باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ قۇۋۋەت تامىقىغا ‹‹ئېلېكتىرونلۇق ئوزۇقلۇق ئۇستىسى›› سەپلەيدۇ

2012.11.29 15:02         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ 28-نويابىر ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن قارىغاندا ، دۆلىتىمىز مەخسۇس يۇمتال تەتقىق قىلىپ ئېچىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قۇۋۋەت تامىقى تىزىملىكىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنى ئانالىز قىلىپ ۋە باھالاپ ، ھەرقايسى سىناق نۇقتا مەكتەپلىرىنىڭ ھەقسىز ئىشلىتىشىگە بېرىپ ، ‹‹ئېلېكتىرونلۇق ئوزۇقلۇق ئۇستىسى ›› رولىنى ئوينايدىكەن .

  مۇئاۋىن مىنىستىر لۇ شىننىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقىغا ئاساسلانغاندا ، ئېلىمىز 699 دۆلەت دەرىجىلىك سىناق نۇقتا ( ناھىيە ) دا ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمىدىكى مەكتەپ تەۋەلىكى ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ ، يالغان مەلۇمات بېرىش ، باشقا كىشى نامىدا ئېلىۋېلىش ، مەركەز مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلىمىشلىرىنى تېخنىكا جەھەتتە توسۇپ ، مەبلەغ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىكەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ساغلاملىقىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش باھالاش سىستېمىسىنى قۇرۇپ ھەم ئىشقا كىرىشتۈرۈپ ، ئوقۇغۇچىلار تەن ساپاسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا بىلىپ ، ئىز قوغلاپ ، ئېلان قىلىپ ، كەڭ ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى ئوزۇقلىنىش ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەپ ۋە تەربىيەلەپ ، ئوقۇغۇچىلار ئارقىلىق مىليونلىغان دېھقان ئائىلىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن .

  لۇ شىن مۇنداق دېدى : ‹‹ بۇندىن كېيىن ، بىز ھەرقايسى جايلارنىڭ مەكتەپ مۇدىرى يېمەكلىك ساقلاش تۈزۈمى ، يېمەكلىك ئەۋرىشكىسىنى قالدۇرۇش تۈزۈمى ، ئاشكارا ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى نۇقتىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ تائام كومىتېتىدىكى نازارەتچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز ››.

  ئىگىلىنىشىچە ، ئالاقىدار تارماقلار بۇ يىل نويابىرنىڭ ئاخىرىنىڭ ئالدى-كەينىدە ، گۇيجۇدا نەق مەيداندا ئىلگىرىلىتىش يىغىنى ئېچىپ ، گۇيجۇنىڭ ‹‹ ھەممە مەكتەپتە ئاشخانا بولۇپ ، ھەممە ئادەم چۈشلۈك تاماق يېيىش ›› تەجرىبىسىنى كېڭەيتمەكچى ئىكەن ؛ كېلەر يىلى ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ ئالدى-كەينىدە ، بىر قېتىملىق ۋىدىيولۇق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ ، ھەرقايسى سىناق نۇقتا ئۆلكىلىرىنىڭ خىزمەت تەرەققىياتى ۋە ساقلانغان مەسىلىلىرىنى ئۇقتۇرۇش قىلىپ ، مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقچى ئىكەن .

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە ، نۆۋەتتە ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش پىلانى دۆلەت ۋە يەرلىك سىناق نۇقتىلىرىدىكى جەمئىي 987 ناھىيەدىكى 29 مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى قاپلىغان .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە