتنىڭ شەرىپى. مۇدىرغا قورقماي يېنىڭ، ھۆركىرەڭ. رەسسام رەسىم سىزماي نېمە ئىش قىلىدۇ، دەپ سوئال قويۇڭ. ئۆتكەندىكىدەك ئەسكىلىك قىلسا، ئۇنىڭ چىرىكلەشكەن قىلمىشلىرىنى يۇقىرىغا ئەرز قىلىڭ.
_ ...............
ئاجايىپ كېمە بىلەن ئاجايىپ جايلاردا ئۈزۈپ باراتتىم. كۈچەپ ئۇرۇلىۋاتقان پالاق بىردە قۇملۇققا ئوخشاش تاقىر ئېقىملارنى، بىردە دېڭىزغا ئوخشاش يېشىل دولقۇنلارنى يېرىپ ماڭاتتى. قۇيۇندەك تۈرۈلۈپ تۇرغان قۇملۇقلاردىن، قاينامدەك تولغىنىپ تۇرغان سۇلۇقلاردىن ئۆتەتتىم. بۆرىلەر قوغلايتتى. بېلىقلار ئەگىشەتتى. كىت – لەھەڭلەرمۇ ئەگىشىپ ماڭاتتى. ئەس – يادىم، كۆزلىرىم يىراقلارغا تىكىلگەن بولسىمۇ، پۇتلىرىم سۆرىلىپ قېلىۋاتقاندەك ئىدى. سۇغا چىلىشىپ قېلىۋاتقان پۇتلىرىمنىڭ بارماقلىرىنى بېلىقلار يالاۋاتقاندەك، تاپانلىرىمنى لەھەڭلەر چىشلەۋاتقاندەك، پەي – سىڭىرلىرىمنى قانداقتۇر بىر ۋەھشى ھايۋان قاساپ ئۈزۈۋەتكەندەك بىلىنەتتى. ئېقىۋاتقان قانلىرىم دېڭىز سۈيىدە قىپ-قىزىل سىزىققا ئايلىنىپ كەلمەكتە ئىدى. بېلىق، كىت – لەھەڭ، يەنە مەن ئىسمىنى بىلمەيدىغان تالاي جانلىق قاننى ھىدلاپ، ئاشۇ قان سىزىقىنى بويلاپ قوغلاپ كېلىۋاتاتتى. ....
« چىنتۆمۈر باتۇر » ئاجايىپ داستان-ھە. دەل مۇشۇ داستاندا يەتتە باشلىق يالماۋۇز تاپان تېشىپ، قان شورايدىغۇ.
« بوۋاي ۋە دېڭىز »، ھە، بۇمۇ قالتىس ئەسەر. بوۋاينىڭ تۇتالماي، تۇتالماي، مىڭ تەسلىكتە تۇتقان بېلىقىنى كىت ۋە بېلىقلار يەپ تۈگىتىۋېتىدىغۇ ئاخىر.
تاتلىق نەرسە يالاپ تۈگەيدۇ.
ئاچچىق نەرسە تالاپ تۈگەيدۇ.
ئاققان نەرسە خوراپ تۈگەيدۇ.
سۆرۈلۈپ قالغىنىچۇ؟....
قايسىبىر باش چۆرۈلىۋاتقاندەك قىلاتتى. ياق، ئۇ باش ئەمەس. بەلكىم باش ئەمەستۇر!....
كېمە ھازىرلا ئۆڭتۈرۈلۈپ كېتىدىغاندەك لەپەڭشىيتتى. پالاق شىددەتلىك ئېقىمغا گاھ تېگىپ، گاھ تەگمەي ماڭاتتى. ئالەم چۆرۈلىۋاتقاندەك قىلاتتى. كېمە چۆرۈلىۋاتقاندەكمۇ بىلىنەتتى......
ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن، خورازنىڭ چىللىشىنى ئاڭلىغان ئاشۇ ئاجايىپ كۈندىمۇ، پەلكۈچنى تۇتقان پېتى يەرگە يىقىلىپ قالغان مۇشۇ كۈنۈمنى چوقۇمكى ئىپتىخار بىلەن ئەسكە ئالاتتىم.
بېشىم قېيىۋاتاتتى. كۆڭلۈم ئىلەشمەكتە ئىدى. پۇت – قوللىرىم ئۇرۇپ چېقىۋېتىلگەندەك، پەيلىرىم قىيىپ تاشلانغاندەك، تاپانلىرىم ئۆتمە تۆشۈك قىلىۋېتىلگەندەك، قانلىرىم تامامىي ئېقىپ تۈگىگەندەك. پەقەت ئاجىز روھىملا قالغاندەك، جېنىم تېنىمنى زادىلا كۆتۈرۈپ قوپالمايدىغاندەك. قاچان يىقىلدىم، قانچە ئۇزاق ياتتىم؟ ھەي.... بۇنى كىم بىلسۇن.
« ناشتا قىلىپراق ئىشلىسەڭ بولاتتى، ئەزىمەت. »
ساڭا قاراپ شۇنداق دېگەنلىكىم ئېسىمدە.
« ھازىرلا ناشتا قىلىمەن، ئەزىمەت. »
سېنىڭمۇ شۇنداق دېگەندەك قىلغىنىڭ يادىمدا.
ئېغىزىم قۇرۇپ كەتكەنىدى. پەلكۈچۈم تۇرۇپ – تۇرۇپلا ئۆز سىزىقىدىن ئېزىپ، ھورى ئۆرلەپ تۇرغان چايغا، لەغمەنگە ۋە بەزىدە مانتىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىرنەرسىلەرنى سىزىپ قۇيۇۋاتاتتى. كۆكرىكىم بەكلا ئېغىر ئىدى. نەپسىم سىقىلىپ، ئېغىزىمنى كۆشۈكتەك ئېچىۋالغىنىمنى سىزىپ تۇراتتىم.
« دەم سىقىلىشقا سەل قارىغىلى بولمايدۇ. پوچتىخانىدىكى دەم سىقىلىش كېسىلى بار بىرى ئېغىزىنى يوغان ئېچىپلا تىنالماي جان بېرىپتۇ. »
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر