- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
جۇڭگو دانىيە، ئاۋسترالىيەنىڭ ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى مۇددىئالىق قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت بولۇشنى ئىلتىماس قىلغانلىقىنى قارشى ئالدى
2015.03.30 15:24 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مالىيە مىنىستىرلىقى 29-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دانىيە 28-مارت ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى مۇددىئالىق قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت بولۇشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان ھەمدە جۇڭگوغا يازما ئېتىراپنامە سۇنغان.
بۇندىن باشقا ئاۋسترالىيەمۇ 29-مارت ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى مۇددىئالىق قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت بولۇش ئارزۇسىنى رەسمىي جاكارلىغان ھەمدە جۇڭگوغا يازما ئېتىراپنامە سۇنغان.
مالىيە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو دانىيە بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ قارارىنى قارشى ئالىدۇ. ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى مۇددىئالىق قۇرغۇچى دۆلەتلەر باش سۆھبەت ۋەكىللىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو كۆپ تەرەپلىك تەرتىپ بويىچە ھازىرقى مۇددىئالىق قۇرغۇچى دۆلەتلەردىن پىكىرىنى ئېلىۋاتىدۇ. ناۋادا ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولسا، دانىيە 12-ئاپرېل، ئاۋسترالىيە 13-ئاپرېل ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى مۇددىئالىق قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر