باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئۆزۈمدىن چىقىش (پوۋىست)(9)

ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان

2015.03.31 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


_ ئۇنى مەن ئەمرىمگە ئالىمەن!
_ ياق، ئۇنى مەن باشتا كۆرگەن. مەن ئالىمەن!
_ مەن بويتاق يۈرگىلى ئۇزاق بولدى. مەن ئالاي!
كۆزلەرگە قان تولۇپتۇ. يىگىتلەر قىز تالىشىپ ئۇرۇشۇپتۇ، تىللىشىپتۇ، ئاخىرىغا بېرىپ مۇشتلىشىپتۇ. قېنى قىززىغان كىشىلەر بېرىپ – بېرىپ پالتا – پىچاق، ئورغاق – توقماقلارنى كۆتۈرۈشۈپ جەڭگە تەييارلىنىپتۇ. يۇرت ئىچىدە دەھشەتلىك قان تۆكۈلۈش قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدىكى ئىش بولۇپ قاپتۇ.
_ ئورۇشماڭلار!
رەسىمدىكى قىز تۇيۇقسىزلا قاتتىق ۋارقىراپتۇ.
كىشىلەر ھەيرانۇ ھەس بولىشىپتۇ. قولىغا قورال ئېلىشقان يىگىتلەر خۇددى قاتۇرۇپ قويغاندەك، جايىدا چىپپىدە توختاپ قېلىشىپتۇ. رەسىمىنىڭمۇ ئادەم ئىكەنلىكىنى ھەممە بىلسىمۇ، ئۇنىڭ سۆزلىگىنىنى ھېچكىم ئاڭلىمىغانىكەن. سۆزلىشى كېرەكلىكىنىمۇ ئەستىن چىقىرىپ قويۇشقانىكەن. ئەمدىلىكتە يەنە بىر كارامەت كۆرۈۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىشىپتۇ.
_ بۇ گۈزەل قىزنىڭ ئاۋازىمۇ بەك گۈزەل ئىكەن.
_ ئۇنىڭ ئاۋازى سۇنىڭ شىلدىرلىشىدەك چىرايلىق ئاڭلاندى.
_ ئۇنىڭ ئاۋازى شامالنىڭ سۆيۈشلىرىدەك يېقىملىق بىلىندى.
كىشىلەر يەنە قىزغىنىش بىلەن بىر – بىرىگە قارىشىپتۇ. بىرى يەنە بىرىدىن تالىشىپتۇ. قىز ھۆسنىدىن ئېغىزلار تامىشىپتۇ، كۆزلەر قامىشىپتۇ. ئەقىللەر دەسسىلىپ، شەيتانلار يامىشىپتۇ.
_ ئورۇنسىز تالاشماڭلار! _ دەپتۇ قىز تېخىمۇ ياڭراق ئاۋازدا سۆز قىلىپ، _ مېنى ھېچبىرىڭلار نىكاھىڭلارغا ئالالمايسىلەر.
_ نېمىشقا؟
_ نېمىدەپ ئەمدى؟
قىزنىڭ گېپى ئاخىرلىشىپ بولغىچە تۇشمۇ – تۇشتىن سورىشىپتۇ يىىگىتلەر.
_ مېنىڭ جېنىم يوق.
_ جېنى يوق ئادەم گەپ قىلالامدۇ؟!
_ جېنى يوق ئادەمنىڭ كۆزى مۇشۇنداق نۇرلۇق بولامدۇ؟!
_ ھەممە گەپ مۇشۇ كۆزۈمدە، _ دەپتۇ قىز ئۆز – ئۆزىگە سۆزلىگەندەك، ئەمما ئۇنىڭ گېپىنى ھەممە ئاڭلاپ تۇرۇپتۇ، _ مېنى سىزغان رەسسام كۆزۈمگە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلغان. كۆزۈمدە نۇر باردەك كۆرۈنگەچكە، گەۋدەمدە جان باردەك كۆرۈنىمەن. ئىنساننىڭ پۈتكۈل سېھرىي كۈچى كۆزدە. مۇھەببەت كۆزدە. ياۋۇزلۇق كۆزدە. ئۇرۇش ۋە ئۆلۈممۇ كۆزدە ، _ كىشىلەرنىڭ ئېسەنكىرەش ئىچىدە بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي تۇرغانلىقىنى كۆرگەن قىز يەنە داۋام قىپتۇ، _ لېكىن مېنى جېنى بار دەپ ئىشىنىپ قالماڭلار. مېنى تالىشىپ ئۇرۇشۇپمۇ يۈرمەڭلار. جېنى باردەك كۆرۈنىدىغان جانسىزمەن. كۆزۈمنى يۇمساملا جېنىم يوقلىقىغا ئىشىنىسىلەر. گېپىمگە يەنە ئىشەنمەمسىلەر؟ ئىشەنمىسەڭلار بۇپتۇ....لېكىن جىدەل قىلماڭلار. ئۇرۇشماي تۇرۇڭلار. ئۇنداقتا، قېنى قايسىڭلار بىرىنچى بولۇپ كۆزۈمنى سىيلاپ باقىسىلەر؟ كىم قورقماي سىيلىسا، مەن شۇنىڭغا تېگىمەن.
ئۆزىنى بېسىۋالالماي تۇرغان يىگىتلەر تۇشمۇ تۇشتىن يوپۇرۇلۇپ كەپتۇ.
_ ئاۋۋال سىز كېلىڭ، _ دەپتۇ قىز، ئىتتىرىشىپ كېلىۋاتقان توپ ئارىسىدىكى تۆمۈر ئارا تۇتقان بىر يىگىتنى كۆرسىتىپ.
يىگىت قىزغىن، ھەم يەنە دىلىغۇل ھالدا قىزنىڭ ئالدىغا كەپتۇ.
_ تېخىمۇ يېقىن كېلىڭ.
قىز شۇنداق دەپتۇ ۋە يىگىت ئۆزىنى ئوڭشاپ بولغۇچە ئۇنىڭ قولىدىكى ئارىنىڭ ئۇچىغا ئىككى كۆزىنى توغرىلاپ زەرب بىلەن ئۈسۈپتۇ. « پوس! » قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ قىزنىڭ ئىككىلا كۆزى تېشىلىپ كېتىپتۇ. شۇئان، ئۇ ئۆلۈكتەك قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈپ كېتىپتۇ. چېھرىدىكى گۈزەللىك، جەلپكارلىق، نۇر ۋە ھارارەتلەر نەگىدۇر غايىپ بوپتۇ. تىلىمۇ، جېنىمۇ ئەزەلدىن مەۋجۇد ئەمەستەك بىلىنىپتۇ. بايىلا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىنتىلگەنلەر ئەمدىلىكتە قۇتۇلۇش ئۈچۈن داجىشقا باشلاپتۇ. قېنى قىززىپ ئەسەبىيلىك دەرىجىسىگە يەتكەن كىشىلەر بىردىنلا يېلى چىقىپ كەتكەن توپتەك بوشىشىپ كېتىپتۇ. ھەيرانلىق ۋە ئۈمىدسىزلىك بىلەن ئارقىسىغا يېنىشىپتۇ......
يۇرت جامائىتىنى قان تۆكۈلۈشتىن ساقلاپ قالغان گۈزەل قىزنىڭ رەسىمى ھەققىدە شۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئاجايىپ ھېكايىلەر تارىلىپتۇ.....
« توغرا، كۆزگە ئىشلەش كېرەك. رەڭ بەرمەسلىك، نۇر بېرىش كېرەك!... »
قاچاندۇر بىر ۋاقىتلاردا، كىمدۇر بىرىدىن ئاڭلىغان بۇ ھېكايە پارچىسىنىڭ بىر پۈتۈن مەنا دائىرىسى باشقىچە بولىشى، ھەتتا كۆزگە مۇناسىۋەتسىز بولىشىمۇ مۈمكىنىدى. ئەمما ئۇ، ھېمىشە كۆز ئالدىغا كېلىۋالىدىغان بادام دوپپىلىق مۇبارەك زادنى ئەنە شۇنداق بىر ئىلھام تەسىرىدە سىزىپ پۈتتۈرگەنلىكىنى پات – پاتلا ئەسلەپ قالاتتى.
بۇياقلىرى قۇرۇپ بولالمىغان رەخت ۋە قەغەز سىزمىلار ئۇدۇل تامغا ئېسىۋېتىلگەن، يەنە بىر قىسىملىرى ياندىكى كونا ئۈستەلگە قاتار تىزىۋېتىلگەنىدى. ئۇلار گويا رەسسامنى ئۆز قېپىدىن تارتىپ چىقىرىدىغان زەنجىردەك تۇيىلاتتى. تاشقىي دۇنياغا باغلاپ تۇرىدىغان ئۈزۈلمەس رىشتىدەك بىلىنەتتى. چەكسىز يورۇقلۇققا ئېلىپ بارىدىغان مۇقەددەس كۆۋرۈكتەك كۆرۈنەتتى.
پەلكۈچنىڭ شىرىلدىغان ئاۋازى ئاڭلىنپ تۇراتتى. قەلەمنىڭ قەغەزگە، پەلكۈچنىڭ قەغەزگە تېگىشلىرىدىنلا چىقىشى مۈمكىن بولغان بۇ يېقىملىق ئاۋاز گۇڭگا ئۆينىڭ بۇلۇڭ – بۇلۇڭلىرىغا قەدەر يېيىلماقتا ئىدى. ناخشا قويۇلىۋاتقان بولسا كېرەك، ئەمما شىرىلداشلا ئاڭلىناتتى. قورۇق يۆتەل ئەدەۋاتقان بولسا كېرەك، يەنە پەقەت شىرىلداشلا ئاڭلىناتتى....
تەپەككۇر مۇشۇ ھالدا يۈرۈشۈپ بەرسە نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى. ھايات مۇشۇ تەقلىددە داۋاملاشسا، نەقەدەر كاتتا ئىش بولاتتى؟!
ئۇ، چاك – چاك يېرىلىپ كەتكەن لېۋىنى يالاپ قويغانلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى. لېكىن شۇئانلا بۇ خىيالىدىن يانغانلىقىنى ئويلىدى. لەۋ يالاپ بولغىچە ئارىلىقتا، يەنە قانداقتۇر بىر ياۋا ئىستەكنىڭ قىستۇرۇلۇپ قېلىشىدىن، تەسەۋۋۇر قۇشلىرىنىڭ قانىتى قايرىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتى. ئۆزىنى ئۇنتۇغان، دۇنيانى ئۇنتۇغان مۇشۇ دەقىقىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىشىنى ئارزۇ قىلاتتى.
لېكىن بۇ ئارزۇغا يېتىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكى ئۇنىڭ ئۆزىگىمۇ ئايانىدى. ھەر چېكىت، ھەر بىر تېمىم بۇياقمۇ رەسسام ئۈچۈن مەنىدار ئوبراز، بىشارەتلىك شەكىل سانىلاتتى. يەنە كېلىپ، پەلكۈچنى تۇتالىغان بىلەن خىيالىنى تۇتالمايتتى. ھەتتا تەسەۋۋۇرىغا توساق قۇيغان ھالەتتىمۇ، سىزىقلىرىنىڭ بىر يەرلىرى، رەڭلىرىنىڭ يەنە قانداقتۇر بىر يەرلىرى ئۇنىڭ ئاچچىق خاتىرىلىرىگە تۇتىشىپ قالاتتى. قاچۇرغان قىسمەتلىرىنى ئەسكە سالاتتى.
« توۋا، ماۋۇ كۆز قىزىمنىڭ كۆزىگە ئەجەپ ئوخشاپ كەتتى – ھە! »
ئۇ، قاچاندۇر بىر چاغدا، كىمدۇر بىرىنىڭ بۇيرۇتما رەسىمىنى سىزىۋېتىپ شۇنداق خىيال قىلغانلىقىنى ئويلىدى. ياق، بىر قېتىملا ئەمەس، ھەرقاچان ئادەم سىزسىلا، ھامان بىر يەرلىرى قىزىغا ئوخشاپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلاتتى. ئۇنىڭغا ئوخشىتىۋاتقانلىقىنى سېزەتتى. ئۇنىڭ خىيالى ئەنە شۇنداق شاخلايتتى.....
_ رەسىم سىزىدىغان سايمانلىرىڭنى مەن تاشلىۋەتتىم، قانداق؟ رەسىم سىزىپ كۆرگەن كۈنۈڭ مۇشۇ. رەسسام بىلەن توي قىلىپ مېنىڭ كۈنۈممۇ مۇشۇ. سەندىكى بۇ كېسەل ئەمدى قىزىمغىمۇ يۇقۇپ قالمىسۇن.
ئايالىڭ گويا بىر تىرىك رادىيوغا ئوخشاپ قالغانىدى. ئەمەل، بايلىق، شان – شەرەپ، تۇرمۇش، كىيىنىشلەردە.... باشقىلارغا يېتەلمەيۋاتقانلىقى ھەققىدە قاقشايتتى. ئەردىن تەلىيى كەلمىگەنلىكى توغرىسىدا تېنىمسىز زارلايتتى. ھەر كۈنى كەچتە ئىشىكتىن كىرىپلا سۆزلەشكە باشلايتتى. ئەتىسى ناشتىلىقتا يېڭىباشتىن داۋاملاشتۇراتتى.
ھەيران ئىدىڭ.
چارىسىز ئىدىڭ.
_ پىشانەم ئەجەپمۇ تەتۈر ئىكەنا مېنىڭ. مېنى تونۇيدىغان ۋالىي كەتتى. يار – يۆلەكتە بولىدىغان داداممۇ ئۆلۈپ كەتتى. ئەمدى مېنى يۆلەيدىغان ھېچكىمىم قالمىدى. سېنىڭ تۇرۇشۇڭ مۇشۇ. ئېرىم يوقمىكىن دېسەم باردەك، بارمىكىن دېسەم يوقتەك!... سېنىڭ جەمئىيەتتە يۈز – ئابرويۇڭ بولمىغاچقا، ئىدارەمدىكىلەرمۇ كۆزگە ئىلمايۋاتىدۇ مېنى. ئېرى باشلىق بولغىنى ئۈچۈن، ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرگەن ئىۋۇ خەلچەك دېگەن يەر پاپىسى جېنىدا مۇئاۋېن ئۆمەك باشلىقى بولۇپ كەتتى. ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئېگەم بولمىغاچقا، مەن بىچارە تاشلىنىپ قالدىم. سەمىرىپ كېتىپسىز، ئۇستىخانلىرىڭىزمۇ قېتىپ قاپتۇ. ئەمدى سەھنىگە چىقماڭ، دەيدۇ تېخى. ئەمدى قېتىپ قاپتىمىشمەن. بوپتۇ، ئەمەلدار بولالمىساممۇ چولپان بولۇپ، جەمئىيەتتە باش كۆتۈرەي، قىزىمغا ئۈلگە بولاي دېسەم، سېنىڭ بۇلۇمسىزلىقىڭدىن بۇ ئارزۇيۇممۇ سۇغا چىلاشقىلى تۇردى مانا.
_ ۋاي ئېست جېنىم، ۋاي ئېست جېنىم!.... كۆزۈمگە سەت كۆرۈنگەن شۇ رەسىم سايمانلىرىڭنى تاشلىۋەتسەممۇ، يەنە تىقىشتۇرۇپ يۈرۈپ رەسىم سىزىپسەنغۇ. دەپ باقە، رەسىم سىزىشتىن زادى نېمە پايدا كەلدى ساڭا. رەسىم سىزىپ يۈرۈپ، مەكتەپنىڭ تازىلىق خادىملىقىدىنمۇ بوشىتىلدىڭ. يەنە بۇرنۇڭغا يىمىدىڭمۇ. توي قىلىپ قالغان گۇناھىم ئۈچۈن، زۇۋانىڭ ئېچىلىپ، ئىش تېپىپ بولغۇچە بولسىمۇ سېنى مەن باقاي، ئۇنىڭغىچە ئۆيدە جىم ئولتۇرۇپ تۇر، رەسىم بار كوچىغا بارما، رەسىم دېگەننى قەتئىي سىزما، دېمىدىممۇ ساڭا. تىقىشتۇرۇپ رەسىم سىزغاننى ئاز دەپ، ئۇنى قىزىمغىمۇ كۆرسىتىپ يۈرۈپسەنغۇ. ھەي ئېست، ھەي ئېست، قىزلارنىڭ توي قىلىدىغاندا كۆزى قارىغۇ بولىدۇ، دېگەن گەپ راست ئىكەن. قانداقسىگە سەن بىلەن تېپىشىپ قالغاندىمەن دەيمەن. خىزمەتتىن باشقىنى بىلمىسەڭ، يا ئەتراپىڭغا قاراشنى بىلمىسەڭ. خىزمەتنى ياخشى ئىشلىگىنىڭ بىلەن، ياخشى ئىشلىگىنىڭمۇ ھەيدىلىشىڭگە ئارا تۇرالمىدىغۇ. ياخشى ئىشلىسىلا ھىسابمۇ. زامانغا باقمامسەن، خەققە قارىمامسەن، ئەتراپىڭغا قاراپ ئىش قىلمامسەن. ئەر كىشىمۇ سەندەك بولامدۇ. مېنىڭ زادىلا چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى. ئىش قىلىپ، ساڭا بەك ئۆچ بولدۇم، ئەزىمەت. ھەممىلا ئادەم ئۆچ بولۇپ كەتتى ساڭا. سەن ئۆزگەرمىگۈدەكسەن. ئادەم بولۇپ بولالمىغۇدەكسەن. سەن بىلەن جېنىم بەك قىينىلىپ كەتتى. گېپىڭنى ئۇچۇق قىل: كېسىلىڭنى ساقايتىپ، ئادەمدەك ياشامسەن، يا يەنە كىرپىدەك تۈگۈلۈپ رەسىمىڭنى سىزامسەن؟
_ مەن رەسىم كەسپىدە رەسىم سىزماسلىق ئۈچۈن ئوقۇغانمىدىم. رەسىم سىزمىسام، نېمە ئىش قىلىمەن؟!
سەن، سىدام سىزمىغا ئىشلىتىدىغان كۆمۈر قېرىنداش بىلەن ئاپئاق قەغەزگە شۇنداق يازدىڭ. نېمىنى ئويلىدىڭكى، جۈملىنىڭ ئاخىرىدىكى ئۈندەشنى ئالاھىدە چوڭ ۋە قارا قىلىپ سىزغانىدىڭ.
_ رەسىمدىن نېمە چىقىدۇ ساڭا؟
_ رەسىمدىن ھەممە نېمە چىقىدۇ ماڭا!
_ شۇنداقمۇ؟ _ دېدى ئايالىڭ تېخىمۇ كۆكۈرۈپ ۋە چىرقىراپ، _ مەندىن، قىزىڭدىنمۇ رەسىملىرىڭ مۇھىم ئىكەن –دە. ئەسلىدە ساڭا رەسىم مۇھىم ئىكەن، شۇنداقمۇ، شۇن... داق... مۇ؟!... _ ئۇ ئىنچىكە بارماقلىرى بىلەن ياقاڭغا ئېسىلدى. سىلكىدى، _ بولدى، ئەمدى دەيدىغان باشقا گېپىم يوق. ئاجرىشىپ كېتەيلى!
_ ئاجرىشىپ كېتەيلى! _ دەرھاللا شۇنداق يازدىڭ سەنمۇ بايىقى قەغەزگە. تالاي قېتىملاپ ئويلىغان بولساڭمۇ، بۇ گەپنى ئېغىزىڭدىن چىقارمىغانىدىڭ. ئاچچىقتىن ئۆز گۆشۈڭنى يېگۈدەك بولۇپ كەتسەڭمۇ، سەۋر بىلەن ياشاپ كەلگەنىدىڭ. قىزىڭنىڭ سەبىيلەرچە مۆلدۈرلەپ قاراشلىرى، چۈچۈك تىلدا چۇلدۇرلاپ سۆزلەشلىرى سېنى ھەممىگە بەرداشلىق بېرىشكە مەجبۇر قىلغانىدى.
_ يۇرت مېنىڭ. ئۆي مېنىڭ. بالىمۇ مېنىڭ. ئۇچاڭدىكى چاپىنىڭنى ئېلىپلا چىقىپ كەت!
ئايالىڭ بۆرە تېرىسىنى تولۇق كىيگەنىدى.
_ قىزىمنى ماڭا بەر.
_ ئۇنداق ئىش يوق.
_ دادام بىلەن كېتىمەن. يەشىم شىزىشنى ئۆگىنىمەن.
_ پوقنىڭ ئىسسىقىنى يەپسەن، شۇم. كېلە بۇياققا!
....................
قىزىڭنىڭ يىغلاپ – يىغلاپ قالغانلىقىنى، ياش يۇقى كۆزلىرىڭنىڭ ئارقاڭدا قالغانلىقىنى ئەسلەيتتىڭ.
_ بوش ۋارقىراڭ. ماڭا ۋارقىرىغانغا بۇرنى – قۇلاقلىرىڭىزغىچە تويغۇزۇپ قويماي يەنە. ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى قىلالىغاننى مەنمۇ قىلالايمەن جۇمۇ. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئاۋۇ مەشھۇر ئەزىمەت كانەينى ئاڭلىغانمۇ؟ ھە، شۇمۇ سىزدەك رەسسام ئىدى. ئۆزىنى ئالەمدە بىر چاغلايدىغان رەسسام ئىدى. ئۇنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازلىرىنى ئۇ ئۈرۈمچىدە ۋاقتىدىلا ئاڭلىغانبىز. بويىنىڭ، زۇۋانىنىڭ يوغانلىقىغا تەمەننا قويۇپ، ئادەم، سورۇن تاللىماي ۋارقىراپلا يۈرۈپتىكەن. يەنە تېخى كەلمەي تۇرۇپلا: بۇيەرنى زىل – زىلىگە سېلىۋېتىمەن، دەپتىكەن. بارغانلا يەردە قايناپ ئۆتۈپتىكەن. ئۆز ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ ۋارقىرىغىنى مۇشۇ يەرگىمۇ ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ھەركىم سۆزلە، شۇنچىلىك سۆزلە. ھەركىم ۋارقىرار، شۇنچىلىك ۋارقىرار. مانا ئەمدى نېمە بولدى؟ بۇ يەرنى زىل – زىلىگە سېلىۋەتمەكچى بولغان ئۇ نوچىنىڭ نەق ئاشۇ يوغان گېلىغا بالا تەگدى. زۇۋانى تۇتۇلدى. زىققا بولدى!.... بەك كۆرەڭلەپ كېتىدىغان زامان ئەمەس بۇ. شىلتىڭ ئاتقاننى شىلتىڭغا ئاتقۇزىدىغان شەھەر بۇ. بىلىپ قويۇڭ، بۇ دېگەن نۇقتىلىق تېخنىكوم. شۇڭا، سىزمۇ بوش ۋارقىراڭ. گەپ شۇ: ئىشخانىدا كىتاب كۆرمەيسىز، رەسىم سىزمايسىز، مۇنازىرە قىلمايسىز. پەقەتلا تاپشۇرۇق تەكشۈرۈسىز، دەرس تەييارلايسىز. كىتابتىن دەپتەرگە، دەپتەردىن دەپتەرگە، ئۇنىڭدىن يەنە دەپتەرگە كۆچۈرۈپ دەرس تەييارلايسىز، يەنە تەييارلايسىز، يەنە تەييارلايسىز!....
_ ۋارقىرىماي گەپ قىلىڭ جۇمۇ. ھەرقانچە ۋارقىرىسىڭىزمۇ ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ئاۋۇ ئەزىمەت كانەيگە يېتەلمەيسىز. ھەركىم ۋارقىرار شۇنچىلىك ۋارقىرار.....
_ ئۈنى پۈتۈپ قالغان ئاۋۇ ئەزىمەت رەسسامنى ئىجارىگە بەرگەن ئۆيۈمدىن كۆچۈرۈۋەتتىم. ئۇنىڭ بىلەن قوشنا ئولتۇرسام، خەقلەر بىرقىسما قارايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئادەم ھەدېسىلا غەلىتە ناخشىلارنى قويۇۋېلىپ، تالادىن ئاڭلاپ كۆنگەن ناخشىلارنى پەقەت ئاڭلىغىلى قويمايدىكەن.
_ ئۆتكەندە ئۇنى مەنمۇ ئۆيۈمدىن كۆچۈرۈۋەتكەن. سىزغان ھايۋانلىرىمىكىن، ئىش قىلىپ بىر نېمىلەر قىقاس – چوقان كۆتۈرگەندەك بىلىنىپ، مېنى زادىلا ئارام ئالدۇرمىدى. قولۇم – قوشنىلارنىڭ نارازىلىقلىرى تېخى تۈگىمىدى. رەسىم سىزدىم دەپ، ماڭا ئىش تېپىپ بېرىدىغان ئوخشايدۇ دېگەننى ئويلاپ شۇنداق قىلدىم.
_ مەنمۇ ئۇنى ئۆيۈمدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن. بىر كۈنى كەپتەرنىڭ بۇقۇلدىغىنى ئاڭلانغان، بىر كۈنى ئىتلارنىڭ قاۋاشلىرى ئاڭلانغان، يەنە بىر كۈنى كالىلارنىڭ مۆرەشلىرى ئاڭلىنىۋاتقان. ئىش قىلىپ، ئۇ سىزغان ھايۋانلار پەقەت ئارام بەرمىدى ماڭا.
_ راست، ئۇ ئادەم سىزغان رەسىملەرنىڭ جېنى بارمىش دەپ ئاڭلايمەنغۇ. سىزغان ئىتى قاۋايمىش، ئېتى كىشنەيمىش، قويى مەرەيمىش، قۇشلىرى سايرايمىش.....
_ مەنمۇ شۇنداق ئاڭلىدىم.
_ توۋا!....
_ توۋا قىلدىم.... ئۆي بەرمىگىنىم دورۇس بوپتۇ جۇمۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر