باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئۆزۈمدىن چىقىش (پوۋىست)(10)

ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان

2015.03.31 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

_ مېنىڭ ھويلامغىمۇ ئىجارە ئۆي سوراپ كىرىپتىكەن، بەرمىدىم. « قايناقسۇ ئىچ، كۆڭلۈڭ تېنچ » دەپ، ئۆي بىكار قالسا قالسۇن، تېنچ ئۆتەي، دېدىم. ئېغىزغا چىقىپ قالغان ئۇنداق ئادەملەرگە يېقىن كەلگۈلۈك ئەمەس.
_ توغرا قىپتىلا، بەك خەتەرلىك ئادەممىش ئۇ.
_ دېمىسىمۇ، مۆرىمەستىن قورقسا بولىدۇ. تىلى بولمىغىنى بىلەن، رەسىم سىزىدىغان قولى بارىكەن ئەمەسمۇ ئۇنىڭ.
_ گېپى ئىچىدىن چىقمايدىغان ئۈنداق ئادەملەر چاتاقچى كېلىدۇ. شۇڭا، ئۈنى پۈتۈپ قالغان ئادەملەرگە ئۆي بەرگۈلۈك ئەمەس.
................................
يەنە كىمدۇر بىرلىرىنىڭ، قاچاندۇر بىر چاغلاردا سەن ھەققىدىكى پاراڭلارنى ئەينەن كۆتۈرۈپ كەلگەنلىكىنى ئەسلەيتتىڭ.
يەنە، تەسەۋۋۇر قۇشلىرىڭنىڭ ئەڭ بۈيۈك چوققىلارغا تەلپۈنۈپ ئۇچقانلىقىنى، لېكىن قانداقتۇر بىر سېغىنىش، ئەندىشە، ئەنسىرەشكە ئوخشاپ كېتىدىغان كۆرۈنمەس روھىي يىپلارنىڭ قاناتلىرىڭغا تور بولۇپ يېيىلىپ تۇرغان چاغلىرىنىمۇ ئازاب ئىچىدە ئەسلەپ كەتكەنىدىڭ. شۇ تاپتا يەنە شۇنداق بولۇپ قالمىسا دەيتتىڭ. تەسەۋۋۇرۇم شاخلاپ كەتمىسسە، ياۋا ھىسلار قايرىپ كەتمىسە، دەيتتىڭ. تەستە كەلگەن ئىلھام قۇشلىرىنىڭ قاناتلىرى چۈشۈلۈپ قالمىسا، پەرۋازلىرى توسۇلۇپ قالمىسا، دەپ تىلەيتتىڭ. ئۇنى مۇشۇ ھالدا ئۇچۇپلا كەتسە، تېخىمۇ ئۇزاقلارغا، تېخىمۇ يۈكسەكلەرگە يەتسە، توسۇق – توسقۇنلاردىن ئۆتۈپ كەتسە، ئۆيىدىن، ئويىدىن، ئۈنىدىن ۋە ئۆزىدىنمۇ چىقىپ كەتسە، دەپ ئارزۇ قىلاتتىڭ.
پەلكۈچ توختىمايتتى. ئۇ بۆگۈن توختىمايدىغاندەك، مەڭگۈ توختىمايدىغاندەك قىزغىنلىق بىلەن ئۈزۈپ باراتتى.
سۆيۈنۈپ كېتىۋاتاتتىڭ. بۇنداق بىر ئىلھام، بۇ قەدەر قىزغىنلىقنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانىدىڭ. ئىلھام كەلگەن بولغىيتتى، لېكىن ھېچبىرى بۆگۈنكىسىگە ئوخشىمايتتى. پىكىر يولۇڭ ئېچىلغان چاغلار كۆپ ئىدى، ئەمما ھېچقانداق بىر ۋاقىت ھازىرقىسىغا يەتمەيتتى.
كۆز ئالدىڭ يورۇپ كەتكەندەك قىلاتتى. نەزەرىڭمۇ ئېچىلىپ كەتكەنىدى. بۆگۈن خاسىيەتلىك بىر كۈندەك، پەقەت بۆگۈنلا ئىجادىيىتىڭنىڭ ئەڭ پارلاق بىر كۈنى بولۇپ قالىدىغاندەك تۇيىلاتتى.
پەلكۈچ _ تىلىم.
رەڭلەر _ سادايىم.
قەلبىڭنىڭ چوڭقۇر جايلىرىدىن ھاياجانلىق ئاۋازلارنى ئاڭلىغاندەك ھىس قىلاتتىڭ. ئۇنى باشقىلارمۇ ئاڭلىشى، پۈتۈن دۇنيا ئاڭلىشى كېرەك ئىدى.
« مەن بۇ يەرنى زىل – زىلىگە سېلىۋېتىمەن دەپ كەلگەن، چوقۇم زىل – زىلىگە سالىمەن! »
ئۇلاپلا يەنە بىر سادانى ئاڭلاۋاتقاندەك قىلاتتىڭ.
ھە – ئە، قاچاندۇر بىر چاغلاردا، كىمدۇر بىرىدىن ئاڭلىغان گەپنى مانا ئەمدى تۇيۇقسىزلا قايتا ئاڭلاۋاتقاندەك قىلاتتىم.
شۇئان چۆچۈپ كەتكەنلىكىمنى ھىس قىلدىم. ئەتراپىمغا يېنىشلاپ قارىدىم دەپ ئويلىدىم.
ئاۋاز يىراقتىن كەلگەندەك قىلاتتى، ئىچىمدىن چىقىۋاتقاندەك بىلىنەتتى، نەپسىمگە قوشۇلۇپ تاراۋاتقاندەكمۇ، غايىبتىن يامراۋاتقاندەكمۇ سېزىلەتتى. ئۇنىڭ مەنبىئى مەجھۇل بولسىمۇ، قۇلاقلىرىم ئەتراپىغا كېلىپلا كۈچلىنىپ قالغاندەك تۇيىلاتتى. پۈتۈن بەدەنلىرىم قۇلاققا ئايلانغانىدى.....
پەلكۈچ رەسىم جازىسى ئۈستىدە تېنىمسىز شىرتىلدايتتى. ئۇنىڭدىن تارالغان قىزغۇچ نۇر ئېقىملىرى رەسسامنىڭ يۈزىنى، غۇۋالىق يېغىپ تۇرغان ئۆينىڭ بولۇڭ – بولۇڭلىرىنى نۇرلاندۇرىۋەتكەنىدى. داپ، دۇتتارنىڭ يۈزىدە قىزغۇچ نۇرلار جۇلالىناتتى. تۆر تامدىن ئورۇن ئېلىشقان يېڭىدىن – يېڭى چىرايلارنىڭ كۆزلىرىدە قىزغۇچ نۇرلار يالتىرايتتى. يېزىق ئۈستىلىدىكى كىتابلار نۇرلىنىپ تۇراتتى. قەغەز – قەلەملەر نۇرلىنىپ باراتتى. چىلەكتىكى لىقلانغان سۇمۇ، قازاندىكى ئاشقان ئاشمۇ، داستىكى ساقلانغان يۇندىمۇ.... قانداقتۇر بىر ئاقلىق ئىچىدە يالتىرايتتى.
پەلكۈچ ئالدىرايتتى.
رەسسام پەلكۈچتىن بەكراق ئالدىراپ قالغانىدى.
قېنىق، قويۇق ۋە ئىسسىق رەڭلەر ئاستا، ئەمما ۋەزمىن يېيىلىپ باراتتى. نەزەرىڭدە، ئۇ ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى تۇغاتتى.
ئىسسىقتىن قان قىززىيتتى.
ئىسسىقتىن ھاياتلىق دۇنياغا كۆز ئاچاتتى.
ئىسسىقتىن تۇخۇم تۇغۇلاتتى.
ئىسسىق تۇخۇمدىن چۆچە چىقاتتى.
.....................
تۇخۇم سېرىقى رەڭنىڭ ئىسسىقلىق تۈسىنى تۈجۈپىلەپ گەۋدىلەندۈرۈۋاتقان رەسسام، تۇيۇقسىزلا ۋارقىراپ تاشلىغىلى تاس قالدى: پەلكۈچى ئاستىدىكى سىزمىدا تۇخۇمدىن چىقىۋاتقان چۆچە مىدىرلاۋاتاتتى. راستىنلا مىدىرلاۋاتاتتى!
بوينىنى تۇخۇمدىن چىقىرىپ بولغان چۆجە تۇمشۇقىنى ھەريان سۇزاتتى. بەدىنىنى قىسىپ تۇرغان تۇخۇمنى تېنىمسىز چوقىلايتتى. ھەر تەرەپكە تولغىناتتى، سىلكىنەتتى. تۇخۇم بىلەن قوشۇلۇپ سىيرىلەتتى، يۇمىلايتتى، دومىلايتتى.....
نېمە خاسىيەت بۇ. نېمە كارامەت بۇ؟!
ئۇ كۆزىگە ئىشەنمەي قالدى. ئۆزىگىمۇ ئىشەنمەيلا قالدى. پەلكۈچى بولسا ئۆزى ئاپىرىدە قىلغان ھاياتلىقنىڭ ئاخىرقى كەمتۈكىنى ھەيرانلىق، ئەمما قىزغىنلىق ئىچىدە تولۇقلىماقتا ئىدى.
چۆچىنىڭ تۇخۇمدىن چىقىشى ھاياتلىقنىڭ نەقەدەر بۈيۈك جەريانى – ھە! ئارماننىڭ مۇرادلار دۇنياسىغا كۆز ئېچىش نەقەدەر شېرىن تەۋەللۇت - ھە!
ۋۇجۇدۇمغا جاندەك شېرىن بىر ھارارەت يامرىماقتا ئىدى. كۆكرىكىم كېڭىيىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئېغىزىم قىچىشاتتى، گېلىم قىچىشاتتى، تىلىممۇ قىچىشاتتى....
كۆڭلۈم قانداقتۇر بىر نەرسىنى سېزىپ باراتتى.
بۆگۈن ئاجايىپ بىر كۈن بولىدىغاندەك تۇراتتى.
بىردىنلا، ئۆزۈمنىڭ ھارارەتلىك تۇخۇم قېتىدىن ئاستا تولغىنىپ چىقىۋاتقانلىقىمنى سەزدىم.
رەسسامنىڭ تېخىمۇ قاتتىق چۆچۈپ كېتىدىغانلىقى شۈبھىسىز ئىدى.
ئۇ، كۆز ئالدىدا ئۇدا يۈز بېرىۋاتقان مۆجىزىلەردىن ھەيرانۇ - ھەس قېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئىسسىق رەڭنىڭ ئاداققىي ھارارىتىنى تۆش ۋە تۇمشۇقلىرىمغا ئىشەنچ بىلەن مۇجەسسەملەشنى توختاتمىغانىدى. ئۇ زوق – شوخ بىلەن رەڭ بېرەتتى، نۇر بېرەتتى، ھارارەت بېرەتتى. ئۇنىڭ پەلكۈچى كۆزۈمدە، يۈزۈمدە، بارماق ۋە ھەر بىر تال تۈكلىرىم ئۈستىدە چوغلىنىپ باراتتى......
پۈتۈن بەدەنلىرىم ئوتتەك قىززىغان ھالەتتە تۇخۇمدىن چىققانلىقىمنى سەزدىم.
يېڭىدىن تۇخۇمدىن چىققان چۆچە ئەتراپىقا ھەيرانلىق بىلەن ئەلەڭلەپ قارايدۇ.
يېڭىدىن تۇخۇمدىن چىققان چۆچە تەمتىرەيدۇ، سەكرەيدۇ، تاقلايدۇ.
يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان چۆچە ئىشىك بويلاپ، ئويۇق بويلاپ، رۇجەك بويلاپ، توڭلۇك بويلاپ تەمتىلەيدۇ.
يەنە ئۇ يىراق بويلاپ، ئۇپۇك بويلاپ، يورۇق بويلاپ، سۇلۇق بويلاپ....
ئۆگىزىدە تۇرۇپ تۇيۇقسىزلا زىل ۋە ياڭراق ئاۋازدا، جان – جەھلىم بىلەن چىللىغانلىقىمنى ئاڭلىدىم.
« چىللاڭ خورىزىم، چىللاڭ! »
دەل شۇ چاغدا، يېقىنلا يەردىن يېقىملىق بىر ناخشا ئاڭلاندى.
يەنە يېقىنلا يەردە پەلكۈچ زوق بىلەن شىرتىلدايتتى.....


【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر