باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراقتىكى كۆپلىگەن شىئە مەزھىپىدىكى خەلق قوراللىقلىرى تىكرىت ئۇرۇشىدىن چىكىنىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلىپ ئامېرىكىنىڭ ئارلاشقانلىقىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى

2015.03.27 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىراقتىكى كۆپلىگەن شىئە مەزھىپىدىكى خەلق قوراللىقلىرى 26-مارت ئىراقنىڭ شىمالى قىسىمىدىكى سالاھىدىن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى تىكرىتنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدىن چىكىنىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلىپ ئامېرىكىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى كۆپ دۆلەت قىسىمىنىڭ ئارلاشقانلىقىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى.

  ئىراق شىئە مەزھىپى خەلق ئەسكەرلىرى «تىنچلىق بىرگادىسى» شۇكۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ تەشكىلات ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنى تېكرىتنى ئازاد قىلىش ھەربى ھەركىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىدىن چۆچۈگەنلىگىنى، شۇڭلاشقا ئامېرىكا يىتەكچىلىكىدىكى خەلقئارا ئىتپاقداش ئارمىيسى قاتناشقان «ئىراق شام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش ئۇرۇشىدىن چىكىنىپ چىقىشنى قارار قىلغان.

  باياناتتا، ئامېرىكىنىڭ ئارلىشىشى« ئىراق خەلقىنىڭ غەلبە مېۋىسىنى ئوغىرلىغانلىق»دېيىلدى، ھەم ئىراق خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراق زىمىنىنى ئازاد قىلالايدىغان قوراللىق كۈچى بارلىقى تەكىتلەندى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر