باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(16)

2012.12.03 16:52        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  44-ماددا پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى: پارتىيە نىزامنامىسىنى ۋە پارتىيەنىڭ باشقا ئىچكى نىزاملىرىنى قوغداش، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە قارارلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، پارتىيە كومىتېتىنىڭ پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە ياردەملىشىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە تەشكىلاتچىلىق قىلىش ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرۇش.

  ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى پارتىيە ئەزالىرىغا ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش توغرىسىدا دائىم تەربىيە بېرىدۇ، پارتىيە ئىنتىزامىنى قوغداشقا دائىر بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىدۇ؛ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشى ئۈستىدىن نازارەتچىلىك قىلىدۇ؛ پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىگە ۋە پارتىيەنىڭ باشقا ئىچكى نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىغا دائىر بىر قەدەر مۇھىم ياكى مۇرەككەپ دېلولارنى تەكشۈرىدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلىدۇ، شۇ دېلولاردىكى پارتىيە ئەزالىرىغا بېرىلىدىغان جازانى قارار قىلىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ؛ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شىكايىتىنى ۋە ئەرزىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

  ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئالاھىدە مۇھىم ياكى مۇرەككەپ دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى ۋە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى بۇنداق مەلۇماتنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغىمۇ بىرلا ۋاقىتتا يوللىشى لازىم.

  ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرىدا پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپ ھەرىكەتنىڭ بارلىقىنى سەزسە، ئاۋۋال دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلاپ چىقسا بولىدۇ، دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىغا تەستىقلىتىشى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىغا چېتىلغانلىرىنى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك كومىتېتقا يوللىغاندىن كېيىن، ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.

  45-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى تەكشۈرۈشكە ھەمدە تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دېلو توغرىسىدا چىقارغان قارارىنى تەستىقلاش ۋە ئۆزگەرتىشكە ھوقۇقلۇق. شۇ تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۆزگەرتمەكچى بولغان قارارى ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بولسا، بۇنداق ئۆزگەرتىشنى ئۇنىڭدىن بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش شەرت.

  پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ دېلونى بىر تەرەپ قىلىش قارارىغا باشقىچە پىكرى بولسا، ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قايتا تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ياكى ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى سېزىلگەن، ئۇنى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ھەل قىلمىغان ياكى توغرا ھەل قىلمىغان بولسا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا ئەرز سۇنۇپ، بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە ياردەم سوراشقا ھوقۇقلۇق.

  9-باب پارتگۇرۇپپىلار

  46-ماددا مەركەز ۋە جايلاردىكى دۆلەت ئورگانلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، مەدەنىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە باشقا پارتىيەسىز تەشكىلاتلارنىڭ رەھبىرىي ئورگانلىرىدا پارتگۇرۇپپا قۇرۇلسا بولىدۇ. پارتگۇرۇپپا رەھبەرلىك يادروسىغا خاس رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. پارتگۇرۇپپىنىڭ ۋەزىپىسى— ئاساسەن پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل بولۇش؛ ئۆز ئورنىنىڭ چوڭ-چوڭ مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە قارار چىقىرىش؛ كادىرلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ پارتىيەسىز كادىرلار ۋە ئامما بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش؛ ئورگانلار ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش.

  47- ماددا پارتگۇرۇپپا تەركىبىدىكىلەرنى شۇ پارتگۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەستىقلىغان پارتىيە تەشكىلاتى قاراردىن ئۆتكۈزىدۇ. پارتگۇرۇپپىغا شۇجى قويۇلىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا مۇئاۋىن شۇجىلار قويۇلسىمۇ بولىدۇ.

  پارتگۇرۇپپىلار ئۆزىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەستىقلىغان پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنۇشى شەرت.

  48- ماددا قارىمىقىدىكى ئورۇندا مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكنى يولغا قويغان دۆلەت خىزمەت تارماقلىرى پارتكوم قۇرسا بولىدۇ، پارتكومنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش چارىسى، خىزمەت ھوقۇقى ۋە خىزمەت ۋەزىپىسىنى مەركىزىي كومىتېت ئايرىم بەلگىلەيدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە