باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى»دا تور ئەھلى، ئەلرايىنى جۇڭنەنخەيگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى

2015.03.31 14:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭدىكى جۇڭنەنخەي 26-مارت بىر توپ ئالاھىدە مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. جياڭسۇ، خېنەن، خېبېي قاتارلىق ئۆلكىلەردىن كەلگەن ئالتە تورداش تەكلىپكە بىنائەن جۇڭنەنخەيگە كىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ يىللىق «ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى» ئۈچۈن سۇنغان تەكلىپلىرى ئۈستىدە كەڭ-كۇشادە پاراڭلاشتى.

  ليۇ جيەنخۇا جياڭسۇ ئۆلكىسى شىڭخۇا باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى. ئۇ ئىككى يىغىندىن بۇرۇن خەلق تورى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇنبىرى ئارقىلىق، «2015-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىنى مەن يازىمەن، مەن ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ئەقىل كۆرسىتىمەن» پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەم توردا «شەخسىي دوختۇرخانا قۇرۇشقا ئىلھام بېرىلىپ، جەمئىيەتنىڭ دوختۇرخانا قۇرۇشتىكى يوشۇرۇن كۈچى ئۇرغۇتۇلۇپ، رىقابەت داۋامىدا داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈلسە» دەپ سۆز قالدۇردى. ئويلىمىغان يېرى شۇكى، «ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى»غا ئۇنىڭ بۇ تەكلىپى قوبۇل قىلىندى، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ يەنە پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇننىڭ ئۇنى بېيجىڭغا بېرىپ سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدى.ليۇ جيەنخۇانىڭ كەچۈرمىشىگە ئوخشاپ كېتىدىغان شىنخۇا تورىدىكى يەنە بىر تورداش، غەربىي شىمال دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى لۇ شياڭپىڭ ئىدى. ئۇ بەرگەن تەبىئىي ئورمانلارنى قوغداش تەكلىپى ئىككى يىغىندا، «تەبىئىي ئورمانلارنى قوغداش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تەبىئىي ئورمانلارنى سودا خاراكتېرلىك كېسىشنى تەرتىپلىك توختىتىش» دېگەن مەزمۇندا «ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى»غا نۇقتىلىق كىرگۈزۈلدى.تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى خەلق تورى، شىنخۇا تورى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى، جۇڭگو تورى، سىنا تورى، تېڭشۈن تورى قاتارلىق ئالتە تور بېكىتى بىلەن بىرلىكتە باشلىغان «2015-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىنى مەن يازىمەن، مەن ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ئەقىل كۆرسىتىمەن» پائالىيىتى 22-يانۋار باشلانغاندىن بۇيان، جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغاپ، تور ئەھلى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان. 15-مارت ئىككى يىغىن يېپىلغۇچە، تور ئەھلىنىڭ 79 مىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالغان.بىر تورداش «ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى چۈشۈرۈش بىلەنلا بولدى قىلماسلىقى، ھۆكۈمەت باشقىلارغا بۇيرۇپ قويۇپ، ئۆزى جىم تۇرۇۋالماسلىقى كېرەك» دەپ سۆز قالدۇردى، «ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى»دا، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، چۈشۈرۈش بىلەن باشقۇرۇشنى ئىسلاھاتقا بىرلەشتۈرۈش، ئىش جەريانى ۋە ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ-ۋەكىل، ئەزالارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. بىر تورداش «دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ نېسى قالغان ئىش ھەققى مەسىلىسى يەنىلا ئېغىر، ھۆكۈمەت بۇنىڭغا تەدبىر قوللىنىشى لازىم» دەپ سۆز قالدۇردى. «ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى»دا، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قىلىش مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەپ، ئەمگەكنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىش ۋە ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇننى ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنىڭ قالقىنىغا ئايلاندۇرىمىز دەپ كۆرسىتىلدى.ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەپ تىزگىنلەش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش، كىرىم تەقسىماتى، مائارىپ ئادىللىقى، چېرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قاتارلىقلار ھەققىدە تور ئەھلى ئاكتىپ تەكلىپ بەردى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن پىكىر-تەكلىپلىرى «ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى»نىڭ ئاخىرقى نۇسخىسىغا كىرگۈزۈلدى ياكى ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلار بىلەن بىر يەردىن چىقتى.دوكلات تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: تورداشلارنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشى-ئۇلارنىڭ دۆلەتنىڭ غېمىنى تەڭ يېيىش، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەشتەك كۆيۈمچانلىق روھى، مۇھىم تەدبىر بەلگىلەش ئىشلىرىغا قاتنىشىشتىكى خوجايىنلىق روھىنى گەۋدىلەندۈردى. بۇنداق توردا ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا مەسلىھەت بېرىش ئۇسۇلىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە دائىملاشتۇرۇپ، ئالاقە تورىدا ئىجابىي ئەقىل-چارە كۆرسىتىش مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىمىز.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر