باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى: قىسمەن جايلارنىڭ پۇتبول ھەرىكىتىنى باشقا تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ ئورنىغا قويۇشىغا قارشى تۇردى

2015.03.30 17:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «جۇڭگونىڭ پۇتبول ھەرىكىتىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئومۇمىي لايىھەسى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم بىر تۈرى بولغان مەكتەپ پۇتبول ھەرىكىتىگە قارىتا قىسمەن جايلار ۋە مەكتەپلەر پائال ئىنكاس قايتۇردى، لېكىن پۇتبول ھەرىكىتىنى ئەسلىدە بار بولغان باشقا تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ ئورنىغا قويۇشتەك ناچار ئالامەتلەرمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ پەيدا بولدى. بۇنىڭغا قارىتا، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ پېڭ مۇنداق دېدى: پۇتبول ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش دېگەنلىك ھەرگىزمۇ باشقا تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرماسلىق دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى پۇتبول ھەرىكىتىنى يېتەكچى قىلىشتەك ئۈلگە رولىنى جارى قىلدۇرۇش دېگەنلىك.

  بۇ قېتىمقى پۇتبول ھەرىكىتىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسىدە مەكتەپ پۇتبول ھەرىكىتى 14 قېتىم تىلغا ئېلىنىپ، مەكتەپ پۇتبول ھەرىكىتىنى پۇتبول تەپكۈچىلەرنى كۆپەيتىپ، پۇتبول ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئاساسىنى چىڭىتىدىغان ئاساسىي قۇرۇلۇش قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. لايىھەدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئارىسىدىكى پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپى ھازىرقى 5000 ئاساستا 2025-يىلغىچە 50 مىڭغا يەتكۈزۈلىدۇ، مەكتەپ پۇتبول ھەرىكىتى تارىختىن بۇيانقى مىسلىسىز تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر