باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا PPP ئەندىزىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق

2015.10.20 15:53         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون 19 - ئۆكتەبىر ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتال ھەمكارلىق تۈرلىرى بويىچە كېلىشىم ئىمزالاش يىغىنى ئېچىپ، بىر تۈركۈم PPP تۈرلىرىدە مەركەزلىك كېلىشىم ئىمزالاپ، يېقىندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلارنىڭ PPP ئەندىزىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنىڭ نەتىجىسىنى نامايان قىلدى.

  بۇ يىل پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن PPP ئەندىزىسىنى كېڭەيتىش، قوللىنىش توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىنى تۈزۈپ چىقتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بۇنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئىشلەپ، ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىندى

  ئاپتونوم رايونىمىز يىل بېشىدىلا PPP ئەندىزىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەييارلىقىنى باشلىغانىدى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 4 - ئايدا تۇنجى تۈركۈمدە ئىجتىمائىي كاپىتال كىرگۈزۈلگەن ئۈلگىلىك تۈرلەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، تىزىملىكتە 53 تۈر بار بولۇپ، سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ 208 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلارمۇ بىر تۈركۈم زاپاس تۈرلەرنى رەتلەپ چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ تۈرلەردە تەدرىجىي ئىلگىرىلەش بولدى.

  كېيىنكى يېرىم يىلدا، بولۇپمۇ بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئاپتونوم رايون PPP ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش سۈرئىتىنى يەنىمۇ تېزلەتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 92 - ئاۋغۇست دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن)يىغىنى ئېچىپ، PPP ئەندىزىسىنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىپ، تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 7 - سېنتەبىر ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت، ئالاقىدار تارماقلاردىن PPP ئەندىزىسىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، تىرىشىپ زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئاپتونوم رايون 19 - ئۆكتەبىرPPP تۈرى بويىچە كېلىشىم ئىمزالاش يىغىنى ئېچىپ، 191 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان 115 تۈردە مەركەزلىك كېلىشىم ئىمزالىدى، ئۇنىڭدىن باشقا، 212 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان 330 تۈرنى تونۇشتۇردى. ئومۇمىي سېلىنمىسى 400 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان بۇ 445 تۈر بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلارنىڭ PPP ئەندىزىسىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنڭ ئەزاسى، ئاپتونوم راونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن كېلىشىم ئىمزالاش يىغىنىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ PPP ئەندىزىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قىسقىغىنا بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، بۇنداق ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش شىنجاڭ روھى، شىنجاڭ ئىقتىدارى، شىنجاڭ ئۈنۈمىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى، شۇنداقلا تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقى، تىرىشساقلا ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىمىزنى تولۇق چۈشەندۈردى.

  يۇقىرى ئۆلچەم قويۇپ، يۇقىرى چىقىش پەللىسىدە تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ PPP ئەندىزىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدە قىسقىغىنا ۋاقىتتا بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى ئۆلچەم قويۇپ، يۇقىرى چىقىش پەللىسىدە تۇرۇپ پىلانلىغانلىقى ۋە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

  ھازىر ئاپتونوم رايون «جامائەت ساھەسىدە ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى كېڭەيتىش ۋە قوللىنىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، PPP ئەندىزىسى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ۋە PPP تۈر مەركىزى قۇرۇپ، PPP ئەندىزىسى ھۆكۈمەت يېتەكچى فوندى تەسىس قىلدى ھەم مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى قۇردى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار تېزدىن ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىپ، تۈرلەرنى بېكىتىپ، لايىھە تۈزۈپ، PPP ئەندىزىسى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى. ھازىر ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر بىر تۈركۈم PPP تۈرلىرىنى رەتلەپ، تاللاپ چىققان بولۇپ، ئازلىرى ئوندىن، كۆپلىرى 100دىن ئاشتى. 19 - ئۆكتەبىردىكى كېلىشىم ئىمزالاش يىغىنىدا، ۋىلايەت، ئوبلاستلار بىر تۈركۈم توختام ۋە كېلىشىم تۈرلىرىنى ئىمزالاپلا قالماستىن، يەنە ئىجتىمائىي كاپىتاللارنى تونۇشتۇردى، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدىن ئۈمىد بار.

  ئاپتونوم رايونىمىزدا PPP ئەندىزىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ چۈنلىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا PPP ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش ئالاھىدە ئەۋزەللىككە ئىگە. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى جەريانىدا، شىنجاڭ «ئۈچ بازا»، «ئۈچ يول»، «بەش مەركەز»نى زور كۈچ بىلەن قۇرۇپ، قاتناش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدە زور مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، PPP ئەندىزىسىنى تارىخىي پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، شەھەرلەشتۈرۈشنىڭ تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈشى مۇھىم ئۇل ئەسلىھە ۋە جامائەت مۇلازىمىتىگە مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. مەركەزنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۇشى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا زور يوشۇرۇن كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچ نامايان قىلىنىپ، PPP ئەندىزىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىرقەدەر ياخشى ئاساس سېلىندى.

  سودىگەر چاقىرىش بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دىڭ ۋېي مۇنداق دېدى: شىنجاڭ PPP ئەندىزىسى خىزمىتىنى چوقۇم تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىدۇ، سودىگەر چاقىرىش بانكىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئاپتونوم رايون بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ PPP ئەندىزىسى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ياخشى ياردەمچىسى، ياخشى مەسلىھەتچىسى، ياخشى ھەمراھى بولالايدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىمىز بار.

  يۈننەن سۇ ئىشلىرى مەبلەغ سېلىش پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ھازىر شىنجاڭدا يولغا قويغان ئۈچ PPP تۈرى، شۇنداقلا، يەنە ئۈچ ھەمكارلىق تۈرى بار، سېلىنىدىغان مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ. بۇ شىركەتنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، باش دىرېكتورى يۇ لۇڭ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ PPP ئەندىزىسىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا بولغان ئىشەنچىمىز زور، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ تۈرنى تېپىپ، مەبلەغ، تېخنىكا، باشقۇرۇش ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبە قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى جايلار، تارماقلار بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ئاپتونوم رايون مۇنۇلارنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى: بۇنىڭدىن كېيىن، ئۇل ئەسلىھە ۋە جامائەت مۇلازىمىتى ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىدا، ئاساسلىقى، ئىجتىمائىي كاپىتالنى كىرگۈزۈشكە، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋاسىتىسىدە، ئاساسلىقى، PPP ئەندىزىسىگە تايىنىلىدۇ، يېڭى تۈرلەردە پىرىنسىپ جەھەتتىن PPP لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون يولغا قويغان PPP تۈرلىرىدە، تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، مالىيە - باج جەھەتتىن مەدەت بېرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش جەھەتلەردە ئالاھىدە ئېتىبار سىياسەتلەر يولغا قويۇلىدۇ. بۇلار شۈبھىسىزكى، شىنجاڭنى ياخشى سىياسەتلەر مەركەزلەشكەن رايونغا ئايلاندۇرۇپ، ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى ھازىرلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ PPP ئەندىزىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر