باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىلىق ئايال زىيادە سېمىز بولغاچقا ئايروپىلانغا چىقىشى رەت قىلىنىپ، كېسىلىنى داۋالاش كېچىككەنلىكتىن قازا قىلغان

2012.11.28 13:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئامېرىكا نيۇيوركلۇق بىر ئەر ئايالىنىڭ ھەددىدىن زىيادە سىمىزلىكى تۈپەيلىدىن ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئايروپىلانغا چىقىشنى رەت قىلغانلىقتىن، كېسىلىنى داۋالاش كېچىكىپ قېلىپ قازا قىلغانلىقىنى ئېيتقان. سۇتېس مۇنداق دېگەن، ئۇنىڭ 56 ياشلىق ئايالىنىڭ تېنى ئاجىز، كېسىلى كۆپ، ھەددىدىن زىيادە سېمىز بولغانلىقتىن، ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ خادىمى ئۇنىڭ سېمىزلىكىنى باھانە قىلىپ ئۇنىڭ نيۇيوركقا بارىدىغان ئايروپىلانغا چىقىشنى رەت قىلغان. ئايالى ۋىنگېرىيەدە تۇرۇپ قىلىپ بۆرەك زەئىپلىشىش سەۋەبىدىن قازا قىلغان.

  ۋېلما 193 كىلوگرام كېلىدىغان بولۇپ، بىرلا پۇتى بار ئىكەن، ھەرىكەت قىلشتا چاقلىق ئورۇندۇققا تايىنىدىكەن. ئۇ 17-سېنتەبىر 33 ياشلىق يولدىشى بىلەن ۋىنگېرىيەگە كەلگەن. ئۇلار ۋېنگېرىيەدە نەچچە ھەپتە ئارام ئالغان بولۇپ، ھەر يىلى دېگۈدەك ئۇ يەرگە بارىدىكەن.ۋەتەنگە قايتىشتىن بۇرۇن، بۇ بىر جۈپ ئەر ـ ئايالنىڭ ساياھىتىنى ۋاستىلىك بىجىرىپ بەرگۈچىلەر ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە ۋېلمانىڭ ئەھۋالىنى ئېيتىپ ئىككى بىلەت سېتىۋالغان ئىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە