باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى پۇقرالارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلەيلى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش توغرىسىدا

2015.10.20 15:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  8 – ئۆكتەبىر ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى مۇنەۋۋەر ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلىشنى تەلەپ قىلدى ھەم شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشتە خىزمەتنى پۇقرالارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك، ھەق – دادىغا يەتكۈزۈپ ياخشى ئىشلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى مۇنەۋۋەر ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزى سەمىمىي، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، زور ئەھمىيەتلىك بولۇپ، يېڭى دەۋردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ئۇنى قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، ئۇنىڭغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىشى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىلھاملاندۇردى ۋە ئۇلارنى چەكسىز ھاياجانلاندۇردى. بىز باش شۇجىنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، بىرلىكتە گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى باشتىن – ئاخىر ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ يېتىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سۆزنىڭ روھىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ئىشلەشتە مۇھىمى سىردىشىش، ھالىغا يېتىش ۋە چىن – سەمىمىي بولۇشتۇر. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى بولۇپ، ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا ئەڭ ئاساسلىقى قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشتۇر. يېڭى ۋەزىيەتتە، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىدىكى يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى تەلەپلەر ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچ – قۇدرىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. ‹‹مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئاچقۇچ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئەڭ كارغا كېلىدىغىنى كىشىلەرنىڭ رايىنى مايىل قىلىشتۇر››، بىز كىشىلەرنىڭ رايىنى مايىل قىلىش، ھالىغا يېتىش ۋە چىن – سەمىمىي بولۇشنى زىچ چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە پۇقرالارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك، ھەق – دادىغا يەتكۈزۈپ ئىشلىشىمىز كېرەك.

  ھالىغا يېتىشتە ئاچقۇچ ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇش، پۇقرالارنىڭ ئويلىغىنىنى ئويلاشتا. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ئىدىيە، ھېسسىيات جەھەتتە ئاممىغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، خەلقنىڭ بەختىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، مەسىلىلەرنى ئويلىغاندا، ئىش قىلغاندا كۆپرەك ئاممىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە دائىم بېرىپ كۆرۈپ، ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە دائىم بېرىپ كۆرۈشۈپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن دائىم مۇڭدىشىپ، ئەلرايىنى بىلىپ، ئەلنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، ئەلنىڭ قەلبىنى ئىللىتىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىدە، ئورگانلاردىكى 200 مىڭ كادىر كەنتلەرگە چۈشۈپ، ئاممىنىڭ ئارزۇ – ئۈمىدلىرىنى ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ ھالىغا يېتىدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان ھەقىقىي مەنپەئەتلەرنى يەتكۈزۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقى ۋە غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇردى. پۇقرالارنىڭ ئويلىغىنىنى ئويلىغاندىلا، ئىشلارنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىغا مىننەتدار بولۇش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىدىيەسى ۋە ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ.

  چىن – سەمىمىي بولۇشتا ئاچقۇچ ھەر مىللەت ئاممىغا خۇددى ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردەك چىن – سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشتا. يۈ لياڭيىڭ ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، مۇھەممەدتۇرۇپ موساققا ياردەم قىلدى، پايدا – زىيان بىلەن ھېسابلاشماي،نامرات دېھقاننى كەنت ئەزالىرىنى يېتەكلەپ بىرلىكتە ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىدىغان بېيىش ماھىرىغا ئايلاندۇردى، بۇ ئىككىيلەن ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق رىشتە سانسىز كىشىنى تەسىرلەندۈردى؛ ۋۇ دېڭيۈن ئېغىر كۆيۈپ يارىلانغان ئىككى ياشلىق بالىنى قۇتقۇزۇۋېلىش ئۈچۈن، ئۆز پۇتىدىن 13 قېتىم تېرە كېسىپ ئېلىپ بالىنىڭ بەدىنىگە كۆچۈردى، بۇ ئۇرۇق – تۇغقانلىق رىشتىدىنمۇ ھالقىپ كەتكەن ھەقىقىي مېھىر – مۇھەببەت. شىنجاڭدا نۇرغۇن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرى بارلىققا كەلدى، ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلار ھەر مىللەت ئاممىغا خۇددى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەردەك چىن – سەمىمىي مۇئامىلە قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدا ھەر قانداق كۈچ يىمىرەلمەيدىغان، قانداشلىقتىنمۇ ھالقىپ كەتكەن مىللىي رىشتە ئورنىتىلغان. ئەگەر ھەر مىللەت ئاممىنى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەردەك كۆرمىگەن بولسا، ئۇلارنىڭ بۇنداق خالىس ۋە شەخسىيەتسىز بولۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرالىشى مۇمكىن بولاتتىمۇ؟

  كېمىنىڭ كۈچى يەلكەندە، ئادەمنىڭ كۈچى نىيەتتە بولىدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە خەلقنىڭ كۆڭلىدىكىدەك، ھەق – دادىغا يەتكۈزۈپ ئىشلەشتە، زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا ‹‹ھالىغا يېتىش، چىن – سەمىمىي بولۇش››تىن ئىبارەت ئۆم – ئىناق ئۆتىدىغان تەپەككۇر ۋە ھەرىكەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك، مىللەتلەر ئۆزئارا چۈشەنگەن، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلغان، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولغان، ئۆزئارا ھۇزۇرلانغان، ئۆزئارا ئۆگەنگەن، ئۆزئارا ياردەم بەرگەندىلا، بىللە ياشاش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئىشلەش، بىللە شاتلىنىش جەريانىدا ئۆزئارا باردى – كەلدى قىلىپ، ئۆزئارا پىكىرلىشىپ، ئۇلۇغ ۋەتەن، جۇڭخۇا مىللەتلىرى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر