باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئۆزۈمدىن چىقىش (پوۋىست)(8)

ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان

2015.03.31 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


_ خەپ دەيمەن جۇمۇ، خەپ!.... ئۈنۈڭ پۈتۈپ قالغان بولسىمۇ، دادامنىڭ يۈزىنى قىلىپ يەنىلا مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىنى بېقىشقا قويغانىدى سېنى. ئاش بەرگەنگە مۇشت بېرىپ، قۇلپا سېلىنغان يوغان بىر تۆمۈر دەرۋازىنىڭ رەسىمىنى سىزىپسەنغۇ يەنە. مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىغا ئوخشايدىكەن، دېيىشىدۇ. مەكتەپ مۇدىرى بۇنى كۆرۈپ سەكرەپ كېتىپتۇ. پۇتى كۆيگەن توخۇدەك ئورنىدا ئولتۇرالمايلا قاپتۇ. ئادەم سىزما دېسەم، سىزغىنىڭ مۇشۇما ئەمدى. سەن دەرۋازا سىزماپسەن، يەنە بىر بالا – قازانى سىزىپسەن، بالايى – قازانى. ئۆتكەندە، ئايغا تەلمۈرۈپ تۇرغان بىر جۈپ كۆزنى سىزدىڭ. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئەلەس كۆزىگە دارىتمىلاپتۇ؛ گۈزەللىكنى، ھەققانىيەتنى بىجىرىم كۆز بىلەنلا كۆرگىلى بولىدۇ دېمەكچى ئىكەن، دېگەن گەپلەر تارالدى. ئۇنىڭ غەۋغاسى مەكتەپتىن ھالقىپ، شەھەرنى بىر ئالدى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا قۇياشنىڭ رەسىمىنى سىزدىڭ. ئۇنىڭغا بىرمۇنچە گەپ – سۆزلەر بولۇپ ئاران بېسىقىپ تۇرغاندا، كېچىنىڭ رەسىمىنى سىزىپ يەنە بىر تالاي باش ئاغرىقى تېپىپ بەردىڭ. ئۇنىڭ قۇيرۇقىنى يىغىشتۇرۇپ بولالمايۋاتقاندا، ئەمدى بۇ ئىش چىقسا. نەدىكى قاملاشمىغان بىر نېمىنى سىزىلىۋەرسەڭ، گەپ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى چىقىلىۋەرسە، مېنى زادى ياشىغىلى قويامسەن، قويمامسەن. ئۆتكەندىلا: ئەمدى مەنزىرە سىزما، ھېچقانداق رەسىم سىزما دېمىدىممۇ. نېمىشقا ئادەمنى بۇنداق جىلى قىلىدىغانسەن. مېنى زادى نېمە بولسۇن دەيدىغانسەن. ئۆزۈڭدىن باشقىلارنىڭ كاللىسىنى قۇرۇق قاپاق دەپلا قارامسەن. قۇلپا سېلىنغان تۆمۈر دەرۋازىنىڭ مەنىسىنى باشقىلار بىلمەيدۇ دەپ ئويلامسەن. مەكتەپ باشقۇرۇش ئۇسۇلى تۈرمە باشقۇرۇشقا ئوخشايدۇ؛ مەكتەپنى تۈرمىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى؛ مۇدىر گۇندىپايدەك، ئوقۇتقۇچىلار جىنايەتچىدەك ياشايدۇ؛ بالىلارمۇ تۈرمىدىكى جىنايەتچىلەرگە ئوخشاش بولۇپ چىقىدۇ....دېگەنلىرىڭ ئەمەسمۇ بۇ؟!...........
_ ئەستاغپۇرۇللا دەيمەن، ئەستاغپۇرۇللا!.... مېنى بۇ يۇرتتا ياشىغىلى قويامسەن، بىر يەرگە قېچىپ كېتەيمۇ. ھېچقانداق رەسىم سىزما دېسەم، يەنە سىزىپسەنغۇ. دەرۋازا يېنىدىكى نۆۋەتچىلىك ئۆيىدە ئولتۇرۇپ، بىر ئېشەكنىڭ رەسىمىنى سىزىپ چىقىپسەنغۇ ئەمدى. ئۇنى ھەممە كۆرۈپتۇ. ۋاي قايسىبىرىنى دەپ بولاي، بۇ ھەقتە بولۇنغان گەپ – سۆزلەرنىڭ تولىلىقى!..... سەن ئۈنۈڭ ئىچىڭدىن چىقماي خىرىلداپ يۈرگىنىڭ بىلەن، مەن بۇ يۈزۈمنى نەگە قۇيۇشنى بىلمەي قالدىم دەيمەن، ئەزىمەت. مېنى ئېشەكتەك خارلىدى، دېمەكچى بوپسەنغۇ سەن. مۇدىرىمىز ئېشەككە ئوخشاش دۆت، دېمەكچى بوپسەنغۇ سەن. ئېشەكتەك ئادەمنىڭ قولىغا چۈشۈپ ئېشەككە ئايلىنىپ قالدىم، دېمەكچى بوپسەنغۇ سەن. بۇ يەرگە كىرىپ – چىقىۋاتقانلار ئېشەكلەر؛ ئېشەكنىڭ قولىدا تەربىيەلەنگەنلەرمۇ ئېشەك بولۇپ چىقىدۇ.... دېمەكچى ئىكەنسەنغۇ سەن. بۇنى ئاز دەپ، سەن يوق چاغدا كىمدۇر بىرى رەسىمنىڭ ئاستىغا :
..........................
« ئەيسانىڭ ئېشىكى مەككىگە بېرىپ،
قايتقاندا بەرىبىر ئېشەكتۇر، ئېشەك!..... »
دېگەن بىر شېئىرنى يېزىپ قويۇپتىمىش. ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىپتۇ. سۆز – چۆچەكلەر بېسىقتۇرغۇسىز دەرىجىگە يېتىپ، پۈتۈن مەكتەپ تەۋرەپ كېتىپتىمىش. بەزىلەر مۇدىرنى ئېشەككە ئوخشاتتى، دېسە، يەنە بەزىلەر مەكتەپتىكى ھەممىلا ئادەمنى ئېشەككە ئوخشاتتى، دەپتۇ. مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنى ئېشەككە ئوخشاتتى، دېگەنلەرمۇ، شەھەر باشلىقى ۋە ۋالىينى ئوخشىتىپتۇ دېگەنلەرمۇ، بۇ شەھەردىكى ھەممىلا باشلىقنى ئوخشىتىپتۇ، دېگۈچىلەرمۇ بوپتۇ. ئىدارە – ئورگانلاردىكى ھەممە ئادەمنىڭ ئېغىزىدا شۇ گەپ. شەھەردىكى ھەممىلا ئادەمنىڭ ئېغىزىدا مۇشۇلا گەپ. « گاچا قالماقتىن يامان، بۇقا تۇڭگۇزدىن » دېگەن گەپ راست بولۇپ چىقتىمۇ ئاخىر. ھەي ئەزىمەت، ھەي، بۇرنىغا يىمەيدىغان خىرقى!... زۇۋانىڭ تۇتۇلۇپ قالغۇچە، رەسىم سىزغان ئاشۇ قولۇڭ سۇنۇپ كەتكەن بولسىچۇ. ۋاي بۇ دەردىم ئىچىمگە پاتمىدى. ئۇنىڭ قايسىبىرىنى دەي، كىمگە ئېيتاي!.... ئۆزۈڭنىمۇ، مېنىمۇ بىر تىيىنگە ئالغۇسىز قىلدىڭ. ئەمدى ھېچكىمدىن يامانلىما. ۋالىينىڭ، ئۆمەك باشلىقلىرىنىڭ ماڭا كۆڭۈل بۆلۈشلىرى تۈگىدى. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ساڭا يول قويۇشلىرىمۇ تۈگىدى. باش كۆتۈرۈپ، ئادەمدەك ياشاش ئارزۇيۇممۇ تۈگىدى. ئاڭلاۋاتامسەن، ھەممىسى تۈگىدى. ھەممىنى سەن تۈگەتتىڭ. سەن!... سەن!!....
ئىنچىكە بارماقلار بۇغۇلىۋاتقان گېلىڭنى ھازىرمۇ بۇغۇۋاتقاندەك بىلىنەتتى.
غەلىتە ناخشىلار بارغانسېرى ئەدەپ ۋە يۇقىرىلاپ كەلمەكتە ئىدى. يىراقتىن ۋە يەرنىڭ قات – قېتىدىن ئاڭلىنىدىغان ناخشىلار ئەمدىلىكتە سىرتتىنمۇ، ئۇدۇلدىنمۇ، ياندىنمۇ، كۆكتىنمۇ ئاڭلىنىدىغان بولۇپ قالغانىدى. چەت ۋە تەسكەيدىكى بۇ قاراڭغۇ ئۆيۈمنى كۆككە بوي سوزغان رېستۇرانلار، ئارامگاھلار، ئايرىمخانىلار قورشاپ بولغاندەك قىلاتتى. كۈندۈزىمۇ لامپا يېقىلىدىغان ئۆيۈمنىڭ تېخىمۇ قاراڭغۇلىشىپ كېتىدىغانلىقى كۆزۈمگە كۆرۈنۈپلا تۇرىۋاتقاندەك بىلىنەتتى.
ئاچكۆز قاراڭغۇلۇق، رەھىمسىز غېرىبلىق، چىداپ بولماس بىر تەنھالىق ۋەھىمىسىنىڭ ئىچ – ئىچىمگە سىڭىپ كىرىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ بارماقتا ئىدىم.
بېشىمنى ئاستا كۆتۈرگەنلىكىمنى ئويلىدىم. شۇئان، ئۆمۈرلۈك خىيالدىن باش كۆتۈرگەندەك، ئەسىرلىك چۈشتىن ئويغانغاندەك ھەيران قالدىم. ئۆي ئىچىنى ئېنىق كۆرەلمەيۋاتاتتىم. كۆزۈمگە قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزگە ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيتتى. ئۆي كۆرۈنمەيۋاتامدۇ، يا مەن كۆرەلمەيۋاتامدىم، بىلمەيتتىم. بىلىدىغىنىم، يەنىلا رەسىم سىزىۋاتاتتىم.
بېشىم ئېغىرلىشىپ قالغاندەك قىلاتتى. بەلكىم راستىنلا ئېغىر بولسا كېرەك. ئاغرىۋاتقاندەكمۇ قىلاتتى. بەلكىم ئاغرىۋاتسا كېرەك. ئۇنىڭ بۇرۇنلا دەرد ئېيتقانلىقى خىرە- شىرە يادىمدا.
_ ئاغرىپ كەتتى.
_ چىداپ تۇر.
_ قېيىپ كەتتى.
_ تاقەت قىل.
چىڭقىلىپ، قىمىرلاپ ۋە چىمىرلاپ كەتكەن يۈرىكىم ئۆزىنىمۇ، مېنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەنىدى. ئۇلا ئەمەس، بوينۇم، بېلىم، پۇتلىرىم، ھەتتا پۈتۈن بەدەنلىرىم، ۋە ھەتتا نەپەسلىرىممۇ نەگىدۇر غايىپ بولغاندەك قىلاتتى. گويا يىگانە قولۇملا قالغانىدى. ئۇمۇ قول ئەمەس، روھتەك، روھىمنىڭ قولۇم شەكلىدە كۆرۈنۈشىدەك بىلىنەتتى.
ئۇرۇق، تۈك باسقان، تومۇرلىرى كۆپۈشۈپ چىققان بىر قولنى ئۇنتۇلىۋاتقان چۈشۈمدەك غۇۋا كۆرمەكتە ئىدىم.
ئەرۋاھ بولۇپ تىكىلەتتىم، چۈش بولۇپ سىڭىشەتتىم، خىيال بولۇپ يېپىشاتتىم. تومۇرلار سۇ تاراملىرىغا، تۈكلەر يايلاق ئاراللىرىغا ئايلىنىپ باراتتى.
تارام – تارام ئېرىقتا سۈزۈك سۇلار شىلدىرلاپ ئاقاتتى. يالتىراپ تۇرغان يېشىل ئوتلار مەيىن شامالدا لەرزان تەۋرىنەتتى. چىملار چىمىلدايتتى، سۇلار جىمىرلايتتى. جاناننىڭ كۆزىدەك سىرلىق ۋە چىرايلىق بۇلاقلار غالىپ يۈرىكىدىن ھاياتلىق كەۋسەرلىرىنى بۇلدۇقلاپ سىقىپ چىقىراتتى. پادىلار ئوتلاپ يۈرۈشەتتى. قۇشلار پەرۋاز قىلىشاتتى. غازلار غاقىلدايتتى، ئۆردەكلەر قاقىلدايتتى. قۇياش كۈلەتتى. زېمىن سۆيۈنەتتى.... غايىبانە بىر قول، ياق، تەڭداشسىز ۋە مۆجىزىۋىي بىر كۈچ ھاياتلىقنىڭ ئەڭ گۈزەل ھەم مەڭگۈلۈك سۈرىتىنى سىزىپ كېلەتتى.....
ئاجايىپ بىر قولنى كۆرۈپ تۇرماقتا ئىدىم.
ئاجايىپ بىر دۇنيادا ئۈزۈپ بارماقتا ئىدىم.
ۋاقىت ئۇقۇمى ئېسىمدىن كۆتۈرۈلگەن. ۋاقىتنىڭ ئېسىدىن مەنمۇ كۆتۈرۈلگەن. ئۆي ئوڭشالدىمۇ، مەن ئوڭشالدىممۇ، بۇنىمۇ بىلمەيتتىم. لېكىن ھەيران قېلىۋاتقىنىم، بايا ھېچنېمىسى كۆرۈنمىگەن تۆر تامدىن مانا ئەمدى مۆجىزىۋىي نۇر تالالىرى ئوقچۇپ چىقماقتا ئىدى. يەنە كېلىپ، پەلكۈچ يورغىلاپ يۈرگەن سىزمام ئۈستىگىچە ئىلاھىي بۇيرۇقتەك يېيىلىپ كېلىۋاتاتتى.
بەكلا ھەيران قېلىۋاتقانلىقىمنى بىلەتتىم.
ئېسەنكىرەشتىن ئۆزگە ھېچنېمىنى بىلمەيدىغانلىقىمنىمۇ بىلەتتىم.
« نېمە ئىشتۇر بۇ؟ »
ئۆزۈمدىن جەزمەن مۇشۇنداق سورىدىم دەپ ئويلىدىم.
« بۇ، چوقۇم كۆزنىڭ نۇرى. غالىپ كۆزلەردىنلا مۇشۇنداق نۇر چىقىدۇ! »
قاراڭغۇلۇق قېتىدىن بىر غايىپ سادا شۇنداق دەۋاتقاندەك قىلاتتى.
« شۇنداق! »
تۇيغۇممۇ ئەگىشىۋاتقاندەك ئىدى.
ئۇنداقتا، ئەقلىمچۇ؟....
غەلىتە ناخشىلار يەنە ئاڭلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ گاھ ئۆتكۈندەك يىراقلايتتى، گاھ كەلكۈندەك باستۇرۇپ كېلەتتى. يۈتمەيتتى، تىنجىمايتتى، توختىمايتتى.....
ئېسىمگە كەلدى. يادىمغا يەتتى. ماڭا ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىدىغان، مېنى تېنىمسىز مېھنەتكە ئۈندەيدىغان، ماڭا كۈچ ۋە مەدەت بېرىدىغان بۇ تۆر تامغا ئەجدادلارنىڭ تەۋەررۈك سۈرەتلىرى ئېسىلغان ئەمەسمىدى؟!
كۆزلىرىمنىڭ جانلىنىش تەسىرىدە چىمىلداۋاتقانلىقىنى، نۇرلىنىش كۈچىدە يوغان ئېچىلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم. يۈرىكىمنىڭ كۆكرەك قەپىزىمگە گۈپۈلدەپ ئۇرۇلىۋاتقانلىقى ئاڭلاندى. ئەستىن كۆتۈرۈلگەن ئىسسىق بىر ئېقىم تومۇر – تومۇرلىرىمغا گۈرۈلدەپ ئاقماقتا ئىدى. ئۇنتۇلغان ۋۇجۇدۇمدا ھارارەتلىك بىر كۈچ سەلدەك ئۆركەشلەيتتى. ئىچكىي ئەزالىرىم، ھۈجەيرە ۋە نېرىفلىرىم دۇنياغا يېڭىدىن كۆز ئاچقان جاندەك توختاۋسىز قىمىرلايتتى، ھاياجان بىلەن چوقان سالاتتى. پۈتۈن بەدەنلىرىم يەل ئۇرۇلغاندەك كۆپۈپ، جان ئۇرۇلغاندەك قېتىپ ۋە كۈچلىنىپ بارماقتا ئىدى....
غەلىتە ناخشىلار يىراقلاۋاتقاندەك قىلاتتى.
تونۇش ناخشىلار ياڭراق ئاۋازدا جاراڭلايتتى.
ئاجايىپ بىر ھال: ئۈنئالغۇ ئۆزلىكىدىنلا قويۇلۇپ كەتكەنىدى.
« داۋاملاشتۇر! »
رەسسام ئۆز – ئۆزىگە شۇنداق دېگەندەك ھىس قىلدى. يەنە تۇرۇپلا، بۇ ئاۋاز تۆر تام تەرەپتىن كېلىۋاتقاندەكمۇ بىلىندى. مەيلى نەدىنلا كەلسۇن، بۇ بىر مەدەت ئىدى، ئىمكانىيەت، ئامەت ۋە ئىنايەت ئىدى.
ئۇ يەنە ھاياجانلىنىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدى. جان – جېنىنىڭ شېرىن تۇيغۇ قېتىدا يايراۋاتقانلىقىنى سەزدى. راھەتبەخش بىر مەمنۇنىيەت مېڭىسىدىن باشلىنىپ، پۈتۈن بەدەنلىرىگە تارالدى. ئۇ كۆز ئالدىدىكى دۇنيانى ئۇنتۇپ بارماقتا ئىدى. تەسەۋۋۇرى قاناتلاندى. ۋۇجۇدى پەيدەك يەڭگىللەپ، پۈتكۈل ئەس – يادى چۈشتەك گۈزەل بىر دۇنياغا توسقۇنسىز ئۇچتى. يېڭىلىق مۇشۇ يەردە ئىدى. مەنا، قىممەت ۋە قەدىرىيەتلەرمۇ مۇشۇ يەردە ئىدى. بۇنداق دەقىقىلەرنىڭ قانچە قېتىملاپ كەلگەنلىكىنى ساناپ تۈگۈتەلمىسىمۇ، لېكىن ھەر قېتىملىقى چىداپ بولماس ئازاپ ھەم مۇشەققەتتىن كېيىنكى بىر بەخت ۋە ئامەت ئىدى. تولغاقتىن كېيىنكى تۇغۇتتەك، ئاغرىقتىن كېيىنكى ساقلىقتەك. بۇنداق پۇرسەتنى تۇتماي بولامدۇ. بۇنداق ئامەتكە ئېسىلماي بولامدۇ!....
پەلكۈچ ئاللىقاچان ئۆز دولقۇنلىرىغا شۇڭغۇپ بولغانىدى. ئۇ شىددەتلىك، ئەمما گۇزەل، يېقىملىق رەڭلەر قاينىمىدا ئىشەنچ بىلەن غۇلاچ تاشلايتتى. شوخلۇق ۋە دادىللىق بىلەن يول ئېچىپ ماڭاتتى. ئۇنىڭ خىسلەتلىك سۆيۈشلىرىدىن گۈللەنگەن رەڭلەر ناز بىلەن جىلۋە قىلاتتى. ھاياتبەخش قۇچاقلاشلىرىدىن جانلانغان ئۆڭلەر تەشنالىق بىلەن كۆز قىساتتى.....
رەسسام، پەلكۈچىنى قويماي تۇرۇپ، بادام دوپپىلىق مۇبارەك زادنىڭ تېخى پۈتمىگەن سۈرىتىنى سول قولى بىلەن ئاستا كۆتۈرگەنلىكىنى ئەسكە ئالدى. كۆزىگە يېقىن ئەپكىلىپ قارىدى. يىراق تۇتۇپمۇ كۆرۈپ باقتى. رەسىم ھەقىقەتەن ئوخشىغانىدى. لېكىن يىراقتىن قارىغاندا، ئۇنىڭ روھىغا، ئىچكىي دۇنياسىغا سىڭىپ كەتكەن خاراكتېرىگە مۇناسىۋەتلىك قانداقتۇر بىر نەرسە كەمدەك بىلىنەتتى. زادى نېمە كەم؟ ئېنىقكى، بۇ تاشقىي شەكىلنىڭ نۇقسانى ئەمەسىدى. كېسىپ ئېيتالايتتىكى، ھەرقانداق ئادەم بۇ رەسىمنى كۆرۈپلا « بەك ئوخشاپتۇ » دېيىشى چوقۇم ئىدى. بىراق، رەسىمدە ئۇنىڭ تاشقىي گەۋدىسى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان قانداقتۇر بىر كەمتۈكلۈك، ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم سېزەلمەيدىغان ئەجەللىك بىر نۇقسان باردەك قىلاتتى. ئۇ شۇنداق قارايتتىكى، رەسىم ئاددىي شەكىل ياكى كۆرۈنۈش ئەمەسىدى. بىرەر چىراينىڭ ئەينەن ئوخشىشىمۇ ھەم ئەمەسىدى. ئۇنىڭدا رەڭ ۋە سىزىقلار ۋاستىسى ئارقىلىق ئەكس ئەتكەن كۆرۈنمەس ھەم يەنە كۆمۈلمەس بىر روھ بولىشى كېرەك ئىدى. ئۇنداقتا، بۇ رەسىمدىكى مەرھۇم زادنىڭ ھېلىغىچە ياشاۋاتقان روھى كۈچى زادى نېمىدۇر. نەدىدۇر؟....
ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى، رەسساملىق ئومۇملاشمىغان زاماندا، بىر رەسسام ئۆتكەنىكەن. ئۇنىڭ رەسىم سىزىشنى نەدىن ۋە كىمدىن ئۆگىنىپ كەلگەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن. لېكىن ئۇ رەسىمنى شۇ قەدەر ئوخشىتىپ سىزىدىكەنكى، بىر كۆرگەن كىشى ئۇنى كۆز ئالدىدىكى رېئاللىق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويىدىكەن. ئۇنى تېرىك ئادەم ۋە جانلىق نەرسە دەپ ھىس قىلىدىكەن. ئۇنىڭ رەسىم ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدىكەن. ئادەمنىڭ رەسىمىنى ئادەمنىڭ ئۆزى، ھايۋاننىڭ رەسىمىنى ھايۋاننىڭ ئۆزى دەپلا بىلىدىكەن. تاغ بولغان ھالەتتىمۇ تاغنىڭ ئۆزى، باغ بولغان ھالەتتىمۇ باغنىڭ ئۆزى دەپ قارىشى چوقۇم ئىكەن. ئۇنىڭ ھەممىدىن بەك ئوخشىتىدىغىنى ئادەمنىڭ رەسىمى ئىكەن. كىشىلەر يىراق – يىراقلاردىن كېلىپ ئۆزلىرىنى سىزدۇرىدىكەن. سىزىلغان رەسىمىنىڭ ئۆزىدىنمۇ چىرايلىق تۇرغىنىغا قاراپ، ئاشۇ رەسىمگە ئايلىنپ كەتكۈسى كېلىدىكەن.
ئايلار ئۆتۈپتۇ. يىللار ئۆتۈپتۇ. رەسسامنىڭ سىزغانلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپتۇ. سىزغانلىرى كۆپەيگەنسېرى ئۇ شۇنچە تونۇلۇپ كېتىپتۇ.
_ مېنى سىزىپ قويسىلا، _ دەپتۇ بەزى كىشىلەر.
_ ئوغلۇمنى سىزىپ بەرسىلە، _ دەيدىكەن يەنە بەزىلەر.
_ قىزىمنى تازا چىرايلىق بىر سىزىۋەتسىلە، _ دەپ قىزىنى باشلاپ كەپتۇ بىر قىسىملار.
كىشىلەر ئۈزۈلمەي كېلىۋېرىپتۇ. رەسسام سىزىپ بېرىۋېرىپتۇ. خالاپ بەرگەن ھەقنى ئېلىۋېرىپتۇ، بەرمىگىنى قېلىۋېرىپتۇ. كىشىلەر رەسىمنى ئۆزۈم دەپ بىلىۋېرىپتۇ. بالام دەپ يۈرۈۋېرىپتۇ.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە رەسسام تۇيۇقسىزلا ۋاپات بوپتۇ. ئۇنىڭ ئۆيىدىن سان – ساناقسىز رەسىملەر چىقىپتۇ. كىشىلەر سىنچىلاپ قارىغۇدەك بولسا، ئۇنىڭ ئارىسىدا بىر قىزنىڭ رەسىمى تۇرغۇدەك. ياق، تەڭداشسىز گۈزەل بىر قىز تۇرغۇدەك. ئۇنى بىر كۆرۈپلا تالاي كىشىلەر ئاشىق بولغانىمىش. ساناقسىز ئادەم ھۇشىدىن كەتكەنىمىش. ئايدەك چىرايى سۈتتەك ئاقمىش. بۇلاقتەك كۆزلىرى كۈندەك يورۇق ئىمىش. ئۇنىڭ ئىقلىمدا تەڭدىشى يوق ئىمىش. كىشىلەر بۇنداق گۈزەل قىزنى ئۆمۈرىدە كۆرۈپ باقمىغانىمىش. ئۇنىڭ گۈزەل ھۆسنى، تولغان قامىتىنى تەسۋىرلەپ بېرىشكە تىلمۇ ئاجىزلىق قىلارمىش. ئۇنىڭغا ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن ھالدا كۆز سالمىغانلار قالمىغانىمىش. باشتا قارىمىغانلار قايرىلىپ قاراپتۇ. بىر قارىغانلار يېنىشلاپ قاراپتۇ. قارىغانلار قانماي قاراپتۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر