خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30 -مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كانادا ئاۋىئاتسىيە شېركىتى 29-مارت،بۇ شېركەتنىڭ A320 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى شۇكۈنى تاڭ سەھەردە كانادانىڭ شەرقىي رايوندىكى يېڭى سكوتىيە ئۆلكىسىنىڭ ھالىفاكس شەھىرىدە قونغاندا ئۇچۇش ۋە چۈشۈش يولىدىن چىقىپ كىتىپ،22 ئادەم يېنىك يارلاندى، دېدى.
كانادا ئاۋىئاتسىيە شېركىتى: ھازىر يارلانغانلار دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى، دېدى.
ئاۋىئاتسىيە شېركىتىنىڭ ئېيتىشىچە. بۇ تورونتودىن ھالىفاكسقا ئۇچقانAC624قېتىملىق يولۇچىلار ئايروپىلانىدا 132 نەپەر يولۇچى بىلەن 5نەپەر ئايروپىلان خادىمى بار ئىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى