باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى

2012.11.26 16:55        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:گۈيجۇ شياڭشۈي كۆمۈر كان ۋەقەسى خېيىم خەتىرىدىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئورنىنىڭ 25- نويابىردىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن قۇتقۇزۇش خادىملىرى كۆمۈر كان يولىدا تالاپەتكە ئۇچرىغان بىر كىشىنىڭ جەسىتىنى بايقىغان؛ ھازىرغىچە ۋەقەدە قازا قىلغۇچىلار 20 گە يەتكەن. نۆۋەتتە دۆلەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش باش ئىدارىسى خىزمەت گۇرۇپپىسى نەق مەيداندا ۋەقەدىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاخىرقى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلغان. 100 گە يېقىن قۇتقۇزۇش خادىمى ئىز دېرىكى بولمىغان ئۈچ كان ئىشچىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىزدەۋېتىپتۇ.

  دۆلەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەتلىك كۆمۈر كان بىخەتەرلىكى مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فۇ جيەنخۇا بىلەن دۆلەتلىك كۆمۈر كان بىخەتەرلىكى مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شۇخې باشچىلىقىدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسى 25-نويابىر ئەتىگەندە گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ شياڭشۈي كۆمۈر كان ۋەقەسى يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا بېرىپ خېيىم خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

  24- نويابىر سائەت 10دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە گۈيجۇ ئۆلكىسى فەننەن كۆمۈر ئېچىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ شياڭشۈي كۆمۈر كېنىدا كۆمۈر ۋە گاز ئۇشتۇمتۇت چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى. ۋەقە يۈز بەرگەندە 28 كىشى مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېدى. ھازىرغىچە ۋەقەدە 20 كىشى قازا قىلدى، بەش كىشى قۇتقۇزۇلدى.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە