باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز 100 مىليارد يۈەنلىك PPP ئەندىزىسى ھۆكۈمەت يېتەكچى فوندى تەسىس قىلدى

2015.10.20 15:53         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇقPPP تۈرى بويىچە كېلىشىم ئىمزالاش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزPPP ئەندىزىسىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن 100 مىليارد يۈەنلىك PPP ئەندىزىسى ھۆكۈمەت يېتەكچى فوندى تەسىس قىلغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: PPP ئەندىزىسى ھۆكۈمەت يېتەكچى فوندى تەسىس قىلىشتىكى مەقسەت، ئىجتىمائىي كاپىتالغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ PPP تۈرىنى قوللايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئېنىق سىگنالنى يەتكۈزۈپ، جەمئىيەتتىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ PPP تۈرىگە مەبلەغ سېلىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. ئاپتونوم رايوننىڭPPP ئەندىزىسى خىزمەت مەركىزى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن مۇھاكىمە قىلىپ، پايدىدىن تەڭ بەھرلىنىش، خەۋپ - خەتەرنى ئورتاق زىممىسىگە ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە، PPP ھۆكۈمەت يېتەكچى فوندىنى ئورتاق تەسىس قىلدى.

  كېڭىشىش ئارقىلىق ئاپتونوم رايون بىلەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەبلەغ قوشۇش نىسبىتى 1:9 بولۇپ، سودىگەر چاقىرىش بانكىسى، شاڭخەي پۇدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى بىرلىكتە 90 مىليارد يۈەن مەبلەغ قوشۇشقا ماقۇل بولدى، ئاپتونوم رايون 10 مىليارد يۈەن مەبلەغ قوشۇپ، 100 مىليارد يۈەنلىك PPP ئەندىزىسى ھۆكۈمەت يېتەكچى فوندىنى ئورتاق تەسىس قىلىدۇ. كېلىشىم ئىمزالاش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بۇ ئىككى بانكا بىلەن فوند تەسىس قىلىش ئىستراتېگىيەلىك كېلىشىمىنى رەسمىي ئىمزالىدى، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى تۈركۈمدىكىPPP ئەندىزىسى ھۆكۈمەت يېتەكچى فوندىنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ھازىرقى باشلىنىش باسقۇچىدا، ھۆكۈمەت يېتەكچى فوندى تۈرنىڭ ئىجتىمائىي كاپىتال تېپىشى ۋە ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ تۈر تېپىشىدا قوش يۆنىلىشلىك تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ئاپتونوم رايون مالىيە تارماقلىرى، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېتەكچى فوندىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنى تېخىمۇ ياخشى قوزغىتىپ، شىنجاڭنىڭ PPP ئەندىزىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر