باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇيتۈندىكى بىر ئايال تۆتكېزەك يەڭگىدى

2012.11.29 15:08         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىلى ئوبلاستى كۇيتۈن دوختۇرخانىسىدا كوڭ نا ئىسىملىك بىر ئايال تۆتكېزەك يەڭگىدى . بوۋاقلارنىڭ ئۈچى قىز ، بىرى ئوغۇل بولۇپ ، بۇ ئىزچىل تۈردە ‹‹تۇغماس ›› دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان كوڭ نا ، شۇنداقلا ئۇنىڭ يولدىشىغا ئالەمچە خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى .

  كوڭ نانىڭ ئېيتىشىچە ، ئەر-ئايال 2003-يىلى توي قىلغاندىن بۇيان پەرزەنت يۈزى كۆرەلمىگەن ، چوڭ-كىچىك نۇرغۇن دوختۇرخانىلار كوڭ نانى «پەرزەنتلىك بولالمايدۇ» دەپ قارىغان ، ئەمما ، ئۇ ئارزۇسىدىن ۋاز كەچمەي، بېيجىڭدىكى «شىنشىڭ» دوختۇرخانىسىغا بېرىپ، بىر يىل داۋالانغاندىن كېيىن، ھامىلىدار بولغان ۋە ھەممە كىشىنى ھەيران قالدۇرۇپ، بىراقلا تۆتكېزەك يەڭگىگەن. «شىنشىڭ» دوختۇرخانىسى كوڭ نا ئائىلىسىنىڭ شارائىتىنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئۇنىڭ تۆت بالىسىغا 18 يىل ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان .

  نۆۋەتتە، تۆتكېزەكنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولۇپ ، تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەر ئاياغلاشقاندىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقسا بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە