باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئۆزۈمدىن چىقىش (پوۋىست)(4)

ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان

2015.03.31 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


_ نېمە دەيدىغانسەن، _ دېدىڭ سەن، كۆز ئالدىڭدا چاقناپ تۇرغان بىر جۈپ يۇلتۇزدىن كۆزلىرىڭنى قاچۇرۇپ. ئەمما، قۇچۇقۇڭدىكى گۈرۈلدەپ كۆيۈۋاتقان ئوتنى باغرىڭغا مەھكەم باستىڭ. ئاچكۆزلۈك بىلەن سۆيدۈڭ. _ بۇنداق دېمە.... بۇنداق دېسەڭ قانداق بولىدۇ، جېنىم؟!....
_ ئەمىسە، يەنە نېمە دەيمەن، تاتلىقىم؟!
_ مۇشۇ گېپىڭ ئەجەپ شېرىن جۇمۇ، گۈزىلىم!
_ سەن تېخىمۇ شېرىن، چىرايلىقىم!
.....................
دۇنيادىكى ئەڭ شېرىن تۇيغۇلار بۆشۈكىدە ئەللەيلىنىپ تۇرۇپ، كۆڭۈلسىز تېۋىشلارغىمۇ قۇلاق سالاتتىڭ.
« قۇچاقلاشنى ھامان ئاخىرلاشتۇرۇسەن. لېكىن قۇچاقلاش توختىغان چاغدا بېشىڭغا سوئاللار شەمشىرى قادىلىدۇ: خىزمەت ئىشىڭنى زادى قانداق قىلىسەن. مۇھەببەت ئىشىڭنى قانداق قىلىسەن؟!.....»
« مەكتەپنىڭ ئۆزىدە قېلىش ھەممىلا ئادەمگە نېسىپ بولىدىغان پۇرسەت ئەمەس. بۇ يەردە كەسپىي جەھەتتە يەنىمۇ تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتى، ئۆزىنى نامايان قىلىش بوشلىقى بار. قېلىپ قالايمىكىن؟ »
« گۈلگىنەنى قانداق قىلىسەن؟ »
« كېيىنچە يۆتكەپ ئەكىلىۋالارمەن. »
« خالىغاندا يۆتكەپ ئەكىلىۋالالايدىغانغا، سەن جۇمھۇر رەئىسمىدىڭ؟ »
« بىرەر ئورۇندا تەكلىپ بىلەن ئىشلەپ تۇرسا، شۇ جەرياندا دىپلومىنى ئېلىۋالسا، ئاندىن.... »
« تىلىڭنى چاينىما. رەسىم سىزىۋاتقان ۋاقتىڭدىكى رومانتىك تۇيغۇلىرىڭنى تاشلاپ، ئەمەلىي بول. ئۇ زادى نەدە ئىشلىشى كېرەك؟! »
« بىرەر تاللا بازىرى، ياكى شەخسىي مەكتەپ دېگەندەك ئورۇنلاردا ئىشلەپ تۇرسا بولارمىكىن. »
« ئەمىسە، ئۆزۈڭ ئېيت. گەپ يۈزدە ياخشى. »
_ مۇنداق قىلايلى، گۈلۈم، _ دېدىڭ سەن، قۇچاقلاش قىزغىنلىقىدا جىددىيلەشكەن نەپەسلىرىڭنى باسالماي تۇرۇپ، _ كۆپ ئويلاندىم. مەنمۇ مەكتەپتە قېلىۋېرەي. سىەنمۇ ئۈرۈمچىدە قېلىپ، بىرەر شەخسىي مەكتەپ، ياكى تاللا بازارلىرىدا ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇرساڭ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاستا – ئاستا....
_ نېمە دەۋاتىسەن؟ _ شۇئان قۇچۇقۇڭدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى گۈلگىنە، _ مېنى سەن بىلمەيدىغاندەك، پۈتۈن مەكتەپ بىلمەيدىغاندەك گەپ قىلىۋاتىسەنغۇ، ئەزىمەت. سەنئەت ئىنىستېتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىنى پۈتتۈرگەن، بارچە قىزلارنىڭ كۈندىشى، ھەممە ئوغۇللارنىڭ مەبۇدەسى بولۇپ ئۆتكەن تەڭداشسىز بىر گۈزەل تاللا بازىرىدا ئىشلەمدا. شەخسىي مەكتەپتە ئىشلەمدا؟ كۆزلىرىمگە بىر قارىغىنا، ئەزىمەت. سېنى مەكتەپكە تونۇتقان پورترېت سىزماڭدىكى چىرايلىق كۆزلەر مۇشۇمىكەن، ياكى ئۆزگىرىپ قاپتىمۇ. كۆرگەزمىدە سېنى نەتىجىگە ئېرىشتۈرگەن پورترېتتىكى گۈزەل قىز مۇشۇ شۇمىكەن، ئەمەسمىكەن؟ ھازىر سەتلىشىپ قاپتىمۇ – يا؟.... ئۇنتۇپ قالما، بۇ سېھىرلىك كۆزلەرنى تالاي رەسساملارنىڭ سىزغۇسى كەلگەن. يەنە ھەرقانداق رەسسام سىزالايدۇ جۇمۇ!....
« شۇنداقمۇ؟... ئەمىسە، ئۆزۈڭنى باشقىلارغا سىزدۇرۇۋال!.... »
شۇنداق دىيەلىگەن بولساڭ، كېيىنكى تەقدىرىڭ يەنە قانداق بولار ئىدىكىن. لېكىن سەن ئۇنداق دېيەلمىدىڭ، دېيەلمەيتتىڭ. ئەس – يادىڭنى ئىگەللىۋالغان شېرىن ھىسلار سېنىڭ مەنزىلىڭ، ھاياتىڭنىڭ قىممىتى، دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل جەننىتى ۋە لەززىتى بولۇپ تۇيىلاتتى. يۈرىكىڭ ئوت، ۋۇجۇدۇڭمۇ ئوت ئىدى. كۆز ئالدىڭدىكى تېنچ ۋە زەڭگەر كۆل سۈيى، سۇ ئەتراپىدىكى قويۇق يېشىللىقلار، يېشىللىق ئۈستىدىكى ئاسمان، ياق، پۈتۈن دۇنيا ئوت بولۇپ كۆرۈنەتتى، ئوت بولۇپ كۆيەتتى. شۇنداق بولدى، سۆيگۈ ھەممىنى بېسىپ چۈشتى. ئوتلۇق ھاياجان ئالدىدا، ئۇنىڭ ۋىسالىغا يېتىشتىن ئۆزگە يوللارنىڭ ھەممىسى دوزاق بولۇپ كۆرۈندى. قانداقتۇر بىر سېھىر ئىلكىدە ۋۇجۇدۇڭغا قوشۇلۇپ يۈرىكىڭ، يۈرىكىڭگە ئەگىشىپ تىلىڭمۇ تىترەپ كەتتى:
_ يا.... مەن ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس. سەن....
_ ئەمىسە، مېنى نېمە كۆرۈۋاتقانسەن. كىمگە ئوخشىتىۋاتقانسەن، جېنىم ئەزىمەت؟ مۇشۇ زىلۋا قامىتىم، مۇشۇ گۈزەل چىرايىم بىلەن تاللا بازىرىدا خەققە ياللىنىپ ئىشلىسەم، كۆڭلۈڭ ئۇنارمۇ – ھە؟ شۇڭا دەيمەن ئەمەسمۇ، مېنى ئۆلتۈرۈۋەت دەپ. سەندىن ئايرىلىپ قالغۇم يوق. بەك بولمىسا، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە كۆڭلۈڭ ئۇنىمىسا، ئىككىلىمىز يۇرتۇمغا كېتەيلى. ئۇ يەرنىڭ ئادەملىرى ئاقكۆڭۈل، ياۋاش، ساددا، مېھماندوست..... ئۇزۇنغا بارمايلا ئۆزلىشىپ كېتىسەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، دادام ھۆكۈمەتتە ئۇزاق يىل ئىشلىگەن نامى بار رەھبىرى كادىر. ئۇنىڭ يۈز _ خاتىرىسى ئۈچۈن بولسىمۇ، ھۆكۈمەت ئىككىمىزنى ياخشى ئىدارىگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئۇ يەردىمۇ مۇشۇ يەردە سىزىدىغان رەسىمىڭنى سىزىۋەرسەڭ بولىدۇ ئەمەسمۇ. نېمىنى سىزغۇڭ كەلسە، شۇنى سىزىسەن. قانداق سىزغۇڭ كەلسە، شۇنداق سىزىسەن. سېنى رەسىم سىزىشتىن ئۆزگە ھېچقانداق ئىشقا سالمايمەن. دادامنى ئىشقا سېلىپ، قايسى ئىدارىدە ئىشلىگۈڭ بولسا شۇ ئىدارىغا ئورۇنلاشتۇرغۇزىمەن. ئىدارىدىمۇ مائاش ئېلىشتىن باشقا ئىش قىلمايسەن. ئۆيدىمۇ ھەممىلا ئىشنى ئۆزۈم قىلىمەن. سەن بىلەن بىرگە ئۆتەلەيدىغانلا بولسام، نېمە دېسەڭ شۇنى قىلىپ بېرىمەن. مەڭگۈ ساداقەتمەن ھەمرىيىڭ بولىمەن. قۇلۇڭ بولىمەن. چاكىرىڭ بولىمەن، جېنىم ئەزىمەت!....
_ بۇ... بۇنى....
« ئەمدى تىلىڭنى چاينىما! »
سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىۋاتقان بۇ ئادەمنى ئۇزاق يىللاردىن كېيىن، يۈزلىرىنى قورۇق باسقان، كۆزلىرى ئولتۇرۇشقان ھالدا ئالدىڭدىكى سىنئەينەكتە كۆرۈدىغانلىقىڭنى بۇ چاغدا تېخى ئويلاپ يەتمىگەنىدىڭ.
« سەن ماڭىدىغان پۈتكۈل يولنى مەشۇقۇڭ سىزىپ بولدى، _ دېدى ھامان بىر كۈنى ساڭا سىنئەينەكتە كۆرۈنىدىغان ھېلىقى ئادەم، _ ئەمدى يەنە يانساڭ، مۇھەببەتتىن يۈز ئۆرۈگەن بولىسەن. ۋاپاسىز ئاتىلىسەن. »
« شۇنداق بولارمۇ؟ »
« ھۇ.... لىڭتاسما! »
« گۈلگىنەنى دەپ باشقا يۇرتقا كەتسەم، يۇرتتىكىلەر نېمە دەپ قالار؟ »
« ئۇ يەرمۇ سېنىڭ يۇرتۇڭ! »
_ مۇھەببىتىمىزنىڭ ئالدىدا سەنئەت ئىنىستېتۇتى نېمىدى. ئۈرۈمچى نېمىدى؟! _ سەن تۇيۇقسىزلا شۇنداق دېدىڭ. كۆزۈڭگە يېنىپ تۇرغان بىر جۈپ چوغدىن باشقىسى كۆرۈنمەيتتى. يۈرىكىڭ لاۋۇلداپ كۆيۈپ تۇرغان ئوتتىن باشقىنى سەزمەيتتى. ئاخىرىدا مەيدەڭگە ئۇرۇپ تۇرۇپ قوشۇپ قويدۇڭ، _ سەن ئۈچۈن ئوتقا كىرىشكىمۇ رازىمەن. سېنىڭ دېگىنىڭدەك بولسۇن. يۇرتۇڭغا سەن بىلەن بىللە بارىمەن. پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئىجاد قىلىپ، ئۇ يەرنى زىل – زىلىگە سېلىۋېتىمەن!
_ ئاھ، يۈرىكىم!... ئاھ، بۈركۈتۈم!... يۇرتۇمنى جەزمەن زىل –زىلىگە سېلىۋېتىمىز، جېنىم!...
گۈلگىنە يېڭىباشتىن قۇچىقىڭغا كىردى. ئوتلۇق ۋە سېھىرلىق بىر جۈپ بۇلاقتىن تېشىپ چىقىۋاتقان زەمزەم تامچىلىرى تۈك باسقان كۆكسىڭنى ھۆل قىلماقتا ئىدى....
ئەزايى – بەدىنى رەڭ - بۇياقلارغا مىلىنىپ كەتكەن پەلكۈچ قەغەزدىن _ قەغەزگە تاقلاپ يۈرەتتى. سىنئەينەكتە گاھ كۆرۈنۈپ، گاھ كۆرۈنمەيتتى. بەزىدە ئۆزى، بەزىدە ئۆزىنىڭ يېرىمى ۋە بەزىدە ئۇ ئۈزۈپ يۈرگەن رەڭدار شەكىللەرنىڭ يېرىم – يارتىلىرى كۆرۈنۈپمۇ قالاتتى. ئۇنىڭ سۆيۈشلىرىدىن باش كۆتۈرگەن ھاكىم چىرايلار، ھېكىم چىرايلار، تەبەسسۇملۇق چىرايلار، تەپەككۇرلۇق چىرايلار، قايغۇلۇق چىرايلار، نەپرەتلىك چىرايلار... تۆر تامدىن بىر – بىرلەپ ئورۇن ئالماقتا ئىدى.
كۆلتېگىن
سۇتۇق بۇغراخان.
مەھمۇد كاشىغەرىي.
ئابدۇقادىر داموللا.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر.
.........
بۇلارنى سەن ياخشى كۆرەتتىڭ. مەنمۇ ياخشى كۆرەتتىم. بىز ياخشى كۆرگەننى باشقىلارمۇ ياخشى كۆرسە كېرەك دەپ ئويلايتتۇق.
_ سىنىپقا ئېسىپ قويغان ئاۋۇ سەللىلىك بىرنېمىڭىزنى يوقىتىڭ، ئاداش!
خىزمەتكە چۈشۈپ ئۇزاق بولمىغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، مەكتەپنىڭ پېنسىيە يېشىدىن ئۆتۈپ كېتىپمۇ يەنە ئىشلەۋاتقان ئالغاي مۇدىرى ئىشخاناڭغا ئۈسۈپ كىرىپلا شۇنداق دېدى.
_ قايسى بىرنېمىنى دەيسىز، مۇدىر؟ _ ئاچچىقىڭ كەلگەن بولسىمۇ، يەنە سەۋرچانلىق بىلەن شۇنداق سورىدىڭ.
_ ئاۋۇ سىز دەرسكە كىرىدىغان سىنىپلارنىڭ تېمىغا ئېسىلغان ساقاللىق بىر نېمىلەرنىچۇ؟!
_ بىرنېمە ئەمەس، ئادەم ئۇ. سىز، بىزدىن كاتتا ئادەم.
_ ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. شۇڭا ئۇنى يۇقىتىڭ دەۋاتىمەن!
_ يۇقاتقۇدەك نېمە قىپتۇ ئۇ رەسىم؟
_تولا گەپ قىلماي، يۇقىتىڭ دېگەندىكىن يۇقىتىشنى بىلىڭا.
_ ئۇنى بىز يۇقىتالمايمىز. ھېچكىم يۇقىتالمايدۇ.
_ بىز يۇقىتالمىغۇدەك كىم ئىدى ئۇ. نى – نى ئەكسىيەتچىلەرنىمۇ يوقاتقان بىز.
_ ئەكسىيەتچى ئەمەس، مەھمۇد كاشىغەرىي بوۋىمىز ئۇ دېگەن.
_ ھە، قاشقالىق ئىكەن – دە. نەدىكى بىر ئاتام – ئانام كۆرمىگەن ئادەملەرنىڭ رەسىمىنى ئاسىدىغان مەكتەپ ئەمەس بۇ. قولىڭىزدىن كەلسە، ماركىس، ئېنگىلىزلارنى، دۆلەت رەھبەرلىرىنى، ئاندىن ئاۋۇ ۋىلايەتنىڭ شۇجىسىنى سىزىڭ. شۇلارنى ئاسىمىز.
_ ئۇلارنىمۇغۇ سىزارمەن. لېكىن سىز مەھمۇد كاشىغەرىي بوۋىمىزنى بىلمەمسىز؟
_ نېمە دېمەكچىسىز؟! _ بىردىنلا تاتىرىپ، ئارقىدىنلا قارىداپ كەتتى مۇدىر، _ ئەجەپ تولا گەپ قىلىدىغان، ئاتىكارچى بالىكەنسىزغۇ؟ دادىڭىزدەك ئادەمنىڭ ئالدىدا كەلسە – كەلمەس سۆزلەۋېرىپ، زۇۋانىڭىز تۇتۇلۇپ كەتمىسۇن يەنە. بوۋىمىز دەپ قالدىڭىز، مېنىڭ بوۋام ئاللىقاچان يەرنىڭ تېگىگە كىرىپ كەتكەن. بىلىپ قويۇڭ، ئۇ كىم بولسا بولسۇن، ھاتەم بولۇپ كەتسىمۇ مەيلى، ئىش قىلىپ، سەللە، ساقاللىقلارنى مەكتەپكە يېقىن يولاتمايمىز. قولىڭىزدىن كەلسە، مەن سىزدۇرغان بىر قاشقالىقنىڭ رەسىمىنى ئالدۇرىۋەتتى، دەپ مۇدىرلىقتىن قالدۇرۇۋېتىڭ ئاداش.
_ سىز دەۋاتقان ماركىسنىڭمۇ ساقىلى بارغۇ؟
_ نېمە؟.... ساقىلى؟... ھىم... ھە... شۇنىمۇ بىلمەيدىغان ئوخشىمامسىز. ئۇنىڭ ساقىلى بولغىنى بىلەن، سەللىسى يوق ئاداش، مۇنداق سەللىسى!
_ نادانلىق قىلماڭ، مۇدىر. ئۇ دېگەن....
_ قارىغاندا، چوڭ شەھەردە ئوقۇپ كەلدىم دەپ، مېنى كۆزگە ئىلمايدىغان، گېپىمنى ئاڭلىمايدىغان ئوخشىمامسىز. ئۇنداقتا، ئۇنى ئۆزۈم بىر تەرەپ قىلاي. ماڭا ئەگىشىپ مېڭىڭلار، بالىلار!
كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا، سەن دەرسكە كىرگەن ئون ئىككى سىنىپتىكى مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ رامكىلانغان رەڭلىق سۈرىتى بىر يەرگە يىغىلدى. سۈرەتتىكى تونۇش چىرايلار ساڭا ئۈمتۈلۈپ قاراۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇلارنىڭ قانچىلىك مۇشەققەتتە پۈتكەنلىكىنى بىرى مۇشۇ رەسىملەر ، يەنە بىرى ئۆزۈڭ بىلەتتىڭ.
_ مانا ئەمىسە، مانا ئەمىسە!... ماڭا گۈركىرىگەنگە تويغۇزىمەن بۇ سويمىنى!..... ساقال غېرىچلىغانغا تويغۇزىمەن بۇ قوڭالتاقنى!....
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر