- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئاسىيا ئۇل مەبلەغ بانكىسىغا 41دۆلەت كىرىشنى ئىلتىماس قىلدى
2015.03.30 16:54 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28-مارت، روسىيەنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن زوڭلىسى ئىگور شۇۋالوف بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 2015-يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، روسىيە زوڭتوڭى پۇتىننىڭ قارارى بىلەن روسىيەنىڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا گوللاندىيە باش ۋەزىرى لۈت گوللاندىيەنىڭ ئاسىيا ئۇل مەبلەغ بانكىسىنىڭ قۇرغۇچى دۆلەت بولۇشقا ئىلتىماس قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى، بۇ مەسىلە ئۈستىدە جۇڭگو تەرەپ بىلەن تېزدىن ئالاقىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، گرۇزىيەمۇ ئىلتىماس قىلغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى ھەمدە جۇڭگو تەرەپكە يازما ئېتىراپنامە تاپشۇردى. بۇنىڭ بىلەن، ئاسىيا ئۇل مەبلەغ بانكىسىنىڭ قۇرغۇچى دۆلەت بولۇشنى خالايدىغان دۆلەتلەر 41گە يەتتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر