باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالدىنقى ئون ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆي–زېمىن تەرەققىيات سېلىنمىسى ئاشتى

2012.11.30 14:20        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالدىنقى ئون ئايدا ئۆي–زېمىن تەرەققىيات سېلىنمىسى 48 مىليارد 109 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.8 ئاشقان، 1–ئايدىن 9–ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكىدىن 2 پىرسەنت پوئېنت، 1–ئايدىن 8–ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكىدىن 2.6 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان.

  ئاپتونوم رايونىمىزدا تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش سوممىسى بىلەن سېتىلىش كۆلىمى تەڭ كېمەيگەن. ئالدىنقى ئون ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدا تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش كۆلىمى 10 مىليون 200 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.6 كېمەيگەن، كېمىيىش نىسبىتى ئالدىنقى توققۇز ئايغا سېلىشتۇرغاندا 0.9 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەن بولغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆي–زېمىن بازىرىنىڭ سىجىل ئېشىش ۋەزىيىتى قوش بېسىمغا دۇچ كەلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆي–زېمىن سېلىنمىسىدا 3–ئايدىن باشلاپ ئاساسنى مۇستەھكەملەپ قايتا ئېشىشقا يۈزلىنىشتەك ئاكتىپ ۋەزىيەت شەكىللەنگەن بولسىمۇ، ئۆي زاپىسىنىڭ ئېشىشى ۋە يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلىغان تۈرلەرنىڭ ئازىيىشىدىن ئىبارەت ئىككى ئامىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، ئۆي–زېمىن بازىرىنىڭ سىجىل ئېشىشى زور بېسىمغا دۇچ كەلدى.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە