باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى «نەقىش ئويۇلغان ئەڭ نېپىز خوتەن قاشتېشى چىنىسى» شاڭخەي «بۈيۈك دۇنيا» جىننېس رېكورتىغا كىردى

2012.11.28 16:02        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

نەقىش ئويۇلغان ئەڭ نېپىز خوتەن قاشتېشى چىنىسى

  26-نويابىر شاڭخەي ‹‹بۈيۈك دۇنيا›› جىننېس باش ئىشتابىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا، شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر قاشتېشى شەھەرچىسىدىكى خوتەن قاشتېشىنى ئويۇش ئارقىلىق ياسالغان قاشتېشى چىنىگە ‹‹نەقىش ئويۇلغان ئەڭ نېپىز خوتەن قاشتېشى چىنىسى›› دېگەن نام بېرىلگەن.

  ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئورنىنىڭ ئۆلچەپ بېكىتىشى ئارقىلىق، ‹‹نەقىش ئويۇلغان ئەڭ نېپىز خوتەن قاشتېشى چىنىسى›› نىڭ ئەڭ نېپىز يېرى 0.77 مىللىمېتىر، چىنە ئېغىزىنىڭ دىيامېتىرى 27 سانتىمېتىر، چىنە تۈۋىنىڭ دىيامېتىرى 9.199 سانتىمېتىر، ئومۇمىي ئېگىزلىكى 10.772 سانتىمېتىر ئىكەنلىكى، رەڭگىنىڭ يېشىل كۈل رەڭدە ئىكەنلىكى، ئومۇمىي ئېغىرلىقى 392 گىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. بۇ چىنىنىڭ نېپىزلىقى تومۇزغا قانىتىدەك بولۇپ، سۇغا سالسا لەيلەيدىكەن، ئۈنچىدەك سۈزۈك پارقىراق ئىكەن. نەمخۇش خۇسۇسىيەتلىك قاشتېشىدىن ياسالغان بولۇپ، چىنە يۈزىگە شاخ-يوپۇرماقلىرى تازا ئاينىغان گۈللەر ئويۇلغان ئىكەن. ئويما ۋە بۆرتمە گۈللەر قۇت ۋە گۈزەللىكنى نامايان قىلغان بولۇپ، ئەڭ مۇكەممەل دېيىشكە بولىدىكەن.

  ‹‹بۈيۈك دۇنيا جىننېس ئەڭ رېكورتى›› غا ئېرىشكۈچى ـ شىنجاڭ ‹‹يىشېڭيۈەن›› قاشتېشى شەھەرچىسىنىڭ باش مۇدىرى جوۋ يې 26-نويابىر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹قاشتېشىنى سۈركەپ سىلىقلاپ ئەڭ نېپىز ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۇنى ئادەمنى تاڭ قالدۇرىدىغان گۈزەللىككە ئىگە قىلدى، جۇڭگو-چەت ئەلنىڭ تېخنىكىسى بىرلەشتۈرۈلگەن بۇ خىل ئويما مەدەنىيىتى ھىندىستان قول ھۈنەر سەنئىتى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ چيەنلوڭ دەۋرىدە ئەڭ گۈللەنگەن››.

  ئىگىلىنىشىچە، ۋەتىنىمىزنىڭ ئىنتايىن ئۇزاق تارىخقا ئىگە قاشتېشى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن، جوۋ يې ئىزچىل باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بىر قاشتېشى چىنە ئويۇپ چىقىشنى ئويلاپ كەلگەن. ئۇ 2000-يىلىدىن باشلاپ قول سېلىپ ماتېرىيال تاللىغان، ئاخىرى 2007-يىلى 25 توننا ئېغىرلىقتىكى نەپىس سۈپەتلىك خوتەن زۇمرەت قاشتېشىنى خام ماتېرىيال قىلىپ تاللىغان. كۆپ قېتىم كېسىپ تاللاش ئارقىلىق، ئۇنىڭ 100 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى بەش پارچىگە بۆلگەن ھەمدە جۇڭگونىڭ مەشھۇر قاشتېشى ئويما ئۇستىسى، سۇجۇدىكى ئالىي دەرىجىلىك قول ھۈنەر سەنئەتكارى فەن دۇڭچياڭنى مەخسۇس تەكلىپ قىلغان. ئارىدىكى تۆت پارچە خام ماتېرىيالنىڭ ئىچكى قىسمى بوش، ئازراق چاك كەتكەن بولغاچقا كاردىن چىققان. ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە قاشتېشى 500 نەچچە كېچە-كۈندۈز قاتمۇقات ئىنچىكىلەپ قىرىلغان، 20 نەچچە ئىش تەرتىپى ئارقىلىق ئويۇپ تەييارلانغان، ئەڭ ئاخىرقى سىلىقلاش، پارقىرىتىشقىلا 70 نەچچە كۈن كەتكەن. ئاخىرى بۇ يىل سېنتەبىرنىڭ بېشىدا، بۇ مۇكەممەل، نەپىس، نېپىز خوتەن قاشتېشى چىنىسى ۋۇجۇدقا كېلىپ، شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى مەدەنىيىتىدە بىر تۈرلۈك تارىخىي رېكورت يارىتىلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، قاشتېشى چىنە قىممەتلىك بۇيۇم سۈپىتىدە ‹‹يىشېڭيۈەن›› قاشتېشى شەھەرچىسىدە ساقلىنىدىكەن، ھازىرچە باھاسى مۆلچەرلەنمەپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە