باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئۆزۈمدىن چىقىش (پوۋىست)(3)

ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان

2015.03.31 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


كىمدۇر بىرىنىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى ئەسكە ئالدىم. بۇنىڭ ئۆزۈم ھەققىدىكى تۇنجى دىئاگنوز بولىشى مۈمكىنلىكىنى ئويلىدىم.
دەم سىقىلىش ئاۋازنى بۇغامدۇ، ياكى ئاۋاز بۇغۇلسا دەم سىقىلامدۇ بىلگىلى بولمايتتى. بىلىش ئېھتىمالى بارلار كۆزىنى مەھكەم يۇمغىنىچە، ئۆز ناخشىلىرىنىڭ قات – قېتىغا كىرىپ كېتىشكەنىدى.
دەم سىقىلىش، ئاۋاز بۇغۇلۇش، نەپەس قىسىلىش، قورۇق يۆتىلىش.... ۋاي مېنىڭ دەردىم!
« ھاياجانلانساڭ بولمايدۇ. »
« كۆپ ئويلانساڭ بولمايدۇ. »
« كۆپ سۆزلىسەڭ بولمايدۇ. »
« ئاچچىقلانساڭ بولمايدۇ. »
« چارچاپ كەتسەڭ بولمايدۇ. »
...................
چەكلەشلەر شۇنچىلىك كۆپ ئىدى.
« زادى نېمە قىلسام بولىدۇ؟! »
شۇ چاغدا بەلكىم بۇ سوئالنى سورىمىغان بولۇشۇم مۈمكىن. سورىيالمىغان بولۇشۇممۇ مۈمكىنىدى.
« پالتاخۇن ھېچنېمىنى خىيال قىلماي يۈرگەن كۈنلىرى دېمىمۇ سىقىلماي، ساق ئادەمدەكلا بولۇپ قالارمىش »
« موللا ئەمەت ئاكا: كۈنبويى كۈلۈپلا يۈرسەم، گېلىممۇ بۇغۇلماي، يۆتىلىممۇ قوزغالماي بىر ئوبدان بولۇپ قالىمەن دەپ يۈرگۇدەك. »
دەم سىقىلىشنىڭ دەردىنى تارتىپ يۈرگەن ئاز ساندىكى كىشىلەر ھەققىدىكى بۇ خەۋەرلەرمۇ پات – پاتلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
« دوختۇرنىڭ دېگەنلىرى راست ئوخشىمامدۇ؟ »
ئېڭىمدا، دەم سىقىلىشنىڭ سەۋەبلىرى ئايدىڭلىشىۋاتقاندەك قىلاتتى.
ئەمما سەن غەلىتە ئادەم ئىدىڭ. دەم سىقىلىشلىرىغا شىپا تاپقان كىشىلەرنى ئەسلا دورىيالمايتتىڭ. ھېچنېمىنى ئويلىماي يۈرەلىشىڭ مۈمكىن ئەمەسىدى. كۈنبويى كۈلۈپ يۈرۈشنى ئەقلىڭگە تېخىمۇ سىغدۇرالمايتتىڭ. ئەكسىچە، كۈلۈشلىرىڭ ئۈچۈن ئاچچىق كۈلۈشۈڭ كېرەك ئىدى. خىياللىرىڭنى كېسىشىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭقۇر خىيال قىلىشىڭ كېرەك ئىدى. بۇ ھال يەنە دېمىڭنى سىقاتتى....
« سەن _ رودىپاي، سەن _ مەرەز! »
شۇنداق دەپ تىللاۋاتقانلىقىمنى پات – پاتلا ھىس قىلىپ قالاتتىم.
بېشىم چىڭقىلاتتى. كۆزۈم قاراڭغۇلىشاتتى. ئۆپكەم ئۆرۈلەتتى. ئۆتۈم چاراسلايتتى......
گېلىم سىرتماققا چۈشكەندەك بۇغۇلماقتا ئىدى.
ئۆزىنى ئۇنتۇغان پەلكۈچۈم رەڭلەر دېڭىزىدا غۇلاچ تاشلاپ ئۈزەتتى.
رەڭلەر ھېلىلا سۆزلەيدىغاندەك، مېنىڭ سىياقىمدا، مېنىڭ سادايىمدا، مېنىڭ زۇۋانىمدا، مېنىڭ ئاۋازىمدا سۆزلەيدىغاندەك!.....
سىرتتا ئاجايىپ ناخشا.
« .............
خوراز جېنىدا مېكىياننى،
بىرنى ئەمەس،
نەچچىنى،
ئەگەشتۈرۈپ،
دانلىتىپ،
بوك-بوك! ئېتىدۇ،
بوك، بوك، بوك!...
مەن نېمىشقا ئەتمەيمەن؟!
.............. »
ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئۆتكەن ھەپتە باشلىغان ناخشىسى بۆگۈنگە قەدەر داۋاملاشماقتا ئىدى. گاھ ئەرنىڭ، گاھ ئايالنىڭ نۆۋەتلىشىپ ۋە بەزىدە بىرىكىپ ئاڭلىنىۋاتقان مەستانە ئاۋازى كۈندۈزدىمۇ قاراڭغۇ كۆرۈنىدىغان بۇ ئۆينىڭ دەرىزە يوچۇقلىرىدىن، ئىشىكنىڭ ئاراچلىرىدىن، تامنىڭ يېرىقلىرىدىن شۇڭغۇپ كىرەتتى. بارغانسېرى كۈچىيىپ ۋە قىستاپ كېلەتتى.....
« ئەمدى بۇ يەردىمۇ تۇرغىلى بولماسمۇ؟! »
خوراز ھەققىدىكى غەلىتە ناخشا ھەممىلا ياقتا ئېيتىلىۋاتقان بولسىمۇ، خورازنىڭ چىللىغان ئاۋازى ئاڭلانمىغىلى ئۇزاق بولغانىدى. ئۇنىڭ چىللايدىغانلىقى ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندەكمۇ قىلاتتى. كىشىلەر نەزەرىدىكى خورازنىڭ ۋەزىپىسى ئۆزگىرىپ كەتكەندەك ئىدى. ئۇ يا « بوك – بوك » ناخشىسىدىكى سىمۋول ئىدى، يا سورۇنلاردىكى مودا قورۇما ئىدى. كىشىلەر كېچە – كېچىلەپ، كۈنلەپ – ھەپتىلەپ توخۇ گۆشىدىن پۈتكەن ئاشۇ مودا قورۇمىلارنى يەپ، « بوك _ بوك » ناخشىسىنى بولىشىغا ئېيتىپ يۈرۈشەتتى. ناخشىلىرىدا ھەممىلا ئادەمنىڭ خوراز بولغۇسى كېلەتتى. خوراز بولۇش ئۈچۈن خوراز گۆشىنى ئىزدەپ يۈرۈپ يېيىشەتتى.
_ نەگە ماڭدىڭ؟
بىروۋلار يەنە بىروۋلاردىن شۇنداق سورىشاتتى.
_ توخۇ قوردىقى يېگىلى.
_ خوراز گۆشىنىڭ قوردىقىدۇر؟
_ ئەلۋەتتە، خوراز گۆشىنىڭكىنى يەيمەن-دە!
_ نەگە ماڭدىڭ؟
بىروۋلار قورداق يەپ قايتقان ۋاقىتلاردا، يەنە بىروۋلار ھامان شۇنداق سوراپ قالاتتى. بۇ يەردىمۇ جاۋاب خوراز ھەققىدە، ھە-ئە، چىللىشى ئەستىن كۆتۈرۈلگەن خوراز ھەققىدە بولاتتى. شۇ سەۋەبلىك، مەست ئېغىزلاردىن چىققان « بوك – بوك » ناخشىسى يوللاردىمۇ جاراڭلايتتى.....
پەلكۈچ ئاستىلايتتى.
رەڭلەر دىلىغۇل بولاتتى.
ئۈنئالغۇنى تېخىمۇ يۇقىرى ئاۋازدا قۇيىۋەتكىنىمنى ئەسكە ئالدىم.
« قان بىلەن قاننى يۇيغىلى بولمايدۇ. »
رەھمەتلىك ئانام ھېمىشە شۇنداق دەيتتى. ئۇنىڭدىن كېيىنراق ۋاپات بولغان ئاتاممۇ شۇ سۆزگە مايىل ئىدى. لېكىن مەن ناخشا بىلەن ناخشىنى يۇيماقچى، ناخشا بىلەن ناخشىنى باسماقچى، ناخشا بىلەن ناخشىنى توسىماقچى، ناخشا بىلەن ناخشىغا تاقابىل تۇرماقچى بولۇۋاتقاندەك قىلاتتىم.
« كەت دېسەڭ داداي، مەن كېتىمەن يارى-يار،
كەتمە دېسەڭمۇ كېتىمەن.
ئارىدا ۋاي... ئىككى قونۇپ يارى-يار،
يارىم قېشىغا يېتىمەن.
قانداق قىلاي دادەي، قانداق ئېتەي يارى-يار،
ئوتىڭىز يامان گۈلسەيدىخان. »
...........................
تەسكەيگە قىسىلىپ قالغان بۇ قاراڭغۇ ئۆينىڭ تام – تورۇسلىرى، ئىشىك – دەرىزىلىرى گۈزەل، ياڭراق ناخشا تەسىرىدە جاراڭلايتتى. ناخشىدىكى يۈرەكنى ئېزىدىغان مۇڭ، يىغا ۋە ھەسرەت ئۆينىڭ بولۇڭ – بولۇڭلىرىغىچە سىڭىپ كىرەتتى. قاياقتىندۇر يىغا ئاۋازى ئاڭلانغاندەك بىلىنەتتى. كىملەردۇر بوقۇلداپ يىغلايتتى. يەنە كىملەردۇر باغرى قانمىغان يارىغا قىيمىغان ھالدا ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ - ئۆرۈلۈپ قارايتتى....
بۇ ناخشىغا قاچاندىن بېرى ئاشىق بولۇپ قالغانلىقىمنى بىلمىگىنىمگە ئوخشاش، ئۇنى قانچە قېتىملاپ ئاڭلىغىنىمنىمۇ بىلمەيتتىم. پەقەتلا ئاڭلايتتىم، توختىماي ئاڭلايتتىم. ئاڭلىغانسېرى، ئۆزۈم ئاشۇ ناخشىنىڭ ئېيتقۇچىسىغا، ئىجادچىسىغا، ئاشىق پېرسۇناژىغا ئايلىنپ كېتەتتىم. قىسمىتىمگە قوشۇلۇپ، روھىمغا سىڭىپ كەتكەن بۇ ناخشىنى چاي ئورنىدا ئىچسەم، تائام ئورنىدا يىسەم، يار ئورنىدا سۆيسەم، كەمپۈت ئورنىدا شۈمسەم..... دەيتتىم. ئۈنۈم چىقسا، ئۇنى ئۆزۈم ئېيتسام، ئۆز ئاۋازىم بىلەن ئېيتىپ باقسام دەپ ئويلايتتىم. بۇ شۇنداق بىر ناخشا ئىدىكى.....
ئېھ، باغرى ئىسسىق خوتەن!
ئېھ، مۇھەببەتلىك خوتەن!
پەلكۈچۈم ھېچ كۈتمىگەندە شۇنداق دەۋاتاتتى.
ھەيران قالغانلىقىمنى، ئارقىدىنلا ھەيرانلىقىمنى سۆيۈنۈشلىرىم بېسىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم.
« كۆزىدىن ئايرىسىمۇ، ھاسىسىدىن ئايرىمىغان خۇدايىم. كەچ قويسىمۇ، ئاچ قويمىغان خۇدايىم. ئاق پاختىنىڭ ئىچىدا چوغ ساقلىغان خۇدايىم!..... »
پەلكۈچ _ رەسسامنىڭ ۋەكالەتچىسى، رەڭ-سىزىقلار _ ئۇنىڭ تىلى دېگەن گەپكە چوڭقۇر ئىشەنمەكتە ئىدىم.
ھاياتىدىكى بارچە مۇھەببەت قىسسىلىرىنى قەدىمىي ۋە قەھرىمان يۇرت خوتەنگە باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىدىغان پەلكۈچۈم گۈزەل، مۇڭلۇق، لىرىكىلىق ۋە تەسىرلىك ناخشا قېتىدا، خوتەننىڭ ئوتلۇق باغرىغا رەڭ بېرىپ كېلەتتى.
بارچە رەڭلىرىم ئىسسىق ۋە مۇھەببەت رەڭگىگە كىرگەنىدى.
ئەمما سېنىڭ ھېكايەڭ خوتەندە ئەمەسىدى.
_ سەندىن ئايرىلىپ ياشىيالمايمەن، ئەزىمەت. ئەمما مېنىڭ ئۈرۈمچىدە قېلىش ئىمكانىيىتىم يوق. بىلىسەن، كەلگەن يىلىلا ساڭا باغلىنىپ قېلىپ، كاللامغا دەرس دېگەن نەرسە كىرمىدى. كەسپىم ئۇسسۇل بولغىنى بىلەن، ئۇسسۇل نەزەرىيەسىنىڭ ھېچ بىرىدىن ئوقۇش پۈتتۈرەلمىدىم. ئەمدىلىكتە قولۇمدا دىپلومۇممۇ يوق. سەنئەت ئىنىستېتۇتى ئېلىپ قالىمىز دېگەن بولسا، سەن ئانا مەكتىپىمىزدە ئىشلەپ قال. ئۈرۈمچى دېگەن باشقىچە بىر دۇنيا. لېكىن.... لېكىن....مېنى ھازىرلا بوغۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىپ، سۇ ئۈستى باغچىسىدىكى مۇشۇ كۆلگە تاشلىۋېتىپلا كەت. سەندىن ئايرىلىپ ياشىغۇم يوق، جېنىم!....
گۈلگىنە بۇقۇلداپ يىغلىغىنىچە باغرىڭغا ئۆزىنى ئاتقان شۇ دەقىقىلەردە، سېنىمۇ ئىختىيارسىز ھالدا يىغا تۇتۇپ كەتتى. ئارىلىشىپ ئۆتكىنىڭلارغا ئاز كەم تۆت يىل بولۇپ قالغانىدى. تۆت يىلدا دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى تاماملاپ بولغىلى بولىدۇ. تۆت يىلدا بىر دۆلەتنىڭ رەئىس جۇمھۇرى بىر قارارلىق ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. تۆت يىلدا كۆك نامرات پۇلدارغا ئايلىنالايدۇ. تۆت يىلدا بىر بالا دۇنياغا كۆز ئېچىپ، يەسلىگە ئوقۇشقا كىرىپ بولىدۇ. تۆت يىلدا.....
يېنىمدا سەن بولغىنىڭ ئۈچۈنلا، مۇزرەڭ ئۈرۈمچى ئوترەڭ كۆرۈنگەن، سوغۇق كوچىلار ئىسسىق تۇيۇلغان ئەمەسمىدى. سەن بولغىنىڭ ئۈچۈنلا دۇنيا شۇ قەدەر گۈزەل كۆرۈنگەن ئەمەسمىدى. سەن بولغاچقىلا، تۆت يىلىمىز شۇنچە تېز، رەڭدار ۋە مەنىلىك ئۆتكەن ئەمەسمىدى؟!
سەن چىدىيالمايلا قالدىڭ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر