- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
فرانسىيە پەلەستىننىڭ ب د ت نىڭ كۆزەتكۈچىسى بولۇشىنى قوللىدى
2012.11.29 16:25
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:ئاۋسترالىيەدە چىقىدىغان «كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى گېزىتى»نىڭ 28-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا يېقىن ئىتتىپاقدىشى فرانسىيەنىڭ پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچىسى بولۇشنى ئىلتىماس قىلىشىنى قوللاش قارارىنى قۇۋەتلىمەيدىغانلىقىنى ئوچۇق ئاشكارا بىلدۈرگەن.
پەلەستىن 27-نويابىر 29-نويابىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىغا ئىلتىماس سۇنۇپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچىسى بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى. فرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى فابىئۇس شۇ كۈنى خەلق پارلامېنتىدا پارلامېنت ئەزالىرىغا: فرانسىيە مۇشۇ ھەپتە پەلەستىننىڭ ئىلتىماسىنى قوللاپ ئاۋاز بېرىدۇ دېدى.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە