خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27 -مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شۇيە ۋاقتى 26-مارت، فىرانسىيە تەپتىش ئەمەلدارى David Galtierبىلەن مارسېل تەپتىش ئەمەلدارى Brice Robin مۇخبىرلار يىغىنى ئېچىپ 4U9525 نىڭ ئەخۋالىنى چۈشەندۈردى.
بۇ تەپتىش ئەمەلدارى ئۇچۇش بۆلۈمى ئىچىدىكىسىنىڭ ياردەمچى ئۇچقۇچى ئىكەنلىكىنى،تېشىغا سولىنىپ قالغان كىشىنىڭ ئايروپىلان باشلىقى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئايروپىلان باشلىقى سۆزلەشكۈچ ئارقىلىق ئۇچۇش بۆلۈمى ئىچىدىكى ياردەمچى ئۇچقۇچى بىلەن ئالاقىلىشىپ سالاھىيتىنى بىلدۈرۈپ ئۇچۇش بۆلۈمىگە كىرىشنى تەلەپ قىلغاندا ئۇچۇش بۆلۈمىدىن ھېچقانداق ئىنكاس بولمىغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى