- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
چاۋشيەن بىلەن ياپونىيەنىڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا سۆھبىتى كېلەر ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
2012.11.28 16:54
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن بىلەن ياپونىيە 5-، 6-دېكابىر بېيجىڭدا ئىككى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا سۆھبىتى ئۆتكۈزۈدىكەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: چاۋشيەن بىلەن ياپونىيە ھۆكۈمەتلىرى 15-، 16-نويابىر موڭغۇلىيەنىڭ پايتەختى ئولانباتۇردا سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، 5-، 6-دېكابىر بېيجىڭدا سۆھبەتلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ.
ياپونىيە تاراتقۇسىنىڭ يەنە بىر خەۋىرىگە قارىغاندا، كېلەر ئايدىكى بېيجىڭدىكى سۆھبەتكە ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋازارىتى ئاسىيا ئوكيانىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۇگىياماشىنفۇ، چاۋشيەن چاۋشيەن-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش سۆھبىتىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى سوڭئىلخاۋ قاتنىشىدىكەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، ئىككى تەرەپ مۇشۇ ئايدا ئولانباتۇردا مەخپىي كۆرۈشكەن، سۆھبەت جەريانى تاراتقۇلارغا ئاشكارىلانمىغان.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە