باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما رۇمنىي بىلەن سايلامدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئۇچراشتى

2012.11.30 17:21        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تۈنۈگۈن سابىق پىرېزىدېنت نامزاتى رۇمنىي بىلەن ئاق سارايدا چۈشلۈك تاماقتا بىرگە بولدى، بۇ ئىككىيلەننىڭ سايلامدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشى. ئاق ساراي بايانات ئېلان قىلىپ: ئىككىيلەن ئامېرىكىنىڭ رەھبەرلىك ئورنى مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلدى دېدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئوباما بىلەن رۇمنىي ئاق سارايدىكى ئېللىپس شەكىللىك ئىشخانا يېنىدىكى پىرېزىدېنتىنىڭ خۇسۇسىي ئاشخانىسىدا تاماقتا بىرگە بولدى. ئىككىيلەن ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئورنى ۋە قانداق قىلغاندا بۇ ئورۇننى ساقلىغىلى بولىدۇ دېگەن مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى. بۇندىن باشقا، رۇمنىي يەنە ئوبامانىڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى، ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ۋەزىپە مۇددىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. ئىككەيلەن ئالاقىنى ساقلاشقا ھەمدە پۇرسەت بولغاندا ھەمكارلىشىشقا قوشۇلدى.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە