باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(7)

2012.12.03 16:52        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5-ماددا پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىشتا، پارتىيە ياچېيكىسىدىن ئۆتكۈزۈش، ئايرىم-ئايرىم قوبۇل قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش شەرت.

  پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى پارتىيەگە كىرىش تەلەپنامىسىنى تولدۇرىدۇ، ئىككى نەپەر رەسمىي پارتىيە ئەزاسى تونۇشتۇرغۇچى بولىدۇ، ياچېيكا يىغىنىنىڭ ماقۇللۇقى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن شۇنىڭدەك كاندىداتلىق مۇددىتىدە سىنالغاندىن كېيىن، ئاندىن رەسمىي پارتىيە ئەزاسى بولىدۇ.

  تونۇشتۇرغۇچىلار ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىدىيەسى، پەزىلىتى، تارىخىنى ۋە خىزمەتتىكى ئىپادىسىنى ئەستايىدىل ئىگىلىشى، ئۇنىڭغا پارتىيەنىڭ پىروگراممىسى ۋە نىزامنامىسىنى چۈشەندۈرۈشى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شەرتى، مەجبۇرىيىتى ۋە ھوقۇقىنى ئوچۇق ئېيتىشى ھەمدە بۇنى پارتىيە تەشكىلاتىغا مەسئۇللۇق بىلەن مەلۇم قىلىشى كېرەك.

  پارتىيەنىڭ ياچېيكا كومىتېتى پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئۈستىدە پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئاممىدىن پىكىر ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قاتتىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق لاياقەتلىك دەپ ھېسابلىسا، ئاندىن ياچېيكا يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قويۇشى كېرەك.پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ پارتىيەگە كىرىشىنى تەستىقلاشتىن ئاۋۋال، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئادەم تەيىنلەپ، ئۇنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چۈشىنىشى ھەمدە ئۇنىڭ پارتىيەگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى لازىم.

  ئالاھىدە ئەھۋالدا، پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك كومىتېتلىرى پارتىيەگە بىۋاسىتە ئەزا قوبۇل قىلسا بولىدۇ.

  6-ماددا كاندىدات پارتىيە ئەزاسى پارتىيە بايرىقى ئالدىدا تۇرۇپ، پارتىيەگە قەسەم بېرىشى شەرت. قەسەمنامە مۇنداق: مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئۆز ئىختىيارىم بىلەن كىردىم، پارتىيە پىروگراممىسىنى ھىمايە قىلىمەن، پارتىيە نىزامنامىسىگە ئەمەل قىلىمەن، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىمەن، پارتىيەنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىمەن، پارتىيە ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىمەن، پارتىيە مەخپىيىتىنى ساقلايمەن، پارتىيەگە سادىق بولىمەن، ئاكتىپ ئىشلەيمەن، كوممۇنىزم ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىمەن، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن بارلىقىمنى قۇربان قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىمەن، پارتىيەگە مەڭگۈ ئاسىيلىق قىلمايمەن.

  7-ماددا كاندىدات پارتىيە ئەزاسىنىڭ كاندىداتلىق مۇددىتى بىر يىل بولىدۇ. پارتىيە تەشكىلاتى كاندىدات پارتىيە ئەزالىرىنى ئىخلاس بىلەن تەربىيەلىشى ۋە تەكشۈرۈشى لازىم.

  كاندىدات پارتىيە ئەزاسىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى رەسمىي پارتىيە ئەزاسىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. كاندىدات پارتىيە ئەزاسى ئاۋاز بېرىش، سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، رەسمىي پارتىيە ئەزاسى بىلەن ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە.

  كاندىدات پارتىيە ئەزاسىنىڭ كاندىداتلىق مۇددىتى توشقاندا، پارتىيە ياچېيكىسى ئۇنىڭ رەسمىي ئەزالىققا ئۆتۈش-ئۆتەلمەسلىكىنى ۋاقتىدا مۇزاكىرە قىلىشى لازىم. كاندىدات پارتىيە ئەزالىرىدىن پارتىيەنىڭ ئەزالىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئەستايىدىل ئادا قىلغان، پارتىيەنىڭ ئەزالىق شەرتلىرىنى ھازىرلىغانلارنى ۋاقتىدا رەسمىي ئەزالىققا ئۆتكۈزۈش كېرەك؛ داۋاملىق تەكشۈرۈش ۋە تەربىيەلەشكە توغرا كېلىدىغانلىرىنىڭ كاندىداتلىق مۇددىتى ئۇزارتىلسا بولىدۇ، لېكىن ئۇزارتىلغان ۋاقىت بىر يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ پارتىيەنىڭ ئەزالىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلمىغان، پارتىيەنىڭ ئەزالىق شەرتلىرىنى ھازىرلىمىغانلارنى كاندىدات پارتىيە ئەزاسىلىق لاياقىتىدىن قالدۇرۇلىدۇ. كاندىدات پارتىيە ئەزاسىنىڭ رەسمىي ئەزالىققا ئۆتكۈزۈلۈشى ياكى كاندىداتلىق مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلىشى ۋە ياكى كاندىدات پارتىيە ئەزاسىلىق لاياقىتىدىن قالدۇرۇلۇشى ياچېيكا يىغىنىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىشىدىن ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە